تۈركىيەدە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يەر تەۋرەشنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلانماقتا

تۈركىيەدە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يەر تەۋرەشنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلانماقتا

 تۈركىيەدە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يەر تەۋرەشنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلانماقتا

تەييارلىغۇچى: يۇلغۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 12-فېۋرال

2023 – يىلى 11 – فېۋرال كۈنى تىۋىتتىردا تارقالغان سىن ھۆججىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات بەدىئا بۈيۈكگە بىز تۈركىيە خاتاي ۋىلايىتى قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئانالىز شۆبە مۇدىرلىقىنى چېقىپ تاشلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نەق مەيدانغا بارغانلىقى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان بىر قەۋەتلىك بىنانىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يەنە مەزكۇر سىندا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئورگان خاتاي ۋىلايىتىدە سېلىنغان ھەر خىل قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىياللاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ساقلاش، قۇرۇلۇشقا رۇخسەت بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ بۇنداق تېز قارار بىلەن چېقىپ تاشلىنىشى كىشىلەرنى تەئەججۈپلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى، يەنى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ، قۇرۇلۇشقا رۇخسەت بەرگۈچى قاتارلىق شەخسلەرنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان قارار دەپ قارالماقتا.


گەرچە 11 – فېۋرال كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھىت، شەھەرلىشىش ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن چېقىپ تاشلاش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن بولسىمۇ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن چاغداش ھوقۇقچىلار دەرنىكى خادىملىرى بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر قىلمىشنىڭ دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىش تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى، دەلىل – ئىسپاتلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئادالەت ۋە گۈللىنىش پارتىيەسى تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان يىگىرمە يىل جەريانىدا سەككىز قېتىم «قۇرۇلۇش – ئىمارەت كەچۈرۈم (ئىمار ئاففى)» قانۇنى چىقارغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2018 – يىلىدا چىقارغان «قۇرۇلۇش سۈلھىسى (ئىمار بارىشى)»  قانۇندىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان مەزكۇر شەھەرلەردىن 294 مىڭ خانە پايدىلىنىپ، ئۆيلىرىگە قانۇنلۇق قۇرۇلۇش كىنىشكىسى ئالغان، تۈركىيە دۆلەت خەزىنىسىنى نەچچە ئون مىليارد تۈرك لىراسى كىرىم قىلغان. ئادالەت ۋە گۈللىنىش پارتىيەسى ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ئارقىلىق قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان لاياقەتسىز قۇرۇلۇشلارغا لاياقەت كىنىشكىسى بەرگەن. مەزكۇر پارتىيە 2018 ۋە 2019 – يىللىرى ئاممىغا ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتتا پەخىرلىنىپ تونۇشتۇرغان بۇ قانۇن بىلەن لاياقەتلىك بولۇش كىنىشكىسى ئالغان قۇرۇلۇشلار بۈگۈن نەچچە ئون مىڭ كىشىگە مازار بولۇپ قالدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل 6 – فېۋرال سەھەر سائەت 4:17  ئۆتكەندە تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراش، مالاتىيا،خاتاي، ئىسكەندەرۇن، غازىئانتەپ، دىياربەكىر، شانلى ئۇرفا، ئادىيامان قاتارلىق ئون ۋىلايىتىدە 7.7 ~ 7.6 بال يەر تەۋرەپ، 66 مىڭ ئۆي، تىجارەتخانا ۋە باشقا قۇرۇلۇشلاردىن تەركىب تاپقان 12500 دانە ئىمارەت بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 13 مىليون 500 مىڭ نوپۇس زىيانغا ئۇچراپ، تەخمىنەن 223 مىڭ كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتلەرنىڭ ئاستىدا قالغان بولۇپ، بۇلاردىن 80 مىڭ كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 29.605 كىشى ۋاپات بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قۇتقۇزۇشنى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاقىۋىتى نامەلۇم ئىكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پارلىغان ئۈمىد نۇرى

دۈ فېۋرال 13 , 2023
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پارلىغان ئۈمىد نۇرى

You May Like