«تىك توك» ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

«تىك توك» ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

 «تىك توك» ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

تۇنجى ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-مارت

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «تىك توك»نىڭ ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى (Shou Chew)شوۋىچى 23-مارت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «تىك توك»نىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بولغان ئالاقىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاساسلىقى «تىك توك» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى، شۇنداقلا مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ 150 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى، خىتايغا قارشى مەزمۇنلارنى نازارەت قىلىشى، ساختا ئۇچۇرلارغا سەھنە بېرىشى، ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىگە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا سەھنە بېرىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى. «تىك توك» ئەمەلدارى سىنگاپورلۇق شوۋىچى «تىك توك»نى ئاقلاپ، بۇ ئەپ دېتالىنىڭ 150 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىققا بىلىم، كۆڭۈل ئىچىش سەھنىسى بولغانلىقى، مىليونلىغان ياشلار ئۈچۈن پۇل تېپىش سەھنىسى بولغانلىقىنى، «تىك توك»نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى قانۇن چىقارغۇچىلار تەرىپىدىن پاكىتلار بىلەن رەددىيە قايتۇرۇلدى.

گۇۋاھلىق جەريانىدا، «تىك توك» ئەمەلدارى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ :« سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟»-دەپ سورىغان سوئالىغا: «بىزنىڭ ئەپ سۇپىمىزدا ھەر قانداق مەزمۇنغا يول قويۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.  قايتىدىن ياندۇرۇپ سورالغان: «مىنىڭ سوئالىم، سىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىن خەۋەردارمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «مەن بۇ يەرگە تىك-توك ھەققىدە ئىسپات بەرگىلى كەلدىم» دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئادەتتىكى «باستۇرۇش» دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

(19-مارتتىن 26-مارتقىچە)ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى

يە مارت 26 , 2023
(19-مارتتىن 26-مارتقىچە) ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى

You May Like