تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن.

كۆزۈمدىن لىۋىڭگە ئېچىلار نەرگىز.

قەدەملەر يىراقلاپ كەتسىمۇ گەرچە،

ئۇزاققا قېتىلىپ كەتمەيمەن ھەرگىز.

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن

 

ئۇمۇن

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن.

كۆزۈمدىن لىۋىڭگە ئېچىلار نەرگىز.

قەدەملەر يىراقلاپ كەتسىمۇ گەرچە،

ئۇزاققا قېتىلىپ كەتمەيمەن ھەرگىز.

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن،

قېرى قوينىڭدا پارلايدۇ قۇياش.

كېچىڭگە ئوخشىتىپ،قاپلايمەن قىرۇ،

جەھەننەم، ئۇزاقتا سېنىڭسىز ياشاش.

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن،

ئۆرتەنگەن كۆڭلۈڭدىن رەنجىيەلمەيمەن.

قالدۇرۇپ ئۆتمۈشنى غازاڭ پەسلىگە،

تىترەتكەن كۈنلەرنى كەچۈرەلمەيمەن.

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن،

تاشلىنىپ قالمايمىز بىربىرىمىزدىن،

باھارنىڭ ئاستىدا مۈگىدەپ يالغۇز،

كەچمەيمىز ياشلانغان كۆزلىرىمىزدىن.

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن،

قايتىمەن بىركۈنى تەڭرى تىغىڭغا،

تارىمنىڭ بويىدىن باھارنى ئېلىپ،

سۈركەيمەن سۇسىز قالغان بىغىڭغا.

 

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن.

ئايرىغان جۇدىندىن ئۇزاقتا سۈلھى.

كىچىكىپ قالغان قېرى مىنۇتتەك،

تارقايدۇ قاراڭغۇ، پارلايدۇ سۈبھى.

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەنقەرە نامايىشى خەۋىرى: بۈيۈك بىرلىك پاتىيىسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجىنىڭ سۆزى

يە دېكابىر 23 , 2018
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 23. دىكابىر ‹‹شەرقىي تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە ›› نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ساھىبخانلىق قىلدى

You May Like