ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى: ئىسپاتلىق ۋىدىيو توپلاش چاقىرىقى

ھازىرغىچە بىزتوردىن يىغىپ ساقلىغان، خاس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ ئىپادىلىگەن ۋىدىيو(گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى) تەكرارلانمىغاندا 26 پارچە بولدى. بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك زور!

ھازىرغىچە بىزتوردىن يىغىپ ساقلىغان، خاس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ ئىپادىلىگەن ۋىدىيو(گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى) تەكرارلانمىغاندا 26 پارچە بولدى. بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك زور! بۇ خىل ۋىدىيو تېخىمۇ كۆپ جەملەنسە ئۇنىڭدىن ھۆججەتلىك فىلىم، ھەرخىل تىللاردا خەلقئارا خەۋەر ئىشلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتى بار دوستلار ئۇلارنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋىلىشتا، ئىشەنچىلىك تاراتقۇلارغا تارقىتىشتا بوشاڭلىق قىلمىغايسىلەر!   ئۇ ۋىدىيولاردا ئەسلى ۋىدىيو ئىگىسىنىڭ دوۋيىن ئادرىسى، نۇمۇرلىرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ ھەر ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقايسىلەر. ۋىدىيولاردىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكى، يۇرتى، كەسپى قاتارلىقلار توغرىسىدا مەلۇماتىڭلار بار بولسا تېخىمۇ ياخشى! ئەگەر سىلەردە شۇنداق ئۇچۇر بار بولسا ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئىستىقلال، رىفا قاتارلىق ئۆز تاراتقۇلىرىمىزغا يەتكۈزۈشۈڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇملىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەر خىل ۋىدىيو: يىتىم بالىلار، چىقىلغان مەسچىتلەر، ئادەمسىز كوچىلار، ئىرقىي كەمسىتىشلەر، مەجبۇرىي تويلار، كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار، بۇزۇلغان ئۆيلەر…. قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيو رەسىملەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەۋەتىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ ساندان تۇرغۇزۇپ، ھۆججەت تەييارلاشقا زور ياردىمى بولىدۇ. بىز ئەلۋەتتە بۇ ياردىمىڭلارغا سەمىمىي رەھمەت ئىيتىمىز ۋە ئۇنىڭدىن گۈل ئۈندۈرىمىز! ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مەسئۇلى: ئەنۋەر ئەردەم 2019-8-19

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۆگىنىشنىڭ 40 خىل ئۇسۇلى

سە ئاۋغۇست 20 , 2019
ئۆگىنىشنىڭ 40 خىل ئۇسۇلى 1. باش ھەرپلەر بويىچە قىسقارتىپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى.

You May Like