ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش توغىرسدا

مەمەت توختى

بىزگە قارشى خىتاينى قوللىغانلارنىڭ تىلى بىزنىڭ تىلىمىزدا يەر تاپماسلىقى كىرەك.

بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئۇلۇق ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرى تىلىمىزنى ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىۋانى لۇغەتىت-تۈرك ئاتلىق تەڭداشسىز تىلشۇناسلىق قامۇسىنى پۈتتۈرۈپ كىيىنكىلەرگە، شۇنداقلا بىزگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش ۋە مىللى ئاڭ پەيدا قىلغان ئىدى.

لىكىن ئەمدىلىكتە بولسا بوۋىمىز مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنىڭ دەل ئەكسىچە تىلىمىز بارغانسىرى ئەرەپ پارىس تىللىرىنىڭ يېغىندىسىغا ئايلاندى.

بولۇپمۇ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ھالقىلىق سۆزلەردىن گۆش، نان، ھەپتىنىڭ كۈنلىرى، ھەممىمىزنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىمىز قاتارلىقلارمۇ تولۇق ئەرەپ پارىسچىلىشىپ تىلىمىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى ساپلىقى بۇلغاندى.

شۇنداقكەن مىللى كىملىكىمىزنىڭ ھۇلى بولغان تىلىمىزنى سۆيمىگەن، ھەتتا خىتاي بىلەن بىر لىنىيەدە تۇرۇپ بىزنىڭ يوق بولىشىمىزغا تولۇق يانتاياق بولۇۋاتقان ئەرەپ پارىسلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەسىدىن ئۇلۇق تىلىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن توپيەكۈن بولۇپ

ئاتلىنىش ۋاقتى كەلدى.

بىزنى سۆيمىگەنلەرنىڭ تىلى بىزنىڭ تىلىمىزدا ياكى بولمىسۇن ياكى ئازايسۇن

تىلشۇناسلىرىمىز خۇددى ئۆتكەن ئەسىر باشلىرىدا باشقا تۈرك قېرىنداشلار باش قاتۇرغاندەك تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشى ۋە ھەممىمىزگە ئۈلگە بولىشى كىرەك.

مۇھەببەت ئورنىغا سۆيگۈ، نەپرەت ئورنىغا ئۆچمەنلىك، گۆش يېرىگە ئەت دىگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش سۆزلىكىدىن باشلىساق ۋە ئومۇملاشتۇرساق، بەزى ئەرەپچە سۆزلەر ئورنىغا ئۇنىۋىرسال قوبۇل

قىلىنغان سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرساق بولىۋىرىدۇ.

مەن بۇ يازمىدا ئامال بار ئۇيغۇرچە سۆزلارنى ئىشلىتىشكە تىرىشتىم ۋە شۇنداقتىمۇ بەزى ئەرەپچە سۆزلەردىن ئۇزاق قالالمىدىم.

ئويلىشىشقا تىگىشلىك.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خەلق ئاۋازى: ۋەتەن بىزنىڭ، ئەمما خىتتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ۋەتەنگە زىيارەتكە بارساق بولامدۇ؟ 

دۈ ئاۋغۇست 12 , 2024
نۇرى مۇسابايوۋ (ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئوبزورچى) (ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاپتورنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)  2024- يىلنىڭ كىرىشى بىلەن، خىتتاي غەرىب ئەللىرىدىكى 8 دەۋلەتكە  ۋە ئائۇسترالىيەگە  قارىتىلغان ۋىزا ئېلىشنى بىكار قىلىپ،  ۋىزاسىز ساياھەت قىلىشنى يولغا قويدى.  غەرىب ئەللىرىگە  ئىشىكنى ئېچىۋەتتى. يەنە ئامېرىكى ۋە كانادا پۇقرالىرىغىمۇ ۋىزا ئىشلىرىنى قۇلاي قىلىۋەتت.   بۇ […]
خەلق ئاۋازى-مېنىڭمۇ گېپىم بار

You May Like