شىمالىي ياۋروپانى كۈلدۈرگەن مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي

19-ئاۋغۇست

ماتېرىيال تەمىنلىگۈچى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىسى، جاھان ئەڭ ئىسسىپ كېتىدىغان بۇ دەملەردە نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن شەھرى يەنىلا سوغۇق بولىدۇ. ئەمما بۇ شەھەر بۇ يىل ئۇيغۇرچە مەشرەپ بىلەن قىزىدى، ئۇيغۇرچە كۈيلەر بىلەن ئىللىپ قالدى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق سەنئەت مۇزېيىدىن سۆيۈنۈپ تەبەسسۇمغا تولدى.

بۇ يەردە ياۋروپانىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيەدىن كەلگەن بالىلار نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان دوستلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولۇپ جاھانغا مۇھەببەت بىلەن باقاتتى، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيتتى، ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئىزتىراپقا تولاتتى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دۇچ كېلىدىغان بىز كىم؟ قەيەردىن كەلگەن؟ مەنزىل قايان؟ دېگەن چىگىشلەر بېرگېندە 15-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە بولغان يىغىلىشتا يېشىلدى. ئاۋۋال ئۇلارغا ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى، زېمىنى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يورۇتۇلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇپ بېرىلدى.

ئاندىن كەيپىيات مەشرەپ بىلەن كۆتۈرۈلدى. مەشرەپتىن كېيىنكى تەسىراتلار سورالغاندا بالىلار ئۆزىنى تۇتالماي سۆزلەپ كېتىشتى.

«بىز تۇنجى قېتىم مەشرەپ ئويناشنى ئۆگەندۇق، مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم يىگىت ئاتىلىپ، يىگىت بېشى بولۇپ باقتىم!» دەيدۇ ئەنگلىيەدىن كەلگەن مۇستاپا پائالىيەتتىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ.

«قازى دېسە ئەرلەرنىڭ ئىسمىمىكىن دەپتىكەنمەن، ئەسلى ئۇ سوتچى دېگەن سۆز ئىكەن، مەن ئۇيغۇرلاردا تۇنجى سوتچى بولدۇم دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ، ئەنگلىيەدىن كەلگەن سۈمەييە.

16-چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دىن 19 غىچە ئۇيغۇر مەشرەپى تونۇشتۇرۇلۇپ بالىلارغا قانداق مەشرەپ ئويناش ئۆگىتىلگەن ئىدى. ئەنگلىيەدىن كەلگەن مۇستاپا ئۆزىنى يىگىت بېشى قىلىپ كۆرسەتتى. قازىلىققا سۈمەييە سايلاندى. گېرمانىيەدىن كەلگەن ئەمرۇللا پاششاپ بېگى بولدى. ئۇلار مەشرەپكە كەلگەن ھەممەيلەننى بىر تەرتىپكە ئېلىپ كىردى. مەشرەپكە پۇقرا بولغان 12 چوڭ ئىشتىراكچىمۇ بالىلارغا بويسۇندى. ئۇلار جازا بەرسە يۇۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. مۇكاپاتىدىن سۆيۈندى.

مەشرەپنى گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۈچ يىگىت ئەۋجىگە چىقىرىۋەتتى. ئەمرۇللا، ئىلزات ۋە ئەلزاتلار سالغان ساما سورۇننى كۆتۈرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ساماسى گاھ ئارغۇماقلارنىڭ ئۆكرەڭ تاشلاپ چېپىشىنى ئەسلەتسە، گاھ شۇڭقارنىڭ قانات يېيىپ كۆكتە قىلغان پەرۋازىنى ئەسكە سالاتتى، ئۇلارنىڭ چەبدەس قەدەم بىلەن يىغىلىپ چەمبەر ھاسىل قىلىشى ئولجانى كۆرگەندىكى بىرلىكتە قىلىنغان چەبدەس ھۇجۇمىنى ئەسلىتەتتى.

