ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ بەش قاتلىمى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى 

(سناق نۇسخسسى)

تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

(ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن )

چەتئەللەردە پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان ئۈمىدلىرى ۋە ئالاقىلىرى مونۇ بەش نۇقتىغا يېغىنچاقلىنىدۇ،ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىقى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسانى ھوقۇقىنى قوغداش،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك رەسمىيتىنى ھەل قىلىش ،ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاراتقۇ خەۋەرلىرى ئشلەش قاتارلىقلار بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدار بۇ بەش قاتلامغا تۇتقان پوزىتسيەسى ۋە مەيدانىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمىزبۇ بەش نۇقتىلار بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنىمۇ يىتەرلىك ئۇچۇرغا ئېىرشكەندىن كىين باھالاش مۇمكىن.مۇناسۋەتلىك ئامىللارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ،قانداق قىلىش ھەققىدە پىكىر قىلغىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇ يازمىدا نىمە قىلىش كىرەكلىكى ھەققىدە توختالمايمىز .بىر قسم ئۇيغۇرلارنىڭ زىيادە ئۈمىدسزلەنمەسلىكى ۋە تۈركىيەگە نەپرەتلەنمەسلىكى ئۈچۈن بىر قسم  خەۋەر ۋە پاسسپ باھالار كىرگۈۈزۈلمىدى.

ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ بەش قاتلىمى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى 

بىرىنچى قاتلىمى :ئۇيغۇر مۇستەقىللىق مەسلىسى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر مەسلىسدىكى بەش قاتلام ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ مۇھىم قاتلام،ئەڭ نازۇك تېمىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى-ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق  دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن قارشى بولۇپ،بىزنىڭ ۋەتىنىمىز -خەلقئارا قانۇن -تەرتىپلەر ئارقىلىق ختتاي زىمىننىڭ بىر قسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنپ بولۇنغان بىر ئەھۋالدا ،خەلقئارادا ھىچقانداق بىر ھۆكۈمەت تېخى << شەرقى تۈركستان ختتاينىڭ زىمىنى ئەمەس،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايمىز،ئۇيغۇرلارنى قورال كۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز،خەلقئارا دىپلوماتىيە سورۇنلىرى ۋە مېدىيالاردا مۇستەقىللىقنى ھىمايە قىلىمىز،ختتاي شەرقى تۈركستاندىن چېقىپ كەتسۇن  >>دىگەن سۆزنى دەپ باقمىدى.

بۇنداق بايانات ياكى ئىپادە بىلدۇرۇش دىپلوماتىك مۇناسۋەتنى رەسمى ئۈزۈش،سودا-ئېقتىسادى ئالاقىنى توختىتىش،ختتاينىڭ ئېقتسادى جەھەتتە جازالىشى ۋە  يېتىم قالدۇرۇشغا ئۇچراش ،ھەتتا ئۇرۇش قوزغاش ۋە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش قاتارلىق ئشلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئۇزۇندىن بىرى ،<<تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى قوللايمىز >>دەپ ئاشكارا بىلدۇرۇپ باقمىغان بولسمۇ، ئوخشاشلا <<ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىغا قەتئى  قارشى تۇرىمىز >>دىگەن سۆزنىمۇ ئاشكارا دەپ باقمىغان ،ئەمما ھەمىشە <<ختتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىمىز ، ختتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىككە ،تىرورچىلىققا قارشى تۇرىمىز،ختتاينىڭ مەنپەئىتى بىزنىڭمۇ مەنپەئىتىمىز،تۈركىيە زېمىندا ختتاينى پارچىلايدىغان قىلمىشقا يول قويمايمىز ،ختتايغا قارشى مىديانى چەكلەيمىز>>دەپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بىرىقى تۈركىيە دىپلوماتىيەسدە ئۆزگىرىش ئىنتايىن زور بولدى ،تۈرك ھۆكۈمىتى ئەردوغاننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمران دۆلەت بولۇش ئارزۇسى ۋە بىر قاتار قاتتىق قول ئىچكى سياسەتلىرى سەۋەبلىك غەرپ بىلەن قارشىلىشش يولىغا قاراپ ماڭدى ،دىموكراتىيە چەمبىرىكى بولغان غەرپتىن ئايرىلغان ئەردوغان شەرقتىكى ئىككى تاجاۋۇزچى دۆلەت روسيە ۋە ختتاي بىلەن يېقىنلاشتى.ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاشكارا قوللىمايدىغان تۈركىيە يېقىنقى سياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاشكارا قارشى ھالەتكە ئۆتتى .

