تەرجىمە خەۋەر: گىرمانىيە ۋالكس ۋاگون شركىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چېكىنىشنى قارار قىلدى

2024-يىلى 27-نويابىر،

قىسقىچە مەزمۇن

ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتىنى شاڭخەي ھۆكۈمەت *تەۋەسىدىكى SMVIC شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ

*بۇ قەدەم ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بېسىمىدىن قۇتۇلىدۇ.

*ۋولكسۋاگېن ۋە SAIC بىرلەشمە ئورۇنداش ئورگىنى 2030-يىلىغىچە 18 يېڭى مودېلنى تەييارلاشنى پىلانلاۋاتىدۇ

*مەزكۇر كېلىشىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە بېجىڭ ئوتتۇرسىدىكى سودا توقۇنۇشلىرى كېڭەيگەن مەزگىلدە يۈز بەردى

شاڭخەي/بېرلىن، 27-نويابىر (رويتېرس) – ۋولكسۋاگېن شىركىتى ختاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇ چارشەنبە كۈنى جاكارلىدى. بۇ قەدەم ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان بېسىمغا بېرىلگەن جاۋاب بولدى.

ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ختاي بازىرىدىكى ھەمكارى SAIC بىلەن ھەمكارلىق مۇددىتىنى 2040-يىلىغىچە، يەنى 10 يىلغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چوڭ سودا بازىرىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋولكسۋاگېن ۋە SAIC شىركەتلىرى زاۋۇتىنى شاڭخەي موتور ۋاسىتە تەكشۈرۈش ۋە سېرتىفىكات (SMVIC) شىركىتىگە، يەنى دۆلەت تەۋەسىدىكى شاڭخەي لىنگاڭ ئىنكاس گۇرۇھىغا سېتىدۇ. بۇ شىركەت زاۋۇتنىڭ بارلىق ئەمگەكچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

كېلىشىمنىڭ مالىيە تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، SMVIC ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇرپان ۋە شاڭخەيدىكى Anting سىن aq تراكتورلىرىنىمۇ قولغا ئالىدۇ. نەتىجىدە ۋولكسۋاگېن ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق تىرىكچىلىك قىلمايدىغان بولىدۇ. بولسا بۇ يەردە ھېچقانداق زىيانكەشلىك بولمىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ.

مەبلەغ سالغۇچىلار جۈملىدىن ۋولكسۋاگېننىڭ ئىككىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغان ساكسونىيە شتاتى بۇ سېتىۋېتىشنى قوللىدى. ئالدىنقى 20 چوڭ مەبلەغ سالغۇچى بولغان مەبلەغچىلىك شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىپ كېتىشكە بېسىم ئىشلەتكەن بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ مالىيە جەھەتتىن كىچىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2013-يىلى ئېچىلغان زاۋۇت، بۇرۇن ۋولكسۋاگېننىڭ سانتانا ماشىنىلىرىنى يىغاتتى. كىينكى يىللاردا شىركەت خادىملارنىڭ سانىنى قىسقارتقان بولۇپ، ھازىر پەقەت 200 خادىم ماشىنىلارنىڭ ئاخىرقى سۈپەت تەكشۈرۈشى ۋە سودىگەرلەرگە تاپشۇرۇشى بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ.

زاۋۇتنىڭ يىللىق ئ‍شلەپچىقىرىش قۇۋۋىتى 50,000 بىرلىككە يېتەلەيدىكەن، لېكىن 2019-يىلىدىن بېرى ھېچقانداق ماشىنا ئىشلەپچىقارمىغان.

ۋولكسۋاگېن « ختاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتى بىلەن زاۋۇتنى داۋاملىق ئوچۇق قويماقتا » دېگەن خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. ئۇلار بۇ قېتىمقى زاۋۇتنى سېتىۋېتىش قارارىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like