ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ۋەتەندىكى مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى، مۇھاجىرەتتىكى سەرگەردان ۋە تارقاق ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر، ئىدىيە ۋە ئۇچۇر سەھنىسى بولۇش سۈپىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قۇرۇلغاندىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن-ئازادلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن كۈرەشلىرىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى-ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان ختاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق زەربە بېرىش، يوقىتىش، ئ‍تىبارسزلاشتۇرۇش، تەنقىد قىلىش نشانىدۇر.شۇنداقلا خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، بىلگىيە ، ياپونىيە، ياكى ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن مۇھىم بولغان تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتىدۇر، شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، ساپالىق، سۈپەتلىك، ئىلغار بىر ئاڭ، چۈشەنچە، مېتودىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىۋاتقان بىردىنبىر تەشكىلاتتۇر.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەينى چاغدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئورگانلىرى ھېسابلانغان، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»نىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى ئاپرىل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. 20 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كۆچۈرگەن د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ھەمدە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب ئەللىرى باشلىق نۇرغۇن دولەتلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە بىھېساب بەدەللەرنىڭ مەھسۇلىدۇر.»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى- كۆپ تىل سەھنىسى ۋە تور بېكەتلىرى ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا يەتكۈزۈشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى، شەخسلەر، ئۇيغۇر بولمىغان ئۇيغۇر دوستلىرى ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئ‍ش-ئ‍ىزلىرىغا خەۋەر ۋە ئانالىز شەكلىدە كەڭرى ئورۇن بىرىپ، سەمىمى ۋە ھەقسز ھالدا ئۇلارنى ئامما بىلەن ئۇچراشتۇردى.ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىر ئاخبارات ۋاستىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر سياسىي تەشكىلات، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقى بولسىمۇ، ئەمما ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى بارغانسېرى غالجىرلىشۋاتقان، ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە تۈركۈم-تۈركۈمگە بۆلۈنگەن، نۇرغۇن ئۇششاق گۇرۇپپىلار ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە غېمىدە تىرىشىۋاتقان، يەنە نۇرغۇن كىشلەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە مىللى كىملىكىمىز ۋە كەلگۈسىمىزدىن ۋاز كەچكەن بىر پەيىتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سىستېمىلىق، تەشكىللىك، ئىلمى، كۈچلۈك شەكىلدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن بىز باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئ‍ش-ئىزلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى-ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئۆتىشىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ھالدا بىر نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئ‍اگېنىتلىقى مۇدىرىيتى

2024-يىلى، 14-يانۋار

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا ساق 10 يىل بولدى

يە يانۋار 14 , 2024
ئۇيغۇرلارغا ئەسلەتمە: ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا ساق 10 يىل بولدى (2014-يىلى 14-يانۋار ) خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرغىچە ئىلھام توختىنىڭ ختاي تۈرمىسدە ئۆلۈك-تېرىلىكىگە ئائىت ھىچقانداق ئ‍شەنچىلىك ئ‍سپات ۋە خەۋەرنى قولغا چۈشۈرەلمىدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (Uyghur Times ) رەسم مەنبەسى: ئىلھام توختى پەرزەنتى جەۋھەر ئىلھام سوسيال مېدىياسى
ئىلھام توختى

You May Like