ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىلىم تەشنالىقى

2018-يىلى 26-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنۋېرستېتدىكى ئابدۇسەمەت ۋە باشقا ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە پروفېسور دوكتور ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتغۇچىلارىدىن پروففېسوردوكتۇر ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق ۋە پروففېسوردوكتۇرۋارىس چاقان تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە بەردى. ئاۋۇستىرالىيەدە ياشايدىغان دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ بۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ن .ئىزباسار ،ئستانبۇل.  

  2018-يىلى 26-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنۋېرستېتدىكى ئابدۇسەمەت ۋە باشقا ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە پروفېسور دوكتور ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتغۇچىلارىدىن پروففېسوردوكتۇر ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق ۋە پروففېسوردوكتۇرۋارىس چاقان تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە بەردى. ئاۋۇستىرالىيەدە ياشايدىغان دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا بولغانلىق پۇرسىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىمۇ ئۆزلەرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە بەرگىلى ئالىپ كەلدى. پروفېسور دوكتۇر ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق لىكسىيەسىدە خىتايلارنىڭ مىللەت قاراشىنىڭ مەنبەلەرى ۋە باشقالارغا تۇتۇمى مەۋزۇسىدا خىتايلارنىڭ مىللەت قاراشىنىڭ شەكىللەنىشىنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائى باسقۇچلارى، خىتايلارنىڭ مىللى ھافىزاسىدىكى ياتلارغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانلارى، خىتايلارنىڭ يات مىللەتلارگە قارىتا دوست-دۈشمەن، سەن ۋە مەن ئايرىمى ھەققىدە تەپسىلى لىكسىيە بېرىپ ئۆتتى. خىتايلارنىڭ مىللى خاراكتېرىنىڭ ئاكادېمىك مىتودلارغا ئاساسەن تەپسىلى چۈشەندۈرىلىشى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققەتىنى تارتتى. پروفېسور دوكتور ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇقنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ يېرىمىنى دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ لىكسىيەسىگە بەرگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغان مەمتىمىن ئەلا، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ پىداكارلىق ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئۆرنىكى سۈپىتىدە بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئەيتىپ ئۆتتى. دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ لىكسىيەسىمۇ ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا بىر پىسخىكا ئانالىزى قىلدۇرۇش بىلەن باشلاندى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزلىرىنى ئەڭ خوشھال قىلىدىغان ئىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكى سورالغانىدا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنىڭ، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىبادەتنىڭ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا ۋەتەننىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى سەۋەبلىك خوشھال بولغىدەك ھىچ بىر ئىشنىڭ يوقلۇغىنى سۆزلەپ ئۆتتى. دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئورتاق مىللى قايغۇنىڭ، ۋە بۇ قايغۇنىڭ ھەر كىشى تەرىپىدىن ئورتاق ھىس قىلىنغانلىقىنىڭ بەلكى كۈنىمىزدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ خوشھاللىقى بولۇشى مۇمكىنكىنى ئەيتىپ ئۆتتى. مەمتىمىن ئەلا ئۆزى يازغان ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا ناملىق كىتابى ۋە بەزى پەلسەپىلىك مەزمۇنلاردا لىكسىيە بەردى. پروفېسور دوكتور ۋارس چاقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنۈگۈنى، بۇگۈنى ۋە كەلەچەگى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى تۈرك تارىخىدىكى ئورنى، ئۇيغۇر قەبىلەلەرىنىڭ قۇرۇلغان تۈرك دەۋلەتلەرىدىكى رولى قاتارلىق تارىخى مەلۇماتلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلاغان تۈرك دەۋلەتلەرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بىر كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكى، بۇ كۈچنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلەرىدىن باشلاپ دەۋلەتچىلىك ۋە تەشكىلاتلانىش ئەنئەنەسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ۋە بۇنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر دەۋام قىلغان سىياسى ئاسارەتلەرگە قەدەر داۋام قىلغانلىقىنى ئەيتىپ ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ پائالىيەت، پروفېسور دوكتور ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا پروفېسور دوكتور ۋارس چاقان مۇئەللىمنىڭ لىكسىيە بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئوتتۇراغا چىققان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ۋارس مۇئەللىمنى تۇنجى كۆرگەن ۋە ئىنتايىن خوشھال بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار لىكسىيەدىن كېيىن بەس مۇنازىرە ئىچىدە ئۇستازلاردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بېرىلىپ ئۆتتى. بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بۇ لىكسىيەگە بۇ قەدەر كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ كەلىشىنى تەخمىن قىلمىغانلىقلارىنى دېيىشتى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن يىغىن زالىنىڭ ئىچى ۋە كارىدۇر كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ياشلارنى ئۇزۇندىن بۇيان بىر يەردە كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بۇنى كۆرۈپ ھەم ھاياجانغانلىقىنى ھەم مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ياشلاردىن ئۈمىدىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىلغان سۆھبەتىمىزدە ئوقۇغۇچىلار پروفېسور دوكتور ئابدۇررەشىت جەلىل قارلۇق مۇئەللىمنى ئۇزاقتىن تونىسىمۇ بۇرۇن مەيدانلاردا يېقىندىن كۆرمىگەنلىكى، بۇ پۇرسەتتە ئۇنى تونۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلكىكىنى، ئۇنىڭ تۈركىستان مىللى ئەنئەنىسىگە ئۆرنەك ۋە ۋارسلىق قىلغان يېڭىچە پىكىرلىرىنى، مىللى روھ ۋە مىللى مەنسۇبىيەتىدىكى رۆشەنلىك ۋە سۈزۈكلۈكنى كۆرۈپ، خۇددى ئىزدەۋاتقان نەرسەسىنى تاپقاندەك خوشھاللىق ۋە ھاياجان ئىچىدە نۇتۇقلارىنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. لىكسىيەگە كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دىنى بىلىملەر ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەننى ساھەدىكى زىيالىلار ھەققىدە يېقىندىن تونۇشلۇقلارىنىڭ يوقلۇقى، بۇ لىكسىيەدىن كېيىن بولسا ئەسلىدە زىيالىلارنىڭ ھىچبىر شەكىلدە نە دىنى نە پەننى دەپ ئايرىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى. بۇ سەۋەب بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى لىكسىيەلەردە دىنى ۋە پەننى ساھادىكى زىيالىلارنى ئوخشاش رامكا ئىچىدە كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يىغىندا نۇتۇق قىلغان ئۇستازلارنى بىلۋاسىتە كۆزلەرى بىلەن كۆرۈپ قۇلاقلارى بىلەن ئىشىتكەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ مەنزىرە چوڭ ئىلھام ۋە غۇرۇر ۋەسىلەسى بولغان بولۇپ، كۈنىمىزدىكى قىيىن ۋەزىيەتتە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە يېڭى ئۈمىدلەرنىڭ بارلىقى، مىللەتنىڭ ئىچىدە ساپ زىھىنلىك، مىللى مەۋجۇدىيەت ۋە مىللى مەنپەئەتىمىزگە ئىرىشىش ئۈچۈن يول كۆرسەتەليدىغان، زىھنى ۋە ئەقلى كىرالانمىغان زىيالىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلار يۈرەكلەرىدىن ھىس قىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە يەنە زىيالىلارنىڭ پەننى ۋە دىنى زىيالى ۋە ياكى زىيالى ۋە ئۆلىما دەپ ئىككى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ياكى چىقىرىلىۋاتقانلىقى، بىرىنىڭ بار يەرىدە يەنە بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى، بېرىلگەن لىكسىيەلەردە ھەم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك بۇلارنى بۆلۈش ئەسلى مىللەتكە خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئەمەس مىللەتكە خىيانەت قىلغانلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلار بولدى. بۇندىن كېيىنكى لىكسىيە ۋە پائالىيەتلەردە ئۇلارنى بىر يەردە يانمۇ يان كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىلارىنى كۆپچىلىك ئوقۇغۇچى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. لىكسىيەگە ئىشتىراك قىلغان قىزلار، لىكسىيە جەريانىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەندەك، خانىم قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇق بەرىدىغان تەلىم ۋە تەربىيەلەرنىڭ، لىكسىيەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاياللارنىڭ ئائىلەدكى ئورنى ۋە ھەق ھۇقۇقلارى ھەققىدە ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ ئورتاقلىششىنى سەبىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى دېيىشتى. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار تۈركستانلىق ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تۈركىستان تۈركچەسىدە يەنى ئۇيغۇرچەدە يازغان يازمالارىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، مەۋجۇتلارىنىڭ بولسا تەلەپلەرنى قارشىلايالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشتى، ئۇستازلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنى تۈركىستان تۈركچەسىدە يەنى ئۇيغۇرچەدە ھەم تەييارلاشلىرىنىڭ ئۆزلەرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلارىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇراغا قويدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل لىكسىيەلەرنىڭ يەنە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى، پىسخولوگىيەلىك بۇرۇقتۇم ئىچىدە قالغان نۇرغۇن ياشلارنىڭ بۇخىل لىكسىيەلەردىن زور ئىلھام ۋە مەدەت ئالغانلىقلىرىنى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى ۋە يارقىن نەتىجەلەرگە ئىرىشپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا ئەيتىپ ئۆتتى.     ئەسكەرتىش :1.ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىملا ئشلىتىش ئۇسۇلىغا ھۇرمەت قىلىپ ،ئەسلىسى ساقلاپ قىلىندى. 2.ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇر تەقدىرى ئۇچۇن مۇھىم بولغان خەۋەر ،ئۇچۇرلارنى خەلقكە تەقدىم ئېتىدۇ !

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاينىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ياردەم نەتىجىسى

شە سېنتەبىر 1 , 2018
ئەسلى خەۋەر: تۈركىيە يېڭى چاغ گېزىتى تەرجىمە قىلغۇچى :ئىقبال «ئستانبۇل »

You May Like