شى جىن پىڭ ئاياللار يېغىنىدا ختاي ئاياللارنىڭ كۆپرەك تۇغۇشنى، ھاكېمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ختاي كوممۇنستك پارتىيسى ختاي خەلقىنىڭ شەخسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتىنى  كونتىرۇل قىلىش بىلەن مەشھۇر.ئەمما 1980-يىلدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سياسىتى يولغا قويۇپ، ئ‍نسانلارنىڭ تۇغۇت ئ‍شىغا ئارىلىششنى دۆلەت ۋە پارتىيەنىڭ يادرولۇق سياستى دەپ ئىلان قىلغان كومپارتىيە تۇيۇقسز ئاياللارنى شددەت بىلەن تۇغۇشقا چاقىرغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تەشۋىقات ۋاستسى بولغان ختاي خەلق تورى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىۋى،ختاي دۆلەت رەئىسى، ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە ختاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلىشپ، ئۇلارغا پارتىيەگە ئەگىشش، ختاينى ھېمايە قىلىش، ياخشى ئايال بولۇش ھەققىدە سۆز قىلغان.شى جىن پىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئاچقان بۇ يېغىندا، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ نەق ئوتتۇرسىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۋىلىشمۇ غەرپ تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك مەسخىرە قوزغىدى.

ختاي كومپارتىيسى رەئىسى شى جىن پىڭ  ئاياللارنى ئائىلە بىلەن باشقۇرۇش، ختاينىڭ ئەنئەنسنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنى ياخشى ئايال بولۇشقا چاقىرغان.نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى « خىتاي رەئىسى ئاياللارنى ئۆيدە ئولتۇرۇشقا چاقىردى»دەپ خەۋەر بەردى.

شى جىن پىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى:

«ئائىلە ئىناق، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى، ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولغاندىلا، پەرزەنتلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، جەمئىيەت ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاياللارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ئاياللارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. يېڭىچە ئۆيلىنىش ـ پەرزەنت كۆرۈش مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ـ مۇھەببەتلىشىش قارىشى، پەرزەنت كۆرۈش قارىشى، ئائىلە قارىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پەرزەنت كۆرۈشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش كېرەك.

شى جىن پىڭ ئاياللارنىڭ كاللىسى، ئىچكى دۇنياسنى، روھىنى كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى سياسى جەھەتتە ختاي كومپارتىيسى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەكلىكنى ساقلاشقا چاقىرىپ مۇنداق دىگەن:

ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاياللارنى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كەڭ ئاياللارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.»

شى جىن پىڭ تەختكە چىققاندىن بىرى، ختاي دۆلەت ئىچىدە مۇتلەق دىكتاتۇر سياسىتنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، خەلقئارادا ئامېرىكا ۋە غەرپكە قارشى سياسەتلەرنى يولغا قويغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دولقۇن ئەيسا بىلەن«ئۇيغۇر خەلقئارا مۇنبىرى»ھەققىدە سۆھبەت

جۈ نويابىر 3 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى 2023-يىلى 30-ۋە 31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەشكىللىشى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ساھىپخانلىقى، ياپونيە پارلامنىتىنىڭ قوللىشى بىلەن توكيودا «ئۇيغۇر خەلقئارا مۇنبىرى» پارلامنىت ئەزالىرى ئۇچرىشىشى چوڭ يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.مەزكۇر يېغىن ھەققىدە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەلقئارا بۆلۈم تىل قاناللىرى ۋە ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋەر ئىلان قىلدى.مەزكۇر يېغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسلى مەلۇماتقا ئىگە […]
دولقۇن ئەيسا

You May Like