ت ر ت دۇنيا قانىلى: خىتاي تۈركىيەنى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بېيجىڭدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سەدات ئونال (Sedat Onal) بىلەن كۆرۈشكەندە،

ت ر ت دۇنيا قانىلى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 17- ماي

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-17

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بېيجىڭدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سەدات ئونال (Sedat Onal)  بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن مۇھىم قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرى سەۋەبلىك كۆپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، كۆپچىلىك بۇ لاگېرلارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان جازا لاگىرى دەپ قارايدۇ.

تۈركىيە خىتاينىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان تۈركلەر ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى  ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي تۈركىيەنى خىتاينىڭ غەربىدىكى بۇ رايونىدا قۇراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشىنى قوللاشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بېيجىڭدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سادات ئونال بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن مۇھىم قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاڭيىنىڭ سۆزلىرىگە مۇنداق نەقىل قىلغان، خىتاي « ئىزچىل تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىلىرىنى قوللايدۇ. تۈركىيە تەرەپنىڭمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك يادرو مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان» تېررولۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىنى قوللىشىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىشىشتەك چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  ئونالنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، تۈركىيە خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى، «تېررورلۇق كۈچلەرگە» زەربە بېرىشىنى قوللايدىكەن ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىكەن

خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان بۇ رايوندا ئىكىستىرېمىزمغا زەربە بېرىش باھانىسىدا ئاتالمىش كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلرىنى قۇرۇشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىپلەشلىرىگە دۇچ كەلدى. بۇ رايون ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتى بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان جازا لاگىرى دەپ قارىماقتا.

تۈركيە بىردىنبىر دائىم شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆيۈنىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ، بۇ يىل 2- ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كۇنسۇلىدا خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئىدى.

خىتاي « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»  (East Turkistan Islamic Movement) ئاتالمىش بىر تەشكىلاتنى يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) نۇرغۇن ھوجۇملارنى قوزغىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ. بىراق كۆپلىگەن دېپلوماتلار ۋە چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق بىر شەكىلدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا نەچچە يۈز كىشى توپىلاڭدا قازا قىلدى.

بېيجىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رايوندىكى رادىكاللىقنى يوقىتىش تىرىشچانلىقلىرى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەنكى ئىككى يىلدا زوراۋانلىقنىڭ ئاز بولىشى بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  

مەنبە:

https://www.trtworld.com/turkey/china-asks-turkey-to-support-its-fight-against-militants-26716

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

چىركاۋدا ھەم ئۇيغۇر ساداسى

شە ماي 18 , 2019
ۆتكەن يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى لوس ئانجېلىس رايونىدىكى پاسادەنا شەھىرىگە جايلاشقان «پاسادېنا چاسا چېركاۋسى» (Pasadena Foursqaure Church) لوس ئانجېلىس رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەسى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

You May Like