مۇناسۋەتلىك توختام كىشلىملەرگە ئاساسەن <<تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدۇ ،قوللىمايدۇ،ئەگەر ختتاينى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلار بولسا،ئۇنى تۇتىدۇ،جازالايدۇ ياكى ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ >>. نۆۋەتتە تۈركىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارغۇچى تەشكىلاتلار مۇستەقىللىق تەرغىپ قىلغۇچى ئەمەس بەلكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات ھسابلىنىپ،بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەن پائالىيەتلىرىگە دۆلەت چەك قويىدۇ.ئابدۇقادىر ياپچان ۋە باشقا نۇرغۇن ئاشكارا  ھالدا مۇستەقىللىق تەرەپدارى ۋە تەسرى بولغان <<مەن مۇستەقىلچى ۋە مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۆرەش قىلىمەن>>دىگەن باشقا نامسز يوقالغان ۋە ئۆتكۇزۇپ بىرىلگەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش سياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.

ئىككىنچى قاتلام:ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئنسانى ھوقۇق مەسلىسى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى

ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىيالمىسمۇ،ئەمما خىتتاي ئىمزا قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى،تىل-يېزىقى ،قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ھەم ختتايغا قارىتا تەدبىر كۆرۇش ھوقۇقى بار .

ئاددى تىل بىلەن  ئىيتساق،بۇ قاتلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۇتىدىغان ئۇمىدى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ختتاي ھۆكۈمىتىگە مۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئىبارەت :<<مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمەن،ئەمما ئۇلارنىڭ نورمال ئنسانلاردەك ياشاش ھوقۇقى بار ،شۇڭا ئۇلارنى بەك بوزەك قىلماڭلار،ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى،تىل-يېزىقىنى ھۇرمەت قىلىڭلار،خالىغانچە ئادەم تۇتماڭلار،گۇناھسز كىشلەرنى قويۇپ بىرىڭلار ،ئەگەر ئۇيغۇرلارنى خورلساڭلار ،مەنمۇ سلەرگە قارشى  مۇنداق تەدبىرىم ۋە پىلانىم بار >>دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇنداق سادانى بىلدۇرمەيۋاتىدۇ.تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۇرىشچە،<<ئۇلار نەچچە قېتم دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە پارلامىنتىغا يەتكۇزگەن ئەمما تۈركىيە تەرەپ ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ساقلاش ئۈچۈن ،ئۇيغۇرلارنى قوغداڭلا ،بوزەك قىلماڭلار دەپ بايانات بىرىشتىنمۇ قورققان،ھەتتا ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ئاخباراتلارنىڭ تۈركچىسىدە مەسلەن ت ر ت دا ختتاينى تەنقىدلەپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئشلەش توختىتىلغان .. >>

