تۈركىيە ئالتە شەخسنىڭ ختاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئالدى

مەرھابا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-فېۋرال

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 6 نەپەر شەخسنى تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئۇلارنىڭ ئ‍ش-ھەرىكەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ختاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىغا تەمىنلىگەنلىكى بىلەن قولغا ئالغان. يەنە بىر شەخس قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلماقتا ئىكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ جاسۇس گۇماندار شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى، ئ‍سمى، مىللەت ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن.

تۈركىيە ت ر ت خەۋەر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، مەزكۇر دىلونى ئ‍ستانبۇل ئامانلىق ئىدارىسى ئ‍شلىگەن بولۇپ، باش تەپتىش مەزكۇر دىلودىكى پاكىتلارنى قوبۇل قىلىپ، قولغا ئىلىشنى تەستىقلىغان. تۈركىيە مىللى ئ‍ستىخبارات ئىدارىسى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە توپلىغان تەپسلاتلارنى ختاي ئ‍ستىخباراتى بىلەن ئورتاقلاشقان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلاتنى ئىلان قىلدى

پە فېۋرال 22 , 2024
مەنبەسى: ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلات بۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىسىتراتېگىيەلىك سىڭىپ كىرىشىنى ئانالىز قىلىنىدۇ. دوكلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئاساسى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول […]
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلاتنى ئىلان قىلدى.

You May Like