شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار قېچىشقا باشلىدى

جەنۇبى خىتاي سەھەرلىك خەۋەرلىرى، ئەركىن ئاسىيا خىتايچە بۆلۈم قانىلى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقى تۈركىستاندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن تەھدىد ھىس قىلغان خىتايلار ئامېرىكىدا