تەرجىمە: ھېزبۇللانىڭ ئاجىزلىششى تۈركىيەنىڭ ئىرانغا قارشى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

تەھلىلچىلەر AFP گە «ئىسرائىلنىڭ لىۋاندىكى ھېزبۇللاھقا قارشى ھۇجۇمى تۈركىيە ئۈچۈن خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى. تۈركىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رەقىبى ئىراننىڭ يۈزىگە قارشى رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتەلەيدۇ» دەپ بىلدۈردى.

گەرچە ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كەسكىن تەنقىدچىلىرىدىن بىرى بولسمۇ، تۈركىيە تېھران تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن شىئە جەڭچى گۇرۇھىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا ئۆلچەملىك ئىنكاس قايتۇردى.

«ھېزبۇللاھنىڭ بېشىنىڭ كېسىلىشى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى ئىراننىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇ تۈركىيەنى يىغلىتىدىغان ئىش ئەمەس» دېدى ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى بولغان بروكىنس ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركىيە مۇتەخەسسىسى ئاسلى ئايدىنتاشباش.

  • ئەردوغاننىڭ ھېزبۇللاھقا سوغۇق مۇئامىلىسى –

تۈركىيەنىڭ سۈننىي مەزھىبىدىن بولغان پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يىلى پەلەستىنلىك جەڭچى گۇرۇھ ھاماس تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قانلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسرائىلنىڭ غەزەگە قىلغان ۋەيران قىلغۇچ ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلنى قاتتىق ئەيىپلەپ كەلگەن.

ئەمما ئۇ يېقىندا ھېزبۇللاھ لىدىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمىدى – گەرچە ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان نەسرۇللاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنى ماختىغان بولسىمۇ.

ۋاشىڭتوندىكى بىر تەتقىقات مەركىزى بولغان ئوتتۇرا شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركىيە دىرېكتورى گۆنۈل تول مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھىزبۇللانىڭ ئاجىزلىششى بۇ ئىران ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان ھېزبۇللاھ قاتارلىق شىئە گۇرۇھلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاجىزلىشىشىغا ئايلانسا، بۇ ھەقىقەتەن تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىشىغا يول ئاچىدۇ».

  • تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى تەسىرى –

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ھېزبۇللاھ، ئارقىدىن ئىراننىڭ چۈشكۈنلىششدىن مەمنۇن، چۈنكى ئۇلار ئاساسلىقى قوشنا دۆلەت سۇرىيەنىڭ رەھبىرى بەشار ئەسەدنى قوللايدۇ.

ئامېرىكىدىكى يەنە بىر تەتقىقات مەركىزى بولغان گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئۆزگۈر ئۇنلۇھىسارجىكلى مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ھېزبۇللاھ رايون مەسىلىلىرىدە، بولۇپمۇ سۇرىيەدە ئوخشاش پىكىردە ئەمەس. چۈنكى ھېزبۇللا ھۆكۈمەتنى قوللايدۇ ۋە ئەسەدنىڭ سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە شېرىك».

ئەسەد بىلەن ئۇنىڭ رەقىبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، مىليونلىغان قاچقۇنلارنى ئۇنىڭ زېمىنىغا ئىتتىرىپ چىقاردى.

ئايدىنتاشباش: «تۈركىيەنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئىران بىلەن ھېزبۇللاھ سۇرىيەنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبچىلىرى» دېدى.

  • پەلەستىنپەرەس، ھېزبۇللاھپەرەس ئەمەس –

ئەردوغان ئىسرائىلنى غەزەگە ھۇجۇم قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىدى.

نېتانياھۇ بۇ دەۋانى رەت قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جەڭچىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى ئىسلامچى گۇرۇھ ھاماسنى يوقىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئەردوغانغا ئوخشاش سۈننىي مۇسۇلمانلار بولغان پەلەستىنلىكلەرگە بولغان ھېسداشلىقى ئىران، ھېزبۇللاھ ۋە ئۇلارنىڭ يەمەندىكى ھۇسىلار ۋە ئىراقتىكى گۇرۇھلار قاتارلىق باشقا شىئە ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان قوللىشىغا ئوخشىمايدۇ.

ئۇنلۇھىسارجىكلى دۆلەتنىڭ رەسمىي تۈركچە نامىنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە نەسرۇللاھنىڭ ئۆلۈمى ۋە ھېزبۇللاھنىڭ يوقىتىلىشى توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئوخشاش بولمىسىمۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ يوقىتىشلارغا بولغان ئەندىشىسى ھاماسنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز ئىكەنلىكى ئېنىق».

  • غەزەنىڭ بىخەتەرلىك ئىستىقبالى –

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەردوغان ئۆزىنى سۈننىي دۆلەتلەر ئارىسىدىكى لىدېر قىلىپ كۆرسەتمەكچى – بولۇپمۇ غەزەنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە.

ۋاشىڭتوندىكى بىر پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولغان دېموكراتىيە مۇداپىئە فوندىنىڭ تۈركىيە سىياسىتى مۇتەخەسسىسى سىنان جىددى مۇنداق دېدى: ئەردوغان سېنتەبىردە مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەل-سىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئېھتىمال توقۇنۇشتىن كېيىنكى غەزەدە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ «كەڭرەك ماسلاشتۇرۇش رولى» نى مۇھاكىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

تەھلىلچىلەر «ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلغا قارشى قىلغان تەھدىتلىرى ئۇنىڭ رايوندىكى ماسلاشتۇرغۇچى رولىنى خەتەرگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.

ئەمما باشقا جەھەتلەردە، ئايدىنتاشباش: «ئەنقەرە سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان، چۈنكى ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەمىشە سەزگۈر» دېدى.

«تۈركىيە ئېنىقكى تېخىمۇ چوڭ رايونلۇق كېڭىيىشتىن ۋە ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشتىن ئەندىشە قىلماقتا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز. ئۇ بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىدۇ».

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like