ترامپ كاناداغا قويۇلىدىغان تارىف باجىنى 50% كە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمە خەۋىرى؛ 11-مارت

پرىزىدېنت دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى كانادادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئالۇمىنغا قويۇلىدىغان تارىف باجىنى 25% دىن 50% غا ئىككى ھەسسە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قوشنىسى بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يېقىندىكى پاي بازىرىدىكى داۋالغۇش ۋە كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس خەۋپىگە بېپەرۋالىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا، چارشەنبە كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدىغان تارىف باجى ئۆسۈشىنىڭ ئونتارىيو «ئۆلكە» ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا سېتىلىدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە قويغان باھا ئۆسۈشىگە جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مەن سودا مىنىستىرىمگە كانادادىن ئامېرىكىغا كىرىدىغان بارلىق پولات ۋە ئالۇمىنغا قوشۇمچە 25% تارىف باجى قويۇشنى، يەنى 50% غا يەتكۈزۈشنى بۇيرۇدۇم. كانادا دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تارىف باجى قويىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دەپ ترامپ سەيشەنبە كۈنى «ھەقىقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇسى»دا ئېلان قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى پاي بازىرىدىكى ئېغىر چۈشۈش ۋە سەيشەنبە كۈنىدىكى داۋالغۇشلاردىن كېيىن، ترامپ ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي پىلانى بارلىقىنى كۆرسىتىشكە بېسىم ئاستىدا قالدى.

نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ئىقتىسادى بەلكىم كىرىزىسقا قاراپ ماڭماقتا ئىكەن.

ئەمما ھازىرغىچە پرىزىدېنت 2024-يىللىق سايلام جەريانىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان تارىف باجلىرى ئۈستىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ .

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«گرېنلاندىيە»نىڭ تەقدىرى خەلق بىلەت تاشلىماقتا؛

سە مارت 11 , 2025
نورمال ۋاقىتلاردا، بۇ سايلام يەر شارىنىڭ قالغان قىسمىغا قارىتا بەك كۆپ قىزىقىش پەيدا قىلمايتتى. تەخمىنەن 40,000 ساندا سايلىغۇچىلار ئاران 31 پارلامېنت ئەزاسىنى تاللايدۇ، ۋە بۇنىڭ ھەممىسى تولۇق ئاپتونومىيەگە ئىگە بولمىغان بىر ئارالدا بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر نورمال ۋاقىت ئەمەس ۋە بۇ سايلام 11-مارتتا گرېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ شىمالىي يەر شارى رايونىدا تېخىمۇ […]
گىرىنلاند

You May Like