تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 10-ئېيۇن

7-ئېيۇن شەنبە كۈنى ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ فاير فاكس شەھىرىدە ئانا كەير ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى بىلەن ۋېرگىنىيە ئادىمىيەت فوندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مەرزىيە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرى ئۇسۇل ئوينىماقتا

سەنئەت پائالىيەتلىرى: يەرمەنكىدە ئازەربەيجانلىق ناخشى گۇنەي خانىم تۈرك دۇنياسى ۋە ئازەربەيجانغا بېغىشلىغان ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولغان مەرزىيە ۋە ئادالەت مۇئەللىملىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نەپىس ۋە گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى تەقدىم قىلدى. گۈزەل كىيىنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تەبىئى ۋە لەززەتلىك ئۇسۇللىرى بىلەن كەلگۈسىنىڭ مەدەنىيەت ۋارىسلىرىدىن ئۈمىد بارلىقىنى نامايان قىلدى.

يېمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى: ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرى يەرمەنكىدە مۇھىم ئورۇن ئالدى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلاردىن ياقۇپجاننىڭ قەشقەر سېھرى (Kashgar Magic) كاۋاپلىرى، مۇقەددەس خانىمنىڭ سېرىق ئاش، ماش چۆپ، ئۆپكە-زاسۇيلىرى، نۇرىيە خانىمنىڭ سۇيۇق ئاشلىرى، ئەنقەر قارىنىڭ ساڭزىلىرى، قەلبىنۇر خانىمنىڭ ماي نانلىرى ۋە قۇيماقلىرى بازارلىق بولدى.

تۈركى خەلقلەردىن ئۆزبەك ناۋاينىڭ نانلىرى، قازاق ئاۋۇلنىڭ يۇمشاق يېمەك-ئىچمەكلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى.

كىيىم-كېچەك يەرمەنكىسى: ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن ئەتراپتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تۈرلۈك كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، پەردە، رەخت، مۇزىكا ئەسۋاپلىرى، گۈزەل سەنئەت رەسىملىرىنى بازارغا سېلىپ، جانلىق ۋە قايناق بازار مۇھىتىنى نامايان قىلدى.

بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە قىلماقچى ئىكەن.

تەشكىللىگۈچى ئانا كەير ئانا تىل مەكتىۋى قۇرغۇچىلىرىدىن ئىرادە قەشقەرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرمەنكە مول ۋە كۈچلۈك مەدەنىيىتىمىزنى نامايان قىلىش، باشقىلار بىلەن كۈچلۈك چۈشىنىش ۋە ئالاقە ئورنىتىش، ياش-ئۆسمۈرلەرگە تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ئاساسىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى.»

مەزكۇر يەرمەنكىگە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان رىياسەتچىلىك قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like