«ئسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرىمىز، مىللى مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ختايدىن ۋە ختاينىڭ ئېتتپاقداشلىرىنىڭ تۆھمەتلىرىدىن تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمايمىز»!
ھۈرمەتلىك قىرىنداشلار، ئەزىز ۋەتەنداشلار!
مىللىتىمىز ۋەتەندە قىرغىنچىلىق ئىچىدە، بىز چەتئەلدە باشقىلارنىڭ مىللى مەنپەئىتىنى دەپ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ ھالدا بۆلۈنۈش گىردابىدا؛
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يىللاردىن بىرى، ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلغان ئۇيغۇر تاراتقۇسى بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بىرى، باش نشانى -ختاينى ۋە ختاينىڭ قوللىغۇچىلىرىنى پاش قىلىشنى مەركەز قىلىپ كەلمەكتە ۋە ختاينىڭ ھۇجۇم نىشانى، تۆھمەت نىشانى ۋە خاككىرلىق نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.
يېقىندا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ب د ت دا قوللىغان 72 دۆلەت ئىچىدىكى ئەرەب-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بولغان تەنقىدىي خەۋەر ۋە يازمىلىرى سەۋەبلىك،
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ختاي جاللات شى جىن پىڭغا يازغان خېتى توغىرسدىكى پاش قىلىش خاراكتىرلىك خەۋىرى سەۋەبلىك،
خاماس رەھبىرىنىڭ-ختاي ھەققىدىكى باياناتىنىڭ تەرجىمىسى سەۋەبلىىك،
بىر قىسم يامان غەرەزلىك ۋە ئۇقۇمۇشسز كىشلەر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى «يەھۇدى ئاگېنتلىقى» دەپ قارىلايدىغان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى «ئسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقات قىلىدۇ »دەپ قارايدىغان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىزمەتچىلىرىگە، سابىق باشقۇرغۇچى تاھىر ئىمىنغا ختاي تەشۋىقاتىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا تۆھمەت -ئازار بېرىدىغان ھۇجۇملار كۆپەيدى.
بىزگە تەۋە بولغان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان باش ماقالە ۋە باياناتلىرىمىزدا، ھېچقاچان ئسلام ئۆچمەنلىكىگە، ھەرقانداق ئىرقى، ئنسانى، دىنى، جىنسى كەمتىسش ۋە ئۆچمەنلىككە يول قويغان ئەمەس، بۇنىڭدىن كىينمۇ يول قويمايدۇ.
ھەرقانداق ئۆچمەنلىك، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكى، ئسلام ئۆچمەنلىكى، ئەرەب ئۆچمەنلىكى، تۈرك ئۆچمەنلىكى، ئاسىيالىقلار ئۆچمەنلىكى، يەھۇدىيلار ئۆچمەنلىكى ھەققىدە مەزمۇن تارقىتىش-بىزنىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسپىمىز بولغان-«ئۇيغۇر ئۈچۈن راس سۆزلەش»پىرىنسپىمىزغا خىلاپ.
ئسلام دىنى باشقا، يالغاندىن ئسلامغا ۋەكىل بولۇۋالغانلار باشقا ،ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئسلام دىنى نامىدىن قوللىغانلار باشقا.
شۇڭا ئەگەر ئەسەرلىرىمىز ۋە يازمىلىرىمىزدىكى ساختا مۇسۇلمان لىدىرلارنى تەنقىد قىلغان مەزمۇنلار ئارىمىزدىكى سەمىمى ۋە دۇرۇس ئېتىقاتلىق ئوقۇرمەن خەلقىمىزنى رەنجىتكەن بولسا، بىز سەمىمى ئەپۇ سورايمىز ۋە بۇنىڭدىن كىينكى يازمىلاردا بۇ ھەقتە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك دىققەت قىلىمىز.
بىرەر مۇسۇلمان تەشكىلات، جامائەت ئىسلامغا باراۋەر ئەمەس. ئىسلام ھەر تۈرلۈك نوقساندىن خالىي، لېكىن مۇسۇلمانلار نوقسان، كەمچىلىكتىن خالىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تەنقىد قىلىش ھېچقاچان ئىسلامنى تەنقىد قىلغانلىق بولمايدۇ. قېرىنداشلارنىڭ ئىسلام بىلەن مۇسۇلمانلارنى، تەشكىلاتلارنى ئايرىپ قارىشىنى، بۇ ئاڭنى ئۆزىدە شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەگەر ئەسەر-ماقالىلىرىمىزغا قارشى پىكىرلىرىڭىز بولسا-تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلىش- توغرا ئۇسۇل ئەمەس، بىزگە قارشى ئوبزور يېزىڭ، بىز سەھنە بىرەيلى!
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-مۇدىرىيەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدۇ، بىر ئادەمنىڭ قارارى دىكتاتۇرلۇق قىلىدىغان ئورگان ئەمەس.
ھەر قايسى تىل قاناللىرى ئايرىم، پەقەت تېخنىكا خادىملىرىلا ھەر قايسى قانالغا ئورتاق. سلەر كۆرىۋاتقان بۇ مەزمۇنلار-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرچە قانالنىڭ مەسئۇلى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىدۇ.
گەرچە بىز ئېقتسادى كۈچلۈك بولغان ئورگان بولمىساقمۇ پىرىنسپىمىز، قائىدىمىز ۋە كەسپى ئەخلاقمىز بار بولغان ئورگان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مەسئۇلى تۇرسۇنجان،
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم
30-ئۆكتەبىر