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىختىن بىرىقى مسلىسز ئىغىر ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە،بۇ ھەقتە غەرپ ھۆكۈمەتلىرىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى،كانادا ھۆكۈمىتى،گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادە بىلدۇردى ۋە بايانات ئىلان قىلدى ،بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپتىن  تاشقى ئشلار منستىرلىكى ،دۆلەت مەجلىسى تەرەپتىن ختتاي كومېتىتى بەش ئاي  ئىچىدە جەمئى ئالتە قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۇججەت خاراكتىرلىك بايانات ئىلان قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتى سەۋەپلىك تەنقىد قىلدى ۋە سياستىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېغىنىدا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ختتايلار بىلەن يېرىكلەشتى. بۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن نيۇرك ۋاقىت گېزىتى،بىرلەشمە ئاگىنتلىقى ،ۋاشنگىتون پوچتىسى ۋە ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۇمىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ،مىديا خەۋەرلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئويغاتتى.ئۇنىڭدىن باشقا ئنسانى ھوقۇق ھەققىدە پىكىر بىلدۈرگەن تەشكىلات ۋە ئورگانلار ناھايتى كۆپ بولۇپ،كەچۈرۈم تەشكىلاتى،كۆزىتىش تەشكىلاتى،ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىقلار مەخسۇس دوكلات ۋە بايانات بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلار ۋە سۆھبەتلەردە بىلدۇرىشچە ،ئۇيغۇرلارنى قوينىغا ئالغان دۆلەتلەر پەقەت تۈركىيە ئەمەس،ئاۋستىرالىيە،،كانادا ،ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ تۇرۇش ئىجازىتى ،ئشلەش رۇخستى ۋە يېشل كارتا قاتارلىقلارنى بارلىق كۆچمەنلەرگە قانۇنى تەرتىپ بويىچە پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنى بىرىدۇ.ھەم ئەلۋەتتە ئنسانى ھوقۇقىغىمۇ كۆڭۇل بۆلىدۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن ئەمەس،ھىچبولمىسا نورمال  ئنسانى ھوقۇقى،تۇرمىلەرگە قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار،لاگىرلاردىكى 2 مىلىيونغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى،چېقىلغان مەسجىدلەر،كۆيدۇرۇلگەن قۇرئانلار،ختتايلارغا مەجبۇرى نىكاھلانغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ھەققىدە سۆزلىشى كىرەك ئىدى،تۇركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرىنداش،شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستاننى ئاتا يۇرت دىمىسمۇ ،خۇددى تۇركىيە ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز قىلغاندەك ،ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پەقەت <<بۇلارمۇ بىر ئنسان ،بۇلارمۇ بىر مۇسۇلمان ،ياشاش ھەققى بار ،ئۇلارنى قىرغىن قىلماڭلار >>دىيشى ئادىمى مەجبۇرىيەت ئىدى.

ئىككىنچى قاتلامدا،تۇركىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىدى.

ئۈچىنچى قاتلام :ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسلىسنى ھەل قىلىش ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى

كۆچمەنلەرنى جايلاشتۇرۇش،تۇرۇش ئىجازىتى ،پۇقرارلىق ئىجازىتى بىرىش-خەلقئارا قانۇنغا كۆرە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق سياسىتى .بۇ سياسەت تۇركىيەدىمۇ بار بولۇپ،ئافرىقىلىقلار،ئەرەبلەر،ئوتتۇرا ئاسيالىقلار،ياۋروپالىق كۆچمەنلەر ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ.ھەممىسى ئۇچۇن ئوخشاش سياسەت قوللىنىلىنىدۇ.پەقەت قانۇنى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە ،ۋاقىت ۋە تەرتىپ بويىچە مۇناسۋەتلىك سالاھىيەتكە ئىرىشەلەيدۇ.ئەردوغان ھۆكۈمىتى سايلام مەزگىلىدە سۇرىيە،پەلەستىن ،يەمەن،ئىراق بولۇپ 3 مىلىيونغا يېقىن كۆچمەن تۈركىيە پۇقرالىقىنى بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئستانبۇلدىكى تۇرسۇنجان مۇنداق دىدى:،ئۇيغۇرلار قىرىنداشلىق ۋە ئىغىر كۇنلىرى سەۋەپلىك  تۈركىيەنىڭ قوللىشى ۋە ئالاھىدە ئېتىۋار سياسەتكە ئىرشش تۈگۈل، تۈركىيە قانۇنى بويىچە نورمال سالاھىيەتكە ئىرىشش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم ،ھەتتا نۇرغۇنلىرىنىڭ رەسمىيەتلىرى كىچىكمەكتە،بۇنىڭدا ئاساسلىق سەۋەب، ياكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن كەتتى  ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ناچارلىق قىلدى ،ئۇيغۇرلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا مۇناسۋەتلىك سالاھىيەت بەلگىلىرى يوق،نۇرغۇنلىرى گۇماندار،يەنە بەزىلىرى مۇناسۋەتلىك تەرتىپلەرنى ئۇقمايدۇ،ئىزدەنمەيدۇ،ئورۇنسز قاخشايدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركىيەدىكى ئوبرازى بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس،تەرەققىيات ۋە زامانىۋىيلىق،تىچلىقتىن كۆرە،سۇرىيە ئۇرۇش سپىدىكى رادىكاللىق ئوبرازى،مۇستەقىل ئەمگەك قىلىشتىن كۆرە،باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىش سەۋەبىدىن قسمەن ئوبرازىنى يامانلىشۋاتىدۇ ،تۈركلەر ئۇيغۇرلارغا بىلدۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ،يەنى ئۇيغۇرلارنى بارغانسرى بىچارە مىللەت،ھىسداشلىقتىن باشقا ھىچنىمە سورىمايدىغان مىللەت ،تىرىشمايدىغان ھورۇن مىللەت دەپ قارايدىغان ئەھۋال كۆپىيۋاتىدۇ،بۇنى يوشۇرساق ،داۋا قىلمىساق ،بىر پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى پۇتۇنلەي يامانلىشدۇ،تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناچارلىقى ؛بەلكىم ختتاينىڭ بېسمىمى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن >>

