ئۇيغۇر يۇنايتىد-2021-يىللىق ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابېقىسى چىمپىيونلۇقىغا ئېرشتى.ئۇيغۇر كارخانىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قوللىدى.

ئۇيغۇر يۇنايتىد (Uyghur United )-بىرلەشكەن ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن)-ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر يۇنايتىد كىلاسسكو كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن) بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر يۇنايتىد ياشلار كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى توپ نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقتى.

ئۇيغۇر يۇنايتىد-2021-يىللىق ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابېقىسى چىمپىيونلۇقىغا ئېرشتى.ئۇيغۇر كارخانىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قوللىدى.

 

تۇرسۇنجان،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2021-يىلى، 8-سىنتەبىر

 

ئۇيغۇر يۇنايتىد (Uyghur United )-بىرلەشكەن ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن)-ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر يۇنايتىد كىلاسسكو كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن) بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر يۇنايتىد ياشلار كوماندىسى ئىككىگە قارشى ئۈچ توپ نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقتى.

ئۇيغۇر يۇنايتىد كىلاسسىكو كوماندىسى ئىككىنچى بولدى،سان فىرانسسكو كوماندىسى ئۈچنچى بولدى.

ئۇيغۇر ئۇنايتىد كىلاسسكو كوماندىسىنىڭ 1- نۇمۇرلۇق ھۇجۇمچىسى ئارمان ئالىم 7 توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرشتى.

ئىزچىلار كوماندىسنىڭ ۋاراتارچىسى مۇساياخشى ئىپادىسى بىلەن مەرھۇم توپچى ئىراان مالىك نامىغا تەسس قىلىنغان ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرشتى.

 

ئەڭ قىممەتلىك توپچى مۇكاپاتىغا ئۇيغۇر ئۇنايتىد كىلاسسكو توپچىسى فاروق ئېرىشكەن بولسمۇ، ئۇ بۇ پۇرسەتنى ياش توپچىلاردىن ئۇيغۇر يۇنايتىد ماھىرى ساھىلغا بەردى.

 

 

 

ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى 2021-يىللىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار تېزىملىكى:

«ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى»، «ئۇيغۇر بىرلەشمە كلاسسىك كوماندىسى»، «مارىيلاند ئۇيغۇر كوماندىسى»، «بوستوننيۇيورك بىرلەشمە ئۇيغۇر كوماندىسى»، «سانفرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» ۋە «ئىزچىلار كوماندىسى» قاتارلىق ئالتە كوماندا قاتناشتى.

 

ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى 2021-يىللىق مۇسابىقىنى قوللىغان شركەتلەر:

 

دولان ئۇيغۇر رستۇرانى

مىم تائاملىرى

تېخنىكا سركۇلى مەكتىۋى

يۇنايتىد كودىر مەكتىۋى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاتىلار كوللىكتىۋى

سان فرانسسكو كۈسەن تائاملىرى

ئۇيغۇر كوللىكتىۋى

ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيتى

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئاتىلار بىرلەشمىسى-بارلىق جامائەت ۋە توپچىلار ئۈچۈن ئايرىم زىياپەت بىرىپ كۈتۈۋالدى.

مۇسابىقە جەريانىدا پۇتبولدىن باشقا يەنە، سانفىراسسكودىن كەلگەن قىزلار ۋالىبول كوماندىسمۇ-ئاتىلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ،ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتى.

سان فىرانسسكودىن كەلگەن ۋاسكىتبول كوماندىسى چىمپيون بولدى.

 

 

ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان،روھىغا كۈچ قوشىدىغان، جامائەتنىڭ ئۇچرىششى ۋە دوسلۇقىنى سەھنە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر كوللىكتىۋى سوتسيال مېدىيا ھساۋاتى ۋە ئەپەندىم دۇكىنى مەسئۇللىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىلىپ كىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتى بىلەن تونۇشۇش پۇرستى تەمىنلىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن ئىچىلىش مۇراسمى ۋە يېپىلىش مۇراسمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، مۇسابىقە جەريانىدا كۆپچىلىككە مۇسابىقىنى جانلىق ۋە ئۆزگىچە شەكىلدە چۈشەندۇرۇپ،كەيپىياتنى جانلاندۇردى ۋە ۋەتەنپەۋەرلىك، بىرلىكنى تەۋسيە قىلدى.

 

ئالاقىدار ئۇلانمىلار:

ئۇيغۇر تەنتەربىيە فېدراتسيەسى تور بېكىتى

https://uyghursportsfederation.wordpress.com/uyghur-american-cup-2018/

ئامېرىكا ئاۋازى 2018-يىللىق خەۋىرى

https://learningenglish.voanews.com/a/uyghur-american-football-cup-2018/4476889.html

 

https://m.facebook.com/watch/?extid=SEO—-&v=353914426198987&_rdr

 

https://twitter.com/SophieHRW/status/1425556543005761539

 

https://www.voicetube.com/videos/130297/47559365

 

 

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/putbol-musabiqe-09072021185535.html

 

Uyghur Reporter

Next Post

كانادا ئۇيغۇر مەسجىدى ئىچىلىش مۇراسمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

چا سېنتەبىر 8 , 2021
كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ،نۇرغۇن تېرشچانلىق ئارقىسدا،كانادا ئۇيغۇر مەسجىدى پات ئارىدا رەسمى يوسۇندا ئېچىلىپ ئىبادەت ۋە پائالىيەتلەر ئىلىپ بېرىلىدۇ.

You May Like