تۈركىيە ب د ت دا ئىنگلىزچە نامىنى «Türkiye »گە ئۆزگەرتتى، نامىنى ئۆزگەرتكەن دۆلەتلەردىن يەنە قايسىلار بار؟

تۈركىيە ب د ت دا ئىنگلىزچە نامىنى «Türkiye »گە ئۆزگەرتتى، نامىنى ئۆزگەرتكەن دۆلەتلەردىن يەنە قايسىلار بار؟

 تۈركىيە ب د ت دا ئىنگلىزچە نامىنى «Türkiye »گە ئۆزگەرتتى، نامىنى ئۆزگەرتكەن دۆلەتلەردىن يەنە قايسىلار بار؟

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 2-ئىيۇن

تۈركىيە 1923-يىلى مۇستەقىل بولغاندا يېڭى دۆلەتنى تۈركىيە دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئىنگلىزچە ئىزچىل (Turkey ) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

2021-يىلى دېكابىردىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ب د ت مەخسۇس ئىلتىماس سۇنۇپ دۆلەت نامىنى تۈركچىدىكى تۈركىيە بىلەن ئوخشاش نامغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە تەستىقلانغان. مەۋلۇت چاۇۋشئوغلۇ بۇ نام ئۆزگەرتىش ئەردوغاننىڭ تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان مۇنداق دېگەن : « تۈركىيە دېگەن سۆز تۈرك خەلقىنىڭ كۈلتۈرى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ.» 

تۈركىيە ئاۋازى خەلقئارا قانىلى مۇنداق دېگەن:  «Turkey سۆزى كالامپاي ۋە دۆت ئادەم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغا ياراشمايدۇ.»

بۇ سۆز ئىنگلىزچىدا يەنى  شىمالى ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك گۆش توخۇسنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

تارىختا ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەت نامىنى بىر قېتىم ياكى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن بولۇپ، كۆپچىلىككە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

دۆلەتلەرنىڭ نام ئۆزگەرتىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ئىش بولۇپ، بۇرۇن گوللاندىيە نامىنى خوللاند (Holland)دىن ھازىرقى نېدىرلاند(Netherland)قىلغان؛
ئىران بۇرۇنقى نامىنى پېرىسىيە (Persia)دىن (Iran) ئىرانغا ئۆزگەرتكەن؛
تايلاند بۇرۇنقى سىئام (Siam)دىن ھازىرقى تايلاند(thailand) قا ئۆزگەرتكەن؛
مىيەنمار بۇرۇنقى نامى بۇرما (Burma)دىن ھازىرقى (Myanmar)غا ئۆزگەرتكەن؛
باڭلادىش بۇرۇنقى نامى بېنگال (Bengal)دىن ھازىرقى (Bangladesh)قا ئۆزگەرتكەن.
كامپۇچىيا دىن كامبودىيە جۇمھۇرىيىتى. Kampuchea/Cambodia
ئىيوردانىيە(جوردان )-Transjordan/Jordan
ئىفئوپىيە ئەسلى ئەبسسىنىيە Abyssinia/Ethiopia
بوتسۋانا -بۇچۇئانالاند -Bechuanaland/Botswana
سىرىلانكا -ئەسلىسى سەيلون-Ceylon/Sri Lanka
كونگو ئەسلىسى زايىر Zaire/Democratic Republic Of The Congo
بۇركىنا فاسو ئەسلىسى ئاپپىر ۋولتا Upper Volta/Burkina Faso

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بېلگىيەلىك ئۇيغۇر ماھىر فەرۇخ قۇربانوف دۇنيا يېنىك دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

جۈ ئىيۇن 3 , 2022
بېلگىيەلىك ئۇيغۇر ماھىر فەرۇخ قۇربانوف دۇنيا يېنىك دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

You May Like