«شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار» تېمىلىق پائالىيەت غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى
ئامىنە سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى10-دېكابىر
«ئۇيغۇر ھەق تەلەپ قىلىش ۋە ئادالەت دەرنىكى» بىلەن «لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن پىلانلىنىشى «ئىلى مەشرەپ ۋەخپى»نىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان « شەرقى تۈركىستاندىن خەۋەر بار» تېمىلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەت 9-دېكابىر خەلقئارالىق ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كۈنىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتكە: «ئاق پارتىيە»، «سائادەت پارتىيەسى»، «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى»، «ئى پارتىيە»، «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى»، «ھۇدا پارتىيەسى» قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات قانال مۇخبىرلىرى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە مۇخبىرلار، شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە نەچچە يۈزگە يېقىن خەلق قاتناشتى.
پائالىيەت لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بىرى ئائىلىسىنى ئىزدەش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «بىز كىم» دېگەن فىلىم بىلەن باشلاندى . «ئۇيغۇر ھەق ۋە ئادالەت دەرنىكى » باشلىقى ئابدۇللا ئوغۇزنىڭ ئېچىلىش سۆزىدىن كىيىن « شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا رەسىم ۋە فىلىم قۇيۇپ بېرىش ئارقىلىق، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى نامايان قىلىپ بەردى. ئارقىدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى . پائالىيەت ئاخىرىدا «شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن مەكتۇپلار» تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تىلى بىلەن يېزىلغان مەكتۇپلارنى ئۇقۇش بىلەن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
پائالىيەت تۈرىنىڭ خىلمۇخىل ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلىشى، قۇيۇلغان فىلىم ۋە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر مىللەت خەلقىگە ۋە ھەر قايسى پارتىيە ۋەكىللىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.