تىرىشچانلىقى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان ئايال

تىرىشچانلىقى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان ئايال

بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چۇمپاق بازىرى چارشەنبە كەنتىدىكى زورىگۈل ئوسمان تىككۈچىلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ، ئۆزى بېيىپلا قالماي، 200دىن ئارتۇق ياشقا چىقىش يولى تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چۇمپاق بازىرىدا خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى بولۇپ، دۇكان خوجايىنى زورىگۈل ئوسمان كىچىكىدىن باشلاپلا كىيىم – كېچەك تىكىشكە ھېرىسمەن ئىدى، شۇڭا ئۇ چوڭ بولسام تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىمەن، دەپ ئويلايتتى. ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1996 – يىلى 18 يېشىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگەندى، كېيىن تىككۈچىلىككە شاگىرتلىققا كىردى. ئىككى يىلغا قالمايلا ھۈنەرنى پىششىق ئىگىلەپ، كەسىپكە پىشتى، شۇنىڭ بىلەن چۇمپاق بازىرىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە 12 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، كىيىم تىكىش دۇكىنى ئېچىپ، بەش شاگىرت قوبۇل قىلدى. ئۈچ يىلدا ئۇنىڭ تۇنجى قارارلىق شاگىرتلىرىدىن بىر قىسىملىرى دۇكان ئايرىدى، يەنە بىر قىسىملىرى ئۇنىڭ دۇكىنىدا تىككۈچىلىك قىلدى. زورىگۈل ئوسمان شاگىرتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تىككۈچىلىك دۇكىنىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ‹‹يېشىل›› چىراغ يېقىپ بەردى، 2008 – يىلى 5 – ئايدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىپ، كىيىم لايىھەلەش، پىچىش، تىكىش بويىچە تەربىيەلەندى. 2006 – يىلى 8 – ئايدا زورىگۈل ئوسمان بايىنغولىن ‹‹زىلۋا›› كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، كىيىم تىكىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، ئايلىق سېتىش مىقدارىنى 200 يۈرۈشكە، يىللىق كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ھازىر زورىگۈل ئوسماننىڭ شىركىتى تور ئارقىلىق مال زاكاز قىلىش، سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، توردىن مال زاكاز قىلىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. زورىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بالىڭىزنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمىگەن تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم ھۆرمەتلەڭ

چا ئاپرېل 25 , 2018
بالىڭىزنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمىگەن تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم ھۆرمەتلەڭ

You May Like