ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ئىھسان شۈكران تەييارلىدى.
5-دىكابىر
يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ سافا كۆي رايونىدا ئۇلتۇرۇشلۇق مۇھەممەد نۇر مەمەتتۇرسۇن ،تەقرىبەن 6ئاي ئىلگىرى ئىشلەش ئۈچۈن تۈركىيىدىن ،ئافرىقىغا بارغان بۇلۇپ ،2 كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ،تۈركىيە چىگىرا ساقچىلىرنىڭ ئايرۇدۇرۇمدا توسۇپ قېلىشى بىلەن ،تۈركىيە چېگىراسى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن .
ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشچە: مۇھەممە نۇر 2023يىلى 12.ئاينىڭ 03 كۈندىن 2023.يىلى 12.ئاينىڭ 5 كۈنگىچە ئىستانبۇل يېڭى ئايدۇرۇمىدا تامۇژنا خادىملىرى تەرپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۋاتقان بولۇپ ،ھازىرقى ئەھۋالى جىددى. تامۇژنا ساقچىلىرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تۈركىيەدىن باشقا بىر دۆلەتكە چېقىپ كېتىشى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بەرگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بىلەن ياشاۋاتقان مۇھەممە نۇر باشقا دۆلەتكە قايتسا ،خىتتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
مۇھەممەد نۇرنىڭ ئايالى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بارلىق تەشكىلات ۋە ئاكتىپ پائاليەتچىلرنىڭ بىرلىكتە ھەركەت قىلىپ بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمزنى قۇتقۇزۇپ قېلشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەرنىڭ سوسيال مېدىيادىكى ئادېرسى: