شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-سنتەبىر

بۈگۈن ئىلان قىلىنغان ئورگان باياناتىدا مەزكۇر مۇكاپات كومېتىتى مۇنداق دىگەن:

«شەخسىي ۋە سىياسىي تارىخنى بىرلەشتۈرگەن، يوقىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ۋە تىلنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا يوقىتىش، مۇھەببەت، ئۈمىد ۋە ھايات قېلىشتەك ئومۇمىي تېمىلارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالاھىدە شېئىرلىرى ئۈچۈن، شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلدى»

تاھىر ھامۇت ئىزگىل مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق يازغان:

شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شېئىرلىرىمنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقارادا تونۇلىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن جوشۇا فرېيمىنگە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان دوستلارغا تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن.

بۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا بېرىلىشى يالغۇز مېنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەدەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرىئان: 100 مىڭلىغان كىشلەرگە رەھمەت!

پە سېنتەبىر 26 , 2024
ئۇيغۇرىئان مەن تۇققانلىرىم، قېزىم ،ئاپىسى، دوسلىرىمنىڭ ئازابىنى ھەر كۈنى يۈدۈپ يۈرىمەن، يىغلايمەن. ئەمما ھەر كۈنى قايغۇلىرىمنى ئورتاقلىششش-مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئازاپلىق. تۈنۈگۈن ئائىلەم (ئاپام ۋە ئىككى ئىنىم، 28 نەپەر تۇققانلىرىمنىڭ قامىلىشى ) دۇچ كەلگەن تۈرمە ۋە ئايرىلىش ئىلىپ كەلگەن روھى ئازاپلار ھەققىدىكى مەزكۇر يازمام 2 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئەكس(تېۋىتتر)دا […]
100 مىڭلىغان كىشلەرگە رەھمەت

You May Like