تەرجىمە:خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرى

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرى- جاسۇسلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ھەقلىق تېما يازغۇزۇش، خەۋەرلەرگە ئېتىبارسىز قاراپ، گويا بۇنداق ئىشلار يوق قىياپەتتە تۇرىۋېلىش

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرى- جاسۇسلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ھەقلىق تېما يازغۇزۇش، خەۋەرلەرگە ئېتىبارسىز قاراپ، گويا بۇنداق ئىشلار يوق قىياپەتتە تۇرىۋېلىش

Planting spies, paying people to post on social media, and pretending the news doesn»t exist: This is how China tries to distract people from human rights abuses

ئاپتۇر: ئالېكساندرا ما

2018 – يىل 9- ئىيۇن، Business Insider ماقالىسى

تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

  •  خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنى تىنچلىقپەرۋەر، سەتچىلىكتىن خالىي بىر كۈچ سۈپىتىدە تەرىپلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.
  •  ئۇلار ئۆزلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش، ھەمجىنىسلار ۋە ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارلىرىنى كەمسىتىش مەسىلىلىرى بارلىقىنى ئېىراپ قىلمايدۇ.
  • خىتاينىڭ تەڭ يېرىم ئاھالىسى تورغا چىقىدىغان بۈگۈنكىدەك سىفىرلىق تېخنىكا دەۋرىدە بۇلارنى قىلماق ئاسان ئەمەس.
  • يۇقىرىقىلار خىتاي كومپارتىيىسى كۆز بويامچىلىقتا قوللىنىدىغان ئاساسلىق تۆت خىل ئۇسۇلدىن ئىبارەت.

خىتاينىڭ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە دەرىجىگە ئايرىش، مەخپىي ھالدا تۇتقۇن قىلىش ۋە ھەمجىنىسلار ۋە جىنىس ئۆزگەرتكۈچىلەرنى يەكلەش قىلمىشلىرى غەرب ئەللىرىدە كەڭ تۈردە ھۈججەتلەشتۈرۈلگەن. ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچىسى بولماسلىقى مۇمكىن. 

1.4 مىليارد پۇقراغا ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرما سىياسەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىشلىرىنى بىلدۈرمەسلىككە نىسبەتەن بېيجىڭنىڭ كۆز بويامچىلىق تاكتىكىلىرى ناھايتى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە ھەق بېرىپ، ئىنتېرنېتتا يوپۇرۇلۇپ ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان يازمىلارنى ئېلان قىلىشقا ياللاش، يەرلىك مىللەتلەرنى ساقچىلار ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى قۇرۇپ چىقىش، كومپارتىيىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ھەر قانداق مەزمۇنلارنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تۆۋەندە بۇلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك بولغان تۆت خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تالاش- تارتىشلاردىن نېرى قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ماقالە تارقىتىش  

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى مىليون كىشىگە ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان تېما يېزىش ۋە ئۇنى تالاش- تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ۋەقە چىقىشقا ئۈلگۈرتۈپلا نەق ۋاقتىدا ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەق بېرىدۇ. 

بۇ خىلدىكى تېما- ئىنكاس يازغۇچىلار «بەش مو پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئۇلار يىلدا تەخمىنەن 448 مىليون دانە تور يازمىسى يوللايدۇ ۋە ھەر بىر يازمىسى ئۈچۈن 50 تىيىن خىتاي پۇلىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭ يېرىمىنىڭ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا ئوغرىلىقچە دىققەت قىلىپ تۇرۇش، قالغان يېرىمىنىڭ بولسا ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ماقالە يېزىش. بۇلارنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

« مەدەنىيەتلىك خىتاي دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشقان ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالىي ئېھتىرام، خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ياشنايدۇ!»

«ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتىرىپ، كومپارتىيە كۆرسەتكەن يولدا ئ‍اداشماي ماڭىمىز!»

«مەن خىتاي دۆلىتىنى سۆيىمەن!»

خارۋارد گېزىتى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جېنىفېر پەن Business Insider مەتبۇئاتىمىزغا مۇنداق دەيدۇ:

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنازىرە ۋە تالاش- تارتىش پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، كىشىلەرنىڭ شاد- خورام ۋە بەختىيارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يازمىلارنى كۆپ مىقداردا تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت بولسا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇ مەزگىللىك نېگىزلىك مەسىلە ۋە مۇنازىرىلەردىن چالغىتىش.  

2013- يىلى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ (ش ت- ت) دا يەرلىك مىللەتلەر ۋە خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، بۇ رايوندىن 2000 مىل يىراقلىقتىكى جەنۇبى شەرققە جايلاشقان شەھەر- گەنجۇ ئەمەلدارلىرى شۇ زامانلا بەشمولۇق يازغۇچىلارنى ياللاپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى مەدىھىيىلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مەزكۇر ۋەقەدىن يىراق قىلىدىغان يازمىلارنى توردا تارقىتىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ تەدبىر- سىتىراتېگىيىلەر كېيىن بىر نامسىز مەنبە تەمىنلىگەن ئېلخەتلەر ئارقىلىق ئاشكارا بولۇپ كەتكەن. 

توردا ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان ئىنكاسلارنى يېزىشقا ياللانغان بىرەيلەنمۇ 2012- يىلى ئاشكارىلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە: «تېمىنى بۇرىۋېتىش بولسا تور پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى چېچىش ۋە كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى قايمۇقتۇرۇشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.» 

خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى سوفىي رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تاكتېكا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ سۈپىتىنىمۇ چۈشۈرىۋېتىدۇ.»

