ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا2014-يىلى12-ئاينىڭ 12-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆز تۈرك شركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى ،ئۆزتۈرك مۇكاپاتى پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىدىن ئىگەللىشىچە، مۇكاپات مۇراسىمىدا 12 تۈرلۈك يارقىن نۇقتا بار ئىكەن.(خەۋەرنى تاھىر ئىمىن ئەپەندى تەمىنلىدى).

  1.مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر : بۇ قېتىملىق ئاسپىرانت قىزلار ئۇقۇش مۇكاپات يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان 14 نەپەت ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت قىزلار مۇكاپاتلانغان،ئارىسىدا گېرمانىيەدە ئوقۇغان بىر قىز، چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدىن بىر قىز، ئامېرىكىلىق بىر قىز ۋە يەنە بىر نەپەر خەنزۇ قىزمۇ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان.ئامېرىكىلىق قىز ئەيلىس (نازاكەت) ۋە خەنزۇ قىز ئۇيغۇر تىلىدا تەسىرات سۆزى قىلدى.

  2.ئاسپىرانت قىزلار مەركىزى ئورۇنغا قويۇلدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ھەربىر ئاسپىرانت قىزنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى، تىرىشچانلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇستازىنىڭ تىلى ئارقىلىق بىرمۇ-بىر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ قويۇق ئىلمىي تۈسنى ئالدى. پائالىيەتتە باشتىن-ئاخىر ئاسپىرانت قىزلارنىڭ نەتىجىسى ۋە تەنتەنىسى ئاساس قىلىندى. راھىلە داۋۇت ، ئوسمان ئسمايىل تارىم قاتارلىق 14 نەپەر دوكتۇر، دوكتور يېتەكچىسى، تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىلەر ناھايىتى قىزغىن ۋە ئىلمى كەيپىياتتا مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقاتتى.

  3.پېشقەدەم رەھبەرلەر. سابىق رەھبەرلەردىن مىجىت ناسىر، يۈسۈپ ئەيسالار قاتناشتى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە سەنئەت ئىنسىتوتى سابىق مۇدىرى تەتقىقاتچى ئىمىن ئەھمىدى ، فوندى جەمئىيەت مۇدىرى چىڭخۇا، شركەت لىدىرى ۋە پىلانلىغۇچى تاھىر ئىمىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

  4.تەبرىك سۆزلەر . چەتئەللەردە ۋە دىيارىمىزداتەتقىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرى ئۆزىنىڭ تەبرىكلىرىنى ئەۋەتكەن ۋە نەق مەيداندا سىن ۋىدىئوسى قويۇلغان. بۇلار:قەيسەر مىجىت، تۇرسۇنجان ئابلىكىم جېك، تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە، ماھىنۇر خارۋارد، قاسىمجان ئاتلان قاتارلىقلار.

  5.ھەرساھە كارخانىچىلار. ئايال كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئاكتىپ قاتناشتى (ئايتۇرسۇن خانىم (شانئال مەكتىۋى)، مۇنەۋۋەر خانىم (نەفس قاتما قۇم )، خەلچەم خانىم (يېڭى ئەسر باسما زاۋۇتى)، گۇزەلنۇر خانىم(شەھرىزات)، مۇنەۋۋەر خانىم (ئايتولدى شىركىتى)، نۇرگۈل خانىم (ۋىلدان يەسلىسى). ئەركارخانىچىلارمۇ ئاكىتىپ قاتناشتى: لىللا شركىتى، چىندىل شركىتى ، ئېھسان ياغچىلىقى، گۇاڭجۇ تۈركان زاۋۇتىدىن تۇرسۇنجان مۇئەللىم، پالۋان، ئۆتكۈر، ئارغۇ، ئەسىر پىلانى، مىجىت ، ۋاپادارىم، ماياك، زۇلقەر، ۋاللەي، شېرىن بۇلاق، شاھانە ،خەزىنە، ئىلكان، ئىنايەت ، ئىزگۈ، تەبەسسۇم، مەشرەپ، ئامىنە، ئەلداۋا، ئەلساپا ،30 ئوغۇل شىركىتى قاتارلىق 60 شىركەتنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  6.ھەمكارلىق ۋە مىننەتدارلىق. ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى يىللاردىن بىرى ھەمكارلىشپ بىللە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇل ئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېسل پەزىلىتى، سەمىمىيىتى ۋە 3 يىلدىن بىرى ئاياللار ئۈچۈن تەسس قىلغان ئۆز تۈرك مۇكاپاتىغا 415 مىڭ يۈەن ئاجراتقانلىقىدەك مەرىپەتپەرۋەر روھى ئۈچۈن كۈن تەرتىپتە يوق ھالدا:گۈل ۋە قۇم قاپارتما رەسىم (رەسمگە ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ شۇئارى << مائارىپىمىز گۈللەنسۇن، خانىم-قىزلىرىمىز يۈكسەلسۇن، دېگەن سۆز چۈشۈرۈلگەن >> لېنتىنى سوۋغا قىلدى ۋە تون كەيگۈزدى. جۈمە ئاخۇن فوتوگرافچىلىقىدىن جۈمە ئاخۇن -تاھىرئىمىن ئەپەندىگە سۈرىتى ۋە <<ئۇيغۇر ئەركىسدە-ئۇيغۇر روھى>> خېتى يېزىلغان چوڭ سۈرەتنى تەقدىم قىلدى.

  7.مالىيە ئاشكارىلاندى. بۇ قېتىملىق ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىدا، 14 نەپەر قىزغا 7 مىڭ يۈەندىن نەق پۇل، مۇراسىم چىقىمى، سوۋغات ۋە تەشۋىقات چىقىمى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 170 مىڭ يۈەن خىراجەت قىلىندى.

  8.ئۆزتۈرك ۋاكالەتچىلىرى. ئۆز تۈرك شركىتىنىڭيىپەكچىلىك ۋە رامسار ساھەسىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاتمىش ئۈچ ۋاكالەتچىلەرمۇ بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

  9.ئۇيغۇر ئاياللار ئورتاق تونۇشى. تاھىر ئىمىن ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر ئاياللار ئورتاق تونۇشى» رىياسەتچى تىلى ئارقىلىق تولۇق جاكارلاندى.

  10.رىياسەتچىلەر . بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى مەشرەپ پروگىراممىسىنىڭ مۇنەۋۋەر رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ۋە داڭلىق رادىئو رىياسەتچىسى مەۋلۇد ئىبراھىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ناھايىتى جانلىق ۋە قىزغىن ، ئىلمى كەيپىياتتا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  12.11-دىكابىر. تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاسپىرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى ھەر يىلى12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقىتىلىدىكەن.

  12.دوكتۇر قىزلارغا سوۋغات بار: 2015-يىلىدىن باشلاپ دوكتورلۇققا ئۆتكەن ھەر بىر خانىم-قىز ئۈچۈن بىردىن ئالى سۈپەتلىك يىپەك شارپا سوۋغات قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ختاي دائىرلىرى مەزكۇر خەۋەرنى 2023-يىلى ختاي خەلق تورى ئۇيغۇرچە بېتىدىن ئۆچۈرۋەتكەن.ئەمما ئۇيغۇر ئ‍اگېنىتلىقى ئارخپ تورى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئەسلى ئادېرسى:http://uyghur.people.com.cn/156003/310253/310256/15480343.html

ئارخپ تورىدىكى ئادېرسى:

https://web.archive.org/web/20150505223421/http://uyghur.people.com.cn/156003/310253/310256/15480343.html

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتايدا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

شە ئاپرېل 14 , 2018
خىتايدا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

You May Like