ئ‍سلاھات تېمىسدىكى سۆزلىرىم ھەققىدە

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۆتكەن ھەپتە سۆزلەپ ئىلان قىلغان ئسلاھات ھەرىكىتىنىڭ :«سەل ئۆزگىرەيلى» تېمىسدىكى سۆزۇم ھەر قايسى سەھنىلەردە 6 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپتۇ. يەنى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كۆرۈپ تارقىتىپتۇ. ئۇنىڭدا تاماشىبىن توپلاش ئۈچۈن ھاقارەت، جېدەل-ماجرا تېمىسى يوق ،يەنى كۆپ ئادەمگە ئوزۇق بېرىش .ئۇچۇن چوقۇم بىرىنى تىللاش ھاجەتسزلىقى ئاشكارا. مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر ھەپتە ئىچىدە 100 گە يېقىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇنىڭدا ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرەش بىلەن بىرگە بۇخىل سۆھبەتلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىنى، خەلقنىڭ قىسقا، يېنىك، سۈپەتلىك مەزمۇنلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆلچەملىك سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىبارىلەر بىلەن گۇرۇھۋازلىق قىلماي، ئورتاق قىممەت قاراشلارنى تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقى يېزىلغان ياكى سۆزلەنگەن. ئۇلار ئىچىدە تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيەدىن ئۇيغۇرلار بار. خۇددى بۇرۇن مەن سۆزلىگەن نۇرغۇن لېكسيەلەردىن كەلگەن سۆزلەردىن ئىلھام ئالغىنىمغا ئوخشاش ، بۇ سۆزۇمگە كەلگەن باھادىنمۇ ئ‍ىلھام ئالدىم، مەن داۋاملىق يازىمەن، سۆزلەيمەن. ماڭا بىرىنىڭ بىر دوللار ياردىمى، ياكى مىنى ماختاپ، ئ‍ېتىراپ قىلىشى لازىم ئەمەس، باشقىلارنىڭ قىلغان ئەمگىكىمدىن ئالغان پايدىسنى ئاڭلاشتىن كىلىدىغان خوشاللىق چەكسز. بۇنى دىيشم، گەرچە مىنىڭ سۆزۈمنى ھەممەيلەن تولۇق ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولسا ئ‍اڭلاپ باققاي، تارقىتىپ قويغاي. ئۇيغۇر ھازىر ئ‍شەنچ، ھۈرمەت، ئۈمىد، ھەرىكەت، مەسئۇلىيەت، كۇچلۇك بولۇش-ئىلگىرىلەش، ئۆزىنى ئ‍سلاھ قىلىش، تىپىدىكى ئەقلى سۆھبەتكە ئىنتايىن مۇھتاج. مەن يەنە يېڭى سۆھبەتلىرىمنى ئورتاقلىشمەن.لىدىرلىق ياكى باشلىقلىق، شۆھرەت ياكى ھوقۇق ياكى چوڭلۇق ئۈچۈن ئەمەس، ئەھمىيەتلىك ئ‍ش قىلىشنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن!

1-سىنتەبىر، ۋاشنگىتون

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تاھىر ئىمىن: ئۆزۈمگە باھا

يە سېنتەبىر 1 , 2024
https://www.facebook.com/share/p/YFKD95cmAEQW9JvB
ئۆزۈمگە باھا

You May Like