تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»گە: كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

ئۇيغۇر مۇخبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-ئۆكتەبىر

خىتاي كومپارتىيەسى 16-ئۆكتەبىر كۈنى بېجىڭدا 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى باشلىدى، بۇ قۇرۇلتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مەزكۇر قۇرۇلتاينى نەق مەيدان تارقىتىۋاتقان ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى( ئۇيغۇر تايمىز»)قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننىڭ سۆزلىرى مەخسۇس  خەۋەر قىلىندى، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى كومپارتىيە قۇرۇلتىيىنى تەنقىد قىلدى، ئۇ  قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىشەنچلىك  ۋەكىللىك سالاھىيىتى يوق»  دېدى.

ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تايمىز (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى)قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن  يەنە مۇنداق دېدى:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۆتكەن 70 يىللىق تەجرىبىمىزدىن شۇنى بىلىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا سەھنە بەرگەندە،ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ».

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتىيى»زادى قانداق يىغىن؟

سە ئۆكتەبىر 18 , 2022
خىتاينىڭ ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتىيى»زادى قانداق يىغىن؟

You May Like