ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ھەمكارلىرى ختتاي ھۆكۈمىتىدىن پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەققىدە سۈرۈشتۈردى

ئۆتكەن ھەپتە پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا، باش ئورگىنى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ( Amnesty International) تەرىپىدىن ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە باشقۇرۇشىدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس» خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبىدىكى ختتايدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ختتايدىن بۇ ھەقتە سۇئال سوراشنى ھاۋالە قىلغانىدى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-يىلى 17-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

 

ئۆتكەن ھەپتە پروفېسسور تاشپولات  تېيىپ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىماللىقى  توغرىسىدا، باش ئورگىنى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ( Amnesty International) تەرىپىدىن ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە باشقۇرۇشىدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس» خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبىدىكى ختتايدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ختتايدىن بۇ ھەقتە سۇئال سوراشنى ھاۋالە قىلغانىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» دىن ئالاقىدار مۇخبىر ختتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۇ ھەقتە سۇئال سورالغانلىقىنى، ختتاي باياناتچىسى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا شىنجاڭغا (ش ت) تېلېفۇن قىلىپ سوراپ بېقىشنى ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىز تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكى تور بېكىتىدىن ختتاينىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر چىقارمىغانلىقىنى كۆردۇق. مۇخبىر بۇنىڭغا جاۋابەن : ختتايلارنىڭ بەلكىم ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيىنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقىنى پەملىگەن، شۇڭلاشقا بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا تاراتقۇ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تاشپولات تېيىپنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغانلىقىمىزنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.»

ختتاي كومپارتىيىسى تاشپولات تېيىپ ۋە خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىپ، دۆلەتنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلاش جىنايىتى بىلەن ئېغىر قاماق جازاسىغا ھەتتا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

نۆۋەتتە بۇ دېلو خەلقئارادىكى ئەڭ جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

نىيۇيورك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە نامايىش

سە سېنتەبىر 17 , 2019
بۈگۈن 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – قىتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش شىتاۋىدا ئىچىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى نىيۇيورك شەھەرىگە جايلاشقان ۋە ئاساسلىق يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر راللي گۇرپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى (كامپائىگن فور ئۇيغۇر) بىرلىكتە نىيۇيورك شەھەرىدىكى خىتتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆزگىچە بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like