تېسلا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى غۇلغۇلا قوزغىغان

تېسلا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى غۇلغۇلا قوزغىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4- يانۋار

2021-يىلى 31-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى «تېسلا» ئۆزىنىڭ مىكروبلوگ بېتىدە بايانات بېرىپ ئۈرۈمچىدە تارماق دۇكان ئاچقانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇنى تەستىقلانغان بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىگە دۇكان ئېچىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان.  

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتر ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى «تېسلا» خىتايدا 30دىن ئارتۇق تارماق دۇكان ئاچقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بۇ تارماق دۇكان غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ دۇكىنى ئىكەن. بۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى ئورۇندا دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلەش پونكىتى قۇرغان بولۇپ، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان تەۋەسىدە جەمئىي يەتتە ئورۇندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زەرەتلەش پونكىتلىرى بار ئىكەن.

مەزكۇر شىركەت مىكروبلوگىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق يېزىلغان: « تېسلانىڭ «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان.ت)دىكى تۇنجى مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يەردە سېتىش، سېتىۋېلىش، تاپشۇرۇپ ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئەڭ ئالىي دەرىجىدىكى مۇلازىمىتىمىزنى يولغا قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېسلا ئابونىتلىرىنىڭ غەربىي رايوندىكى سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن كاپالەت بېرىدۇ.» 

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىرلەشمىسى» (Alliance for American Manufacturing) نىڭ رەئىسى سكوت پول «تېسلا» شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە تارماق دۇكان ئاچقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ بىر نۇسخا يازمىچە باياناتتا مۇنداق دەپ يازغان: « شىنجاڭدا سودا قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر شىركەت ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىق بىلەن باراۋەردۇر، تېسلانىڭ بۇ قىلمىشى ئالاھىدە پەسكەشلىكتۇر». بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە تېسلا شىركىتىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى سورىغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە شىركەت بۇ توغرىلىق بايانات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكىدا « ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى قوغداش» قانۇنى ئىمزالانغاندىن كېيىن خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ۋولمارت، سىمىس كۇلۇب قاتارلىق تاللا بازارلىرى شەرقى تۈركىستاندىن كەلتۈرۈلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىش جاھازىلىرىدىن چېكىندۈرگەن. 

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

« شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇسى خىتايلار بولماستىن بەلكى يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان قازاق ۋە تاجىكلاردۇر

سە يانۋار 4 , 2022
ئەنما (安玛) ئىسىملىك خىتاي تور يازارىنىڭ 2009-يىلى 15-ئىيۇلدا يازغان، خىتايدىكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە كەڭ تارقالغان يازمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى.

You May Like