تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ماقالىسىگە رەددىيە

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ماقالىسىگە رەددىيە

 ئوبزور:«مۇستەقىللىق ھەرىكىتى- ئۇيغۇر دەۋاسىغا زىيانلىق»مۇ؟

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 9-ئاۋغۇست
 
                   
ئۆتكەن ھەپتە تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا «مۇستەقىللىق شوئارى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرىشىگە پايدىلىق بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدا ئىسمى- جىسمى نامەلۇم ،ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋالغان بىر خىتاي ئاشىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىغا ،ئىستەكلىرىگە خىلاپ ھالدا بىر يۈرۈش بېيجىڭنىڭ يوليورۇقىنى بازارغا سالغان بولۇپ ، بۇ مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىنى زېدىلىدى.

ئاپتور«يېخەن » تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۆزىنى ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرغان. 

مەزكۇر سەپسەتىدە ئاپتور تېمىنى چۆرىدەپ، مۇستەقىللىق -ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش داۋاسىغا زىيانلىق دەپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىدەك بىر ھېكايىنى تىلغا ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى رولىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇمىغان.

مەن بۇ يې فامىلىلىكنىڭ پىكىرىنىڭ مۇستەقىل پىكىر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىمەن . 

بىرىنچىدىن: شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلغان ۋە ئۇ يەردە ئازدۇر كۆپتۈر خىتاي مىللىتىنىڭ خۇي –پەيلىنى بىلگەن ھېچبىر ئۇيغۇر بۇنداق سەپسەتىنى بازارغا سالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۈگۈنگىچە مۇستەقىللىق،ھۆرلۈك ئارزۇسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ،ئىشغالىيەتچىلىك سىياسىتى، قىرغىنچىلىقىغا قارشى تالاي بەدەللەرنى تۆلىدۇق ۋە تۆلەۋاتىمىز.ۋە ھەر دەۋىردە قوزغالغان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردە مۇستەقىللىققا بولغان ئىستەكلىرىمىز ئىپادىلىنىپ كەلدى. ئىزچىل ھالدا شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) نىڭ ھۆررىيىتى تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىندى.

ئىككىنچىدىن : مەن بۇ ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمان قىلىمەن ،ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر بولسا ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىستىكىنى ئىپادىلىگەن بىرى بولسا نېمىشقا شۇنچىۋالا چوڭ بىر ژۇرنالدا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بازارغا سېلىشنى بىلىدۇ يۇ ئەمما ئۇئىدىيىلىرىنى  ئۆزىنىڭ ھەقىيقى ئىسمى بىلەن ئېلان قىلدۇرمايدۇ؟

ئۈچىنچىدىن : ئائىلىسى ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولغان بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەدەك ئەڭ بىخەتەر جايدا ياشاپمۇ يەنە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ئائىلىسىنى قىرغىنچىلىق لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلغان خىتاينىڭ ئىسمىنى قوللىنىدۇ؟( ئەگەر قوللانغان ئىسمىنى تەرجىمە قىلسا ياۋايى خىتاي دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ)

بۇنى پەقەتلا خىتاينىڭ بۇرۇن ئوينىغان ئۆزىنى فرانسىيەلىك مۇخبىر دەۋالغان يالغان مۇخبىرنىڭ ئوينىغان ئويۇنىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدۇر، شۇنداقلا بۇنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقتىدا خەلقئارادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئويۇنى دەپ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ خالاس.

يې فامىلىلىك بۇ سەپسەتىسىدە، ئۇيغۇرىئاننىڭ ئېيتقىنىدەك ھەقىقەتەن ئىككى ماھىيەتلىك خاتالىققا يول قويغان:

بىرىنچى: ئاپتور- مۇستەقىللىق ھەرىكىتى- ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئىككىنچى: مۇستەقىللىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس دېگەن.
 
مۇستەقىللىق -ئۇيغۇر داۋاسىغا زىيانلىق ؟ …. بۇ جۈملىنىڭ ئۆزىلا خاتا، لوگىكىغا زىت . بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋاسىدىن سۆز ئېچىپسەن، ۋە دەۋا سۆزىنى ئىشلىتىپسەن، سەندىن سوراپ باقاي ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىمىنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتىدۇ؟ ھەرگىزمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي- يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ شەرقى تۈركىستان ئاپتونومىيىسىنڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقىنى يوق! 
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئەقلى –ھوشى جايىدا بولغان بىر نورمال ئۇيغۇر ئۈچۈن ناھايىتى ئېنىق ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان ھۆرلۈك ،مۇستەقىللىقنىڭ دەۋاسىدۇر. ئۆزىگە تەۋە بولغان،  ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنىڭ دەۋاسىدۇر.

