ئۇيغۇرچە نۇسخىلار ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدە ئۆتۈلگەن دەرس

زۇلھايات ئۆتكۈر

بېرگىندە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىشىدا «ئۇيغۇر سەرگەزچىلىك ھۈنىرى» ھەققىدە ئىككى سائەتلىك دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھالسىراپ قالغان، جۈملىدىن ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋەزىيەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەرگە بۇ ھەقتە بىلىم بېرىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر خىزمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوبدان تونۇپ يەتكەن ئىدىم. دەرس تېمىسىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ، بۇ بىر دەرس بولغاچقا چوقۇم پېداگوگىكىلىق مېتودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆتۈلۈشى كېرەك ئىدى. شۇڭا دەرسنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلدۈم. بالىلار ئۈچۈن «سەرگەزچىلىك» ھۈنىرى ناتونۇش ئاتالغۇ بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە تەۋە بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىق، سەنئەت قاتارلىق شاخچىلاردىن باشلاپ سۆز ئېچىشقا توغرا كەلدى.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا كۆرۈلىدىغان نۇسخىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. مىسالغا ئانار نۇسخىسى، بادام نۇسخىسى، ئەتلەس نۇسخىلىرى ۋە لوڭقا نۇسخىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تۇرالغۇ ئۆيلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى ئەكسىنى كۆردۇق.

بۇ نۇسخىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى قوللانغان نۇسخىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتۇق. بىر قىسىم نۇسخىلار ئوخشاش شەكىلدە بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقاد ۋە كۈلتۈردىكى خەلقلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان سىمۋوللۇق مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا بىر مىللەتنىڭ تەۋەلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا بولسۇن ياكى مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا بولسۇن ، نۇسخا ۋە نەقىشلەرنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، كىملىك بىلەن نەقىش-نۇسخىلارنىڭ زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار، ئاسارە-ئەتىقىلەر، قۇرۇلۇشلاردا كۆرۈلىدىغان نۇسخا ياكى خەت شەكىللىرىنى سۇيئىستىمال قىلىپ، تارىخىي چىنلىقى ياكى ئىلمىيلىق دەرىجىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ئويدۇرمىلارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا؛ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇسخىلارنى خىتاي مەدەنىيىتى ئېلېمېنتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلماقتا. ئوقۇغۇچىلار بۇ چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ھەزىم قىلالماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭا ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى بادام نۇسخىسىنىڭ ئورنىغا خىتايچە بۇلۇت نۇسخىسى ۋە بەخت تۈگۈچى نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلارنى كەشتىلەپ ئۆزگەرتىپ بازارغا سالغانلىقىنى مىسال كۆرسىتىپ بەردىم. شۇڭا ياشلىرىمىز كەلگۈسىدە ئۆز مەدەنىيتىنى ئىلىم ۋە بىلىم ئارقىلىق قوغدىشى، ياۋلارغا رەددىيە بېرىشى كېرەكلىكىنى جېكىلىدىم.

كىچىك سىناق سۈپىتىدە خىتايچە، ئوسمانلىچە، قازاقچە، تۈركمەنچە، ئۇيغۇرچە نۇسخىلارنى كۆرسەتكىنىمدە، بالىلارمۇ توغرا ھۆكۈم قىلىپ پەرقلەندۈرۈپ باقتى.

بالىلار يۇقىرىقى مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ كاللىسىدا بىراز ئۇقۇم شەكىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن سەرگەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ تارىخى، سەرگەزچىلىك جەريانى، بوياق تەييارلاش ، قېلىپ ياساش قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە سۆزلەشتۇق ۋە ئۈلگىلەر كۆرسىتىلدى.

كېيىنكى قىسىمدا ئەنئەنىۋىي سەنئىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تەييارلىغان ئۇيغۇرچە نۇسخىلارنى ئاساس قىلغان دوپپا شەكىللىك، راۋاب شەكىللىك، ئەتلەس گۈل، بادام گۈل قاتارلىق قېلىپلارنى ئىشلىتىپ كاناپ سومكا ۋە قاپچۇقلارغا نۇسخا باستۇق. بالىلارمۇ ئەركىن تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، «ئۇيغۇر» سۆزىنى ھەر بىر ئەسىرىگە بېسىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بالىلارنىڭ ئۇيغۇر روھىنى ئۆزلىرىگە قانات قىلىپ تېخىمۇ ئېگىزلەردە پەرۋاز قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

يە ئاۋغۇست 24 , 2025
ستراسبۇرگ، فرانسىيە – ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ يىلمۇ فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى مەسىلىلىرى ئۈستىدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. 21-23-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى بولغان ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق پائالىيەتكە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن مىركامىل تۇرغۇن ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ […]
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى

You May Like