تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى مەدىنەي باۋۇدۇننىڭ ئەسەرلىرى ۋە يىڭى ئىجادىي ناخشىلار ئالقىشقا ئىرىشمەكتە

مەخسۇس ئ‍وبزورچىمىز ئ‍سيان ماقالىسى، 9-فېۋرال

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا تونۇلغان شائىرلىرىدىن بىرى بولغان مەدىنەي باۋۇدۇننىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر ياش مۇزىكانىتلار تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئىيتىلغاندىن كىيىن.كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.مەدىنەي باۋۇدۇن قەلەمگە ئالغان «سېغىندىم» ناملىق شېئىر قازاقىستاندىكى تونۇلغان مۇزىكانت ئېليار مۇشۇروف تەرەپدىن نوتىغا سېلىنىپ، ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ سابىق سەنئەتكارى، ياش ۋە تونۇلغان ناخشىچى شەھمۇراد باھاموف تەرەپدىن ئىجرا قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.
ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە كىرىش ئىمكانى يوق بولسىمۇ، قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تىڭشىغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىگە قارىماستىن، مەزكۇر ناخشا پەقەت 3-4 كۈن ئىچىدە ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا 140 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئاڭلانغان.بۇ ناخشا قازاقىستاندىكى بەزى ئەترەتلەرنىڭ كونسېرت پروگراممىلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن تەكلىپ تاپشۇرۋالغان.«سېغىندىم» ناملىق ناخشا، ئاتا سېغىنىشى ۋە ۋەتەن ھەسرىتى قاتارلىق چوڭقۇر تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلىرى ئارقىلىق تىڭشىغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئۆزگىچە بىر ئورۇن قازانماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدىناي باۋۇدۇننىڭ «يانارىڭ بار» ناملىق شېئىرى قازاقىستاندىكى تونۇلغان مۇزىكانت پولات ئىزىموف تەرەپدىن نوتىغا سېلىنىپ، قازاقىستان ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرىدىن ئەمىنە رەھمەتجان تەرەپدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن. «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى، ئالماتىدىكى ياش مۇزىكانىت ئېلىيار مۇشۇروف تەرەپدىن نوتىغا سېلىنىپ، تونۇلغان سەنئەتكار فۇرۇزە جېلالوۋا تەرەپدىن ئىجرا قىلىنغان.
دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشىلاردىن بىرى بولغان «قوزغال ئۇيغۇرۇم»، ئالمۇتولۇق سەنئەتكار ئابلىكىم تۇرسۇن تەرەپدىن ئىجرا قىلىنغان.
«قېرىنداش», «دوست» ۋە «مۇھاببەت» قاتارلىق ناخشىلار ياش ناخشىچىلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىپ، يېقىن كەلگۈسىدە مۇزىكا ھەۋاسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى كۈتمەكتە.

مەدىناي باۋۇدۇن خانىم سەنئەتكارلار بىلەن خاتىرە قالدۇردى

خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى سەۋەپلىك ئائىلىسى ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلغان دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھاببىتىنى ئىپادىەيدىغان شېئىر ۋە ناخشىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيغۇسىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەدىناي باۋۇدۇن خانىم يىقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە قازاقىستانغا بىر قاتار زىيارەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر تېياتىرىغا بېرىپ، تېياتىرنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىسىگە قاتنىشىپ، شۇ يەردىكى پىشقەدەملەر بىلەن ئۇچراشقان
ئۇندىن باشقا، تونۇلغان سەنئەتكار مۇرات ئەھمەدىنىڭ 50 يىل بۇرۇن قۇرغان «ياشلىق» (Gençlik) ئانسامبىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئانسامبىل بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتشقا كىلىشكەن.

مەدىناي باۋدۇن خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بازىسى سۈپىتىدە پايدىلىنشىمىز كېرەكلىكىنى ئىيىتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە قازاقىستاندىكى ياش مۇزىكانتلار، شائىرلار ۋە ناخشىچىلار بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى ئەسەرلەرنى يارىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىېيتتى.

مەدىناي باۋدۇن خانىم يېڭى پىلانلىرى ئارقىلىق قازاقىستاندىكى سەنئەتكارلار بىلەن يىڭى پروجەكىتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا بىر كىشىلىك تۆھبىسىنى قوشىدىغانلىقىنى ئىېيىتتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۈرۈ مچى بىلەن مالايسيا ئارىسىدا تۇنجى ئايرۇپىلان قاتنايدۇ

شە فېۋرال 15 , 2025
قىسقا خەۋەر: ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،2 -ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن بىلەن مالايسىيا ئارىسىدا تۇنجى مۇنتىزىم خەلقئارالىق ئايروپىلان قاتنىشى باشلىنىدۇ. CZ5065/6 نومۇرلۇق ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچى-گۇاڭجوۋ-كۇئالالۇمپۇر ئارىسىدا قاتنايدۇ. بېرىش سەپىرى ئۈرۈمچىدىن 10:45 تە باشلىنىپ، كۇئالالۇمپۇرغا 21:50 دە يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرى كۇئالالۇمپۇردىن 8:05 تە باشلىنىپ، ئۈرۈمچىگە 20:55 […]
ئايروپىلان

You May Like