ئامېرىكىنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ UFOنى راستىنلا كۆرگەنلىكى ئىسپاتلاندى

1979-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاقە مۇدىرى مائۇرىس چەتتېرتونمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارى ئاسمىنىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى «ئادەتتىكى ئىش» دېگەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ UFOنى راستىنلا كۆرگەنلىكى ئىسپاتلاندى
ئامېرىكىنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ UFOنى راستىنلا كۆرگەنلىكى ئىسپاتلاندى
ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى بىئوئاكۇستىكا ۋە جانلىقلار تەتقىقات ئورنىدىكىلەر سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى باز ئالدرىن (Buzz Aldrin) قاتارلىقلارنى ئەڭ يېڭى يالغانچىلىقنى ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ھەقىقەتەن كۆرگەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن باز 1969-يىلى «ئاپوللو 11-نومۇر»غا ئولتۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، ئاي شارىغا 2-بولۇپ قەدەم باسقان ئادەمگە ئايلانغان.   ئالدرىن ئاي شارىغا بېرىش سەپىرى جەريانىدا ئۈچەيلەننىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتنى تېلېسكوپتا كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىن تەخمىنەن 10 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا نۇر چېچىپ تۇرغان «L» شەكىللىك بىر جىسىم ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن، تېخنىكا جەھەتتىن نامەلۇم ئۇچار جىسىم بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.   بۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئال ۋوردېن (Al Worden) بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئالەم ئۇچقۇسى ئېدگار مىچېل (Edgar Mitchell) ۋە گوردون كۇپېرلار (Gordon Cooper) نامەلۇم ئۇچار جىسىم كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ۋوردېن ئىلگىرى قۇياش ئىلاھى 15-نومۇرنىڭ بوشلۇقتا ۋەزىپە ئۆتىشىگە قاتناشقان، مىچېل بىلەن كۇپېر ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇياش ئىلاھى 14-نومۇر ۋە مېركۇرىي پىلانىغا قاتناشقان.   بىئوئاكۇستىكا ۋە جانلىقلار تەتقىقات ئورنىدىكىلەر ئۇلار ئىلگىرى زىيارەت قىلىنغاندا ئېلىنغان ئۈننى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەممىسىنىڭ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يالغانچىلىقنى ئۆلچەش تېخنىكىسى بىر سىر ئىكەن. بىراق، ھازىرقى يالغانچىلىقنى ئۆلچىگۈچتىن تېخىمۇ ئىشەنچىلىك. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1973-يىلى ئايغا چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى  تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مەخپىي باياناتتا بۇ ئورۇندىكىلەر ئاپوللو ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان 25 ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىلگىرى ئاي شارى ئاسمىنىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.   1979-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاقە مۇدىرى مائۇرىس چەتتېرتونمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارى ئاسمىنىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى «ئادەتتىكى ئىش» دېگەنىدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەگەر يەر شارى ھازىرقىدىن ئون ھەسسە چوڭ بولسا قانداق بولاتتى؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
قارىغاندا يەرشارىنىڭ ئەسلىدىكىدىن چوڭ بولۇشى بىر قورقۇنچلۇق ئىشتەك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت بىرلا بولغان بۇ ياشاش ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.

You May Like