2. ماھىيەتتە كىشىلەرگە كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇرىدىغان «تەرەققىيات پىروگراممىسى»

2013- يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە يەرلىك ئۇل- مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشنى ياخشىلاش» نامىدىكى پروگراممىلىرىنى كۈچەيتتى. ئەمما مەركەزنىڭ كادىرلارنى تىبەتكە ئەۋەتىشتە يەنە ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنى قېزىپ چىقىش مەقسىتىمۇ بار ئىدى.

تىبەت مەسىلىسى خىتاي سىياسىيسىنىڭ بىر «يېغىرى»، مەركەز بۇ رايوننى ئىزچىل ھالدا «ئۆزلىرىنىڭ» دەپ كەلگىنى بىلەن، ئەمما يەرلىكتىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق خەلق كومپارتىيىنىڭ تۈزۈملىرىگە ئۈزلۈكسىز قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «جەمئىيەت باشقۇرۇش» نامىدىكى لايىھە ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسپىي تەربىيىلەش پروگراممىلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇ ماھىيەتتە كىشىلەرگە خىتايغا بولغان مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلغان «ئىدىئولوگىيە تەربىيىسى» بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەنىدى، «بۇ پروگراممىلار يەنە نوپۇس زىچ رايونلاردا ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىدى» دەيدۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنى. مەزكۇر ئورگاننىڭ 2013- يىلىدىكى دوكىلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «ئاممىنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق كەلتۈرۈش» نامىدىكى «باھالاپ باشقۇرۇش سېستىمىسى» باھانىسىدە، 600 دىن ئارتۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرغان ۋە پىدائىي نازارەتچىلەردىن  تەشكىللەنگەن «قىزىل پاگونلۇق چارلىغۇچىلار» نى پۇقرالارنى كۆزىتىشكە قويغان.

3. خەۋەرلەرنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىش

خىتايدا ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆز- ئارا تويلىشىشىغا يول قويۇلمايلا قالماي يەنە ھۆكۈمەت ئاكتىپ ھالدا ئاخبارات ئورۇنلىرىنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە سەھىپە ئاجراتماسلىق ھەققىدە جېكىلەپ تۇرىدۇ. شېنجېندا تۇرىدىغان مۇخبىر ئادام روببىنس «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرچە ھەمجىنىسلار ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان بىرەر ئىش- ھەرىكەتتە بولغىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ «رىغبەتلەندۈرمەسلىك، زەربە بەرمەسلىك، شۇنداقلا تەرغىب قىلماسلىق» سىياسىتى بار.»

(ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق مەسىلىگە نىسبەتەن مۇشۇنداق پوزىتىسىيە تۇتىدۇ ۋە پۇقرالارغا خىتايدا بۇنداق ئىش پەقەتلا يۈز بەرمەيدىغان تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىدۇ. – تەرجىماندىن)

4. ئۆزلىرى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە «زۇۋان سۈرمەسلىك سىياسىتى» نى قوللىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا جىنسىي پاراكەندىچىلىكنى پاش قىلىدىغان «مەنمۇ دەس تۇرىمەن MeToo#» ئىجتىمائى تاراتقۇ ئۇچۇرلىرىدىن نەچچە يۈزى ئۇچۇر سۈزۈش ۋاستىسى بىلەن چەكلەنگەن. بۇنىڭدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۆزلىرى خالاپ ئۆچۈردىمۇ ياكى ھەممىگە كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇرىدىغان ھۆكۈمەت بېسىم قىلدىمۇ دېگەنلەر تېخى ئېنىق ئەمەس. (نۇرغۇن ئاياللار ئۇچۇر سۈزۈشتىن قاچۇرۇش ئۈچۈن MeToo غا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىغان 米兔 خېتىنى ئىشلەتكەن.) 

ھۆكۈمەت ئورگان مېدىيالىرىمۇ خىتايدا جىنىسىي پاراكەندىچىلىك ۋە خورلاش ئىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن تېنىۋېلىشقا تىرىشقان. نيۇ يورك ۋاقت گېزىتى خارۋى ۋېينستېين ۋەقەسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتى «خىتاي ئەرلىرى ئەزەلدىن ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا ماقالە ئېلان قىلغان. 

«نازارەت قىلىش» شى جىنپىڭ باشلىقىدىكى ھۆكۈمەتتە تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مەركەز ھەر يىلى مىڭلىغان نازارەت بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىل فېۋرالدا شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىسلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تەنقىد ۋە مەسخىرىدىن كېيىن، توردا ھەتتا «ن» ھەرپىمۇ چەكلەنگەن. 

بۇ بەئەينى «مۈشۈك- چاشقان» ئويۇنىغان ئوخشايدۇ. 

سىفىرلىق تېخنىكا دەۋرىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ۋە نازارىتى كۈنسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئاۋام پۇقرا يەنىلا ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن بىرەر يوچۇقنى بايقاپ، ئۇچۇر چەكلىنىشتىن قاچۇرغان ھالدا ئۇنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىپ چىقىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنىدىكى سوفىي رىچاردسون بىزگە مۇنداق دېدى: «تور يۈزىدىكى ئ‍ۇچۇر نازارىتى ھەقىقەتەن ھەددىدىن بەك ئېشىپ كەتتى، قانچىكى كىشىلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بولسا شۇنچە نازارەت قىلىنىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆزلىرى تەستىقلىمىغان VPN نىڭ ئىشلىتىلىشىنىمۇ چەكلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتايدىكى تور ئابونتلىرى داۋاملىق ھالدا ئۇچۇر چەكلەش ۋە سۈزۈشتىن ساقلىنىدىغان يېڭى چارىلەرنى تېپىپ تۇرىدۇ. »

مەنبەسى: https://www.businessinsider.com/how-china-propaganda-department-glosses-over-human-rights-2018-6

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن)

چا سېنتەبىر 12 , 2018
ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن)

You May Like