نۆۋەتتە ،تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسيادىن قالسا ،ئەڭ كۆپ يۇرت-ماكانسز ئۇيغۇر ياشايدۇ.تۈركيە خەلقى ئۇيغۇرلار بىلەن قىرىنداش ،مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن،سياسەت جەھەتتە ئەركىن بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە تۇرۇشنى تاللىغان،ئەمما تۈركىيەدە يىللاردىن بىرى ،قانۇنلۇق تۇرۇش ئىجازىتى ،پۇقرالىق ئىجازىتى ئالالمىغان ئۇيغۇلار ناھايتى كۆپ.

نۆۋەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمىيەتسز ئۇيغۇرلارنى تىزىملىغان،تۇتۇپ تەكشۇرىۋاتقانلىقىغا ئائىت يىتەرلىك مەلۇماتلار بار.

ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،تۇركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا <<قسقا مۇددەت تۇرۇش ئىجازىتى>>بىجىرىپ بەرمەكچى بولغان بولۇپ،ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان قەيسەرجان  مۇنداق دىگەن :تۇركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەلىكلەرگە ھەتتا پۇقرارلىق سالاھىيتى بىرىشنى ۋەدە قىلدى،ئۇيغۇرلارغا ئەجەپ مۇقىم تۇرۇش رۇخستىنىمۇ شۇنچە تەستە بىرەمدۇ ؟  ئۇنداقتا پۇقرالىق سالاھىيتى ئۇچۇن ئۇيغۇرلار يەنە قانداق بەدەللەرنى  تۆلىشى كىرەك ؟ بىز ئەتەي ئۆگەيلىنىۋاتامدۇق ؟بۇ قانداق ئويۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ ؟گۇناھ زادى بىزدىمۇ ياكى بىزنى ستىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزدىمۇ ياكى مەسلىنى تولۇق ئاڭلىتالمايۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزدىمۇ ؟ئ‍ستانبۇلدىكى ئابدۇللا قارىم مۇنداق دىدى :بىر قسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەردوغان ھەققىدىكى راست گەپلەرنى دىگۇزمەسلىكى ،تەنقىد قىلغۇزماسلىقى -بىزنى ئۇلارنىڭ ئىماندىن گۇمانلانغۇزىدۇ،زادى بىز ئەردوغانغا »ئىمان ئىيتيتتۇقمۇ ياكى ئاللاھقىمۇ ؟فايس بۇكتا نىجات ئسملىك بىر تورداش :<<ئەدروغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇئال قويغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاقارەت قىلىشى -ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى شەخسى تۇرمۇشى ۋە مەنپەئىتى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىق ،ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسنى قىلغۇزماسلىقى-ئوخشاشلا  ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ۋەتەن ساتقانلىق بىلەن ئوخشاش!چۇنكى ھەتتا بىز تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئ‍ۆزۇڭلارنى قوغداڭلار دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەكمۇ ،ئەردوغاننى يامانغا چىقاردىڭ دەپ قارشى تۇرىدۇ.بۇنى بىر ئۇيغۇرنىڭ دىيشنى چۇشەنگىلى بولمايدۇ،بىزنى قوغدىمىسا،ئەكسچە تۇتۇپ بەرسە،ئۇنىڭغا ئشەنمەسلىك ھوقۇقىمىز بار.>>كىين ئۇ بۇ سۆزىنى ئۇنى تىللىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ ئۆچۇرۋەتكەن.