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئارىسىدىكى بىردىنبىر مەسىلە ئىشغالىيەتچى بىلەن ئىشغال قىلىنغۇچى، تاجاۋۇزچى بىلەن تاجاۋۇز قىلىنغۇچى، بېسىۋالغۇچى بىلەن بېسىۋېلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىدۇر. 70 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەق- ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش مەسىلىسىدۇر.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار  ۋەتەندە مۇستەقىللىق ھەققىدىكى ئارزۇسىنى خىتاينىڭ جازاسى، ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك ئىپادە قىلالمىسىمۇ ، ئۆلۈمدىن قورقماي ئۆزىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئىپادە قىلىپ ھازىرغىچە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋەتەنپەرۋەر، روھىنى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا، ئۆلۈم قورقۇنچىغا، پۇل- مېلىغا تەسلىم ئەتمىگەن نۇرغۇن قەھرىمانلار  ياشىغان، ۋە تارىختا داستان يازغان. يېقىنقى زامان تارىختىكى بارىن ئىنقىلابى، توقسۇ ناھىيەسىدە 1994 –يىلى شەرقى تۈركىستان ھەققانىيەتچىلەر پارتىيەسى قوزغىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، غۇلجا ئىنقىلابى  نوقۇل ھالدا  كىشىلىك ھوقۇق ياكى خىتايغا زەيتۇن شېخى سۇنۇپ، خىتايدىن ئىنساپ، ئادالەت تىلەيدىغان ئىنقىلاب ئەمەس ئىدى. بەلكى شەرقى تۈركىستان نامىدا مىليون كىشىلىك خىتاي ئوردىسىغا قارشى قوزغالغان ھۆرلۈك مۇستەقىللىق ئىستەكلىرىنىڭ جاراڭلىق ساداسى ئىدى. ۋە دۇنيا شۇ سادانىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرنى تونۇدى .

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى پەقەت ئۆزىگە تەۋە مۇستەقىل بىر دۆلىتىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋە ئۇيغۇرلار خەلقئارادىكى بارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشقا تامامەن ھەقلىق. شۇنداقلا بۇنىڭ تارىخى ئاساسى بار. بىز خىتاينىڭ ئىچىدىن چىقىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان بىر ئاز ساندىكى خىتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە مىللەت ئەمەس ، بەلكى تارىختا نۇرغۇن شانلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان بىر مىللەت. شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغال قىلىۋېلىپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تامامەن يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ھۆر ياشىغان دۆلەتنىڭ ھەقدارلىرى.
 
مۇستەقىللىق خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە باھانە بولىدۇ دېگەن سەپسەتىگە كەلسەك، خىتاي مىللىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاتىسى كۇڭزىنىڭ تەلىماتى بويىچە خىتاي بولمىغان ھەر قانداق بىر توپلۇم ياتلار ھېسابلىنىدۇ. ۋە ئۇنىڭ سەپسەتىسى بويىچە ياتلارنى يا تامامەن قىرىۋېتىش، يا كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۆزىدىن بىرى قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنداق فېئودال ،فاشىست ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان ۋە شۇ ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان بىر مىللەتنىڭ دېموكراتىيە چۈشەنچىسى قانداق بولماقچى؟ خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت سۈپىتى بىلەن ئەمەس بىر پۈتۈن خىتاي مىللىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۆزىدىن بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى دۈشمەن دەپ بىلدى. ۋە ھازىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى، بۇ پەقەتلا يېقىن زاماندىكى سىياسەت ئەمەس. خىتاي شەرقى تۈركىستانغا ئاياق باسقاندىن بېرى ھاكىمىيىتى ئالماشسىمۇ سىياسىتى، قىرغىنچىلىقى ئالماشمىدى، ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان شەكىلدە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. خۇددى ئۇيغۇرىئاننىڭ ئېيتقىنىدەك ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئېچىلمىغان پەردە قالمىدى. مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى خىتاي خەلقى، مەيلى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۆزىنى بازارغا سېلىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار يەنىلا تېررورچى، ئادەم ئەمەس. ۋە مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىشى، ئاسىملاتسىيە قىلىنىشى، جازالىنىشى كېرەك. شۇنداقلا خىتاي دۆلىتى مۇھاجىرەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دېمەستىن، ئاپتونومىيەنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدىمۇ، ئوخشاشلا  ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ نەزىرىدە سەن بىر خىتاي بولمىغۇچە دۈشمەنسەن ۋە سېنى يا يوقىتىشى كېرەك، يا ئۆزىدىن بىرى قىلىشى كېرەك. 
 