گېرمانىيەدىن كەلگەن ساماچىلار دوستلىرىغا قانداق ساما سېلىشنى ئۆگەتتى. ئۇلارنىڭ قەدەم ئېلىشتىن باشلاپ غۇلاچ تاشلاشقىچە، مەغرۇر باشلاشتىن تارتىپ سۈرەن سېلىشقىچە بىر-بىرلەپ ئۆگىتىشى بىلەن 23 قىز يىگىتىمىز ساماغا باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتى.

23 ئۇيغۇر بالا بىر سىنىپقا يىغىلىپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى ئۆگەندى. شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغاندىن باشلاپ تىلى چەكلەنگەن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئەدەبىيات تارىخىنى مېغىزلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۈلگىلەر ئوقۇپ بەردى.

بالىلار ئۇيغۇرچە چالغۇ ئۇستازى مىركامىل تۈركەلدىن مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەندى. دۇتار، تەمبۇر، ساتار، غېجەك، خۇشتار، داپ قاتارلىق چالغۇلار بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلدى. ئۇلارنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقى، قانداق چېلىنىدىغانلىقىدىن ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلدى.

مىركامىل تۈركەل دەرسنى ئۇيغۇرچە تون، كانۋاي كۆينەك ۋە ياركەنتنىڭ چىرايلىق دوپپىسىنى كېيىپ ھەقىقىي ئۇيغۇرچە قىياپەت بىلەن ئۆتتى. دەرسكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن تەسىرلىنىپ ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشنى، بالىلارغا ئۇيغۇرچە چالغۇلارنى قانداق ئۆگىتىش ھەققىدە مەسلىھەت ئالدى. ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئانا مۇقەددەس خانىم مىركامىلنىڭ مېتودىدىن تەسىرلىنىپ بالىسىغىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭمۇ ئۆگەنگۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

«مىڭ ئۆي دېگەننى تۇنجى ئاڭلىشىم» دېدى ئەنگلىيەدىن كەلگەن سەمىرە ئۇستازى نىجات ھۇشۇر سۆزلىگەن ئۇيغۇر رەسساملىق تارىخى ھەققىدىكى لېكسىيەدىن كېيىن. بۇ سەمىرەنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە مىڭ ئۆيلەر ھەققىدە ئاڭلاپ باققان تۇنجى لېكسىيەسى ئىكەن.

ئاخىرقى كۈنلۈك دەرس رەختلەرگە ئۇيغۇرچە نۇسخا قوندۇرۇشنى، يەنى سەرگەزچىلىك ئىدى. بۇ دەرسنى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۆتتى. ئاۋۋال ئۇ ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇيغۇرچە سەرگەز سەنئىتىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن بالىلارغا رەختلەرگە ئۇيغۇرچە نۇسخالارنى قانداق قوندۇرۇشنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆگەتتى. بالىلار دەرستىن كېيىن ئۆزى لايىھەلىگەن سومكالارنى ئېسىشىپ رەسىمگە چۈشۈشتى.

بالىلارغا تونۇر ياساشنى ئۆگىتىپ تۇرساق ئۇلارنىڭ سامسا ياققۇسى كەلدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇستازلىق قىلىشى، قول سېلىپ ئۆگىتىشى بىلەن پىشىپ چىققان سامسالار ھەممەيلەنگە ياراپ كەتتى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن شەھرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت كۇرسى 15-ئاۋغۇست كەچتىن 17-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنگىچە داۋام قىلىپ بالىلارنى دوستلاشتۇردى. ئۇلارنى بىللە دەرس ئاڭلاش، بىللە يېيىش، بىللە ئويناش ۋە بىللە كەپسىزلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. ئۇلار ئورتاق گۇرۇپپىلارنى قۇرۇشۇپ، ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە كېلىشىپ كۆزى قىيماي خوشلاشتى.

بۇ ئىشنى پىلانلىغان ساھىپخان ئۇيغۇر يار تەشكىلاتى ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن كېلەر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ لوندوندا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بالىلارنى يەنە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.


بۇ «مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي»نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملاردا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن ۋە شۋېتسىيەنىڭ ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like