توقايېۋ: ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقستان بىلەن ختاي داۋاملىق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدۇ

قازاقىستان پىرەزدىنتى توقايېف 22-چېسىلا مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان-ختاي ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

توقايېف ختاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۈنلىن تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىدەك بىلدۈردى. خەن چۈنلىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ختاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

خەن چۈنلىن 2024-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قازاقىستانغا بېرىپ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ترامپ قانۇنسز كۆچمەنلەرنى دەرھال قايتۇرۇۋش پەرمانىغا ئىمزا قويدى

يە يانۋار 26 , 2025
شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشىنى توستى. ترامپ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەھكىمىسگە بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن چەت […]
تىرامپ-تاموژنا

You May Like