تۆتىنچى قاتلام :ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش ۋە تۈركيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى

ھەر قانداق دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنى،يېغىلىشلارنى ئىلىپ بىرىشى -قانۇنغا ئۇيغۇن.شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە قانۇنىغا قارشى چىقمايدىغان  بۇنداق يېغىلىشلار قوللاشقا ئىرىشدۇ. غەرپ دۆلەتلىرى،ياۋروپا،ئامېرىكا ،كانادا،ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تەشكىلاتلىرى،ئاممىۋى پائالىيەتلىرى مەدەنىيەت،تىل-يېزىق،سەنئەت،سياسى يېغىلىش،نامايىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تۈركيە جۇمھۇرىيتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار نەچچە مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ،تەشكىلات قۇرۇش رەسمىيتى ئىنتايىن ئاسان بولغان بۇ دۆلەتتە نەچچە ئون ئۇيغۇر -شەرقى تۈركستان تەشكىلاتلىرىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قسىمدىن ئىبارەت. ختتايغا قارشى سياسى ھەرىكەت ئىلىپ بارمايۋاتقان ھەر قانداق تەشكىلات -ئاممىۋى تەشكىلات ھسابلىنىدۇ،بۇ جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركىيەدكى تەشكىلاتلىرى مۇتلەق كۆپ قسمى ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ،بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە تۇركىيە جۇمھۇرىيتى ئاساسى قانۇنىغا بىنائەن قوغدىلىدۇ.تۇركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى -ئاساسلىقى  ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ خىزمىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ،ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ياردەم قىلغان مەبلەغ ئارقىلىق ئۇيغۇر كۆچمەنلىرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ،دىن ئۆگىنىش،،بالىلارنى تەربىيلەش ،كۆچمەنلىك رەسمىيتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشكەن.بۇ خىل كۆچمەنلەر خىزمىتى مەسلىسى-دۆلەتنىڭ تاشقى سياسىتىگە تاقاشمايدىغان بولۇپ،تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى سياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خۇددى ئامېرىكا،ياۋروپا ،كانادا،ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خاتىرجەم ھەرىكەت ئىلىپ بارسا بولىدۇ.

بۇ قاتلامدا ،تۇركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قانۇن بويىچە نورمال مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقى ،پائالىيەت قىلىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى ئۇچۇن رەھمەت ئىيتشقا ئەرزىيدۇ.

بەشىنچى قاتلام :ئۇيغۇرلار ھەققىدە مىدييا خەۋەرلىرى ۋە تۇركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى

ئاخبارات ۋە تاراتقۇ نورمال دىموكراتىيە ۋە قانۇن -تۇزۇم دۆلەتلىرىدە ھۈرمەت قىلىنىدىغان ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقتۇر،ھەر قانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن ،ئەركىن سۆزلەش،يېىزىش،تارىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.نۆۋەتتە ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بىرىلمىگەن تىل ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئاساسەن ئاز قالدى.ئەمما دەرىجىسى،مەزمۇنى،سۇپىتى ئوخشمايدۇ.

تۈركىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارسىىنڭ تۇزۇمىدىن تولۇق خەۋىرى بار ئەنقەرەدىكى بىر زىيالى ئۇيغۇرنىڭ بىلدۇرىشچە،<<تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ختتاينى تەنقىدلەپ خەۋەر ئشلىشى 2018-يىلدىن باشلاپ قاتتىق چەكلەنگەن.بولۇپمۇ ت ر ت نىڭ تۇركچىسدە بۇ ھەقتە خەۋەر ئشلەش،تارقىتشقا بولمايدىكەن.ئەمما ت ر ت نىڭ ئنگىلىزچىسدە يېقىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر ئشلەنگەن بولۇپ،ت رت ئىنگىلىزچىسنىڭ خەلقئارالىق كۆرۇرمەنلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن >>.نىيۇيوركتا ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشغا تۇركىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بىر نەچچە تاراتقۇسى تەكلىپ قىلىنغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقىمۇ بار بولۇپ،ئۇلار بارىمىز دىگەن بولسمۇ ،يۇقىرىدىن قوشۇلمىدى دەپ بارمىغان.ئىنتىرنىتتىن تەكشۇرۇپ كۆرسەك،تۇركچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەرنى خىلى كۆپ ئۇچرىتىمىز ئەمما بۇلارنىڭ كۆپ قسمى پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولمىغان،تەسرى كىچىك بولغان تاراتقۇلاردىن ئىبارەت.

تۈركىيە تاشقى ئشلار منستىرى چاۋۇشئوغلۇ مۇشۇ يىل بېشدا ختتاينى زىيارەت قىلغاندا،ختتايغا قارشى تاراتقۇلارنى چەكلەشنى ئىلان قىلغان بولۇپ،بۇ پەقەت ئۇيغۇرلار ئۇچۇنلا ئەمەس،بىر دۆلەتنىڭ قانۇن-تۇزۇملىك دۆلەت ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولغان   تاراتقۇ ئەركىنلىگە ئىغىر دەخلى تەرۇز قىلغانلىق ھسابلىنىدۇ.بىر كۆزەتكۇچى مۇنداق دىدى :تۇركىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەرنى چەكلەشنىڭ ئىككى تۇرلۇك پايدىسى بار ،بىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارا ۋە تولۇق بولغان تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى بىرىش چەكلەنسە،تۇرك پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى بىلەلمەيدۇ دە تۇرك ھۆكۈمىتىگە بېسم چۇشۇرەلمەيدۇ،تۇرك ھۆكۈمىتىنىڭ ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتى راۋان داۋاملىشدۇ،يەنە بىرى تۇركىيەگە غايەت زور ئېقتسادى مەنپەئەت ئىلىپ كىلىۋاتقان ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋىنى ئورۇندىغان بولىدۇ،چۇنكى ختتاي خەلقئارا رامكىدا تۇركىيە بىلەن ئېتتپاقداش ،ئەمەلى مەنئەت نۇقتسدىن ،ختتاي ساياھەتچىلىرى،ختتاي مەبلەغچىلىكى تۇركىيەگە تېخىمۇ زور ئۇنۇم بولىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇرلارنى پۇتۇنلەي ئۈمۈتسزلەندۈرمەسلىك،ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ،ختتايغا بېسم چۈشۈرۈش،ئاندىن ختتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ،تېخمۇ زور ئېقتساد مەنپەئەتكە ئىرىشش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن ۋە ئسرائىلىيە ئوتتۇرىسدا ئوينىغان سودا ئويۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن.>>.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدىن پايدىلىنىپ ،تۇركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى زۇلۇم خەۋەرلىرىنى تۇركىيەنىڭ بارلىق تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا خەۋەر قىلىشنى رۇخسەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىرىشش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.شۇنداق بولغاندىلا خەلق ئارىسدىكى قوللاشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مىللىيى گېزىتى :بىنالى يىلدرىم :شەرقى تۈركستان ھەققىدە"ختتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بىز ئۈچۈن مۇھىم"

يە ئىيۇن 17 , 2018
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇ خەۋەرنى تۈركىيە مىللىيەت گېزىتىنى خەۋەرلەندۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇردى .تەرجىمىگە ھىچقانداق كۆز-قاراش قوشۇلمىدى،ئويلاش ۋە تەدبىر چېقىرىش دوسلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى.

You May Like