 سىەن يەنە «مۇستەقىللىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس » دەپسەن.

سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ،(ياكى بىر خىتاي بولۇشۇڭمۇ مۇمكىن )، قايسى سالاھىيەت بىلەن  ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىسەن ؟ ۋە كىمگە ۋەكىللىك قىلىسەن؟ سېنىڭ قوللانغان ئىسمىڭلا خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ۋە يازغىنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئەندىشىسىدىن ئىبارەت. 

چەتئەلدە بىر مىليوندىن جىق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى نامايىش ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدۇ. بايراق- بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ، ۋە تەسلىم بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭ ئۆزىلا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ سەن چەتئەلدە ياشاپسەنۇ ئەمما ئۇيغۇر دېئاسپوراسىدا ھېچقانداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىن بۇ سەپسەتەڭنى بازارغا سېلىپسەن، سەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا  باردىڭمۇ؟ مۇھاجىرەتتىكى  ئۇيغۇر ئاممسنىڭ سوسيال مىدىيالىردىكى تىنىمسىز مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

ئۇيغۇرلار ھەرقانداق شارائىت ۋە ھەر قانداق مۇھىتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. ھەتتا 2009 يىلىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ بېيجىڭدىن كەلگەن مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى شەرقى تۈركىستاندا ھەر خىل تەكشۈرۈشلەردە بولدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىلغارلىرى ۋە بىر قىسىم كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۆزۈم شاھىت بولغان بولغان بىر يىغىندىن مىسال بېرەي ساڭا: 

ئورۇن: ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن سالونى، قاتناشقۇچىلار: مەركەزدىن كەلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە بىر قىسىم كارخانىچىلار .بېيجىڭدىن كەلگەنلەر 2009 –يىلى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبى، ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە دەپ سورىغىنىدا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر شۇنداق جاۋاب بەرگەن ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى خالايدۇ، 99 پىرسەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىقنى خالايدۇ. ۋە ھۆكۈمەتنى ئىشغالچى دەپ بىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىيەلمىدى.

بۇ جاۋاب پۈتۈن سالوننى سۈكۈناتقا چۆمدۈرگەن ئىدى. ۋە بۇ جاۋاب 2009 يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ سىياسىتى شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ كەسكىن بىر ۋاقىتتا بېرىلگەن ئىدى. 

سەن بۇ سەپسەتىدە «ئىلھام توختىنى بازارغا سېلىپسەن، سەن ئىلھام توختىنى قانچىلىك بىلىسەن؟ ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ۋەتەن مىللىتىگە بولغان ساداقىتىنى قانچىلىك چۈشىنىسەن؟سەن ھاياتىڭدا ئۇنى كۆرگەنمۇ؟…….

ئىلھام توختى-  ئۇ بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى ، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يۈرىكىدە خىتاي تېررىتورىيەسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان بىر زىيالىي، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر سىياسىي پارتىيە ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەمەس. ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت «ئۇيغۇرلار خىتاي قانۇنلىرى بېكىتكەن ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشكە ھەقلىق» دېگەننى تەشەببۇس قىلالايدۇ. ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە ئۇ ئاپتونومىيەنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ۋە مۇستەقىللىق شوئارىنى توۋلىمىسمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يەنىلا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

بۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئەزەلدىن دېموكراتىك شەكىلدە ھەقىقىي بىر ئاپتونومىيەنى ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ۋە خىتاي شەرقى تۈركىستانغا ئاياق باسقاندىن بېرى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا زەيتۇن شېخى سۇنغان ئەمەس، پەقەت يوقىتىشقا تېگىشلىك بىر دۈشمەن توپلۇم مۇئامىلىسىنى قوللاندى.

بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھەق- ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

ئاخىرقى مەسىلە ۋە يې فامىلىلىك سېنىڭ يازماڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، نامى، بايرىقى ھەققىدە بىلجىرلاپسەن، بىر مىللەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۆز قىلغۇچى شۇ مىللەتتىن بولۇشى كېرەك. تومۇرىدا ئاققان قان شۇ مىللەتنىڭ قېنى بولۇشى كېرەك.
سېنىڭدەك ئىسمى نامەلۇم بىر خىتاي زۇۋانلىق شەخسنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىستەكلىرى، ئارزۇسى، ئىرادىسى ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتىڭ ئەسلا يوق. بۇ قارارنى پەقەت ۋە پەقەت شۇ زېمىننىڭ ھەقىيقى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقى بېرىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇربان ۋاپات بولدى

دۈ ئاۋغۇست 9 , 2021
ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇربان ۋاپات بولدى

You May Like