ئۇكرائىنا خەلقى مەدەنىيىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەققىدە سۆز ۋە سۈرەتلەر

ئۇكرائىنا خەلقى مەدەنىيىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەققىدە سۆز ۋە سۈرەتلەر

 ئۇكرائىنا  خەلقى مەدەنىيىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەققىدە سۆز ۋە سۈرەتلەر : 

ئۇكرائىنالىقلار رۇسلاردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.92%ئۇكرائىنالىقلار ئۆزلىرىنى ساپ ئۇكرائىن مىللىتىدىن دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئۇكرائىنا مىللىي تارىخى، مەدەنىيىتى، كىملىكى ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم، رۇسلار بىلەن چوڭ سلاۋيان ئائىلىسىدە بىر تۇغقان ھېسابلانسىمۇ ئەمما مۇستەقىل مەدەنىيەت، يېزىق ، خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارايدىكەن. پۇتىننىڭ بۇ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق نۇتقىدا ئۇكرائىنا رۇس مىللىتىمىز، دۆلىتىمىز  ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ ئۇلارنىڭ تارىخنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە رۇسلارغا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ قوشۇلۇشنى تەكىتلىگەن.بۇ ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكا مىديالىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىللىتىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارىغان. ئۇكرائىنا خەلقى بىز ھېچكىمنىڭ پارچىسى ئەمەس ، بىز ئايرىم مىللەت دېگەن . ئۇكرائىنالىقلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت قارشى بولۇپمۇ ئۇكرائىنا مىللىتى -مۇستەقىل دۆلىتى بار ،ئۆز مىللەت نامىدىكى دۆلەتنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قارشى – ئۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا  قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ روھى مەنبەسى ۋە دۇنيانى قوزغىغان سەۋەب بولۇپ قالغان.
ئۇكرائىنالىقلار  قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق كېلىدۇ.
گۈللەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ.
يەرلىك مۇزىكىلىرى ، ئۇسۇللىرى بار. 
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ  خاراكتېر جەھەتتىكى قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلارغا بىر ئاز ئوخشايدىكەن.
ئۇكرائىنالىقلار ئۆيلىرىنى ياخشى بېزەيدۇ. كىيم-كىچەكلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ۋەھىمىلىك: روسيەدىن يېڭىدىن ئۇكرائناغا قاراپ يولغا چىققان ئۇرۇش تانكىلىرى-40 مىل ئۇزۇنلۇقتا قەدەر سوزۇلۇپ ماڭماقتا ئىكەن.

چا مارت 2 , 2022
ۋەھىمىلىك: روسيەدىن يېڭىدىن ئۇكرائناغا قاراپ يولغا چىققان ئۇرۇش تانكىلىرى-40 مىل ئۇزۇنلۇقتا قەدەر سوزۇلۇپ ماڭماقتا ئىكەن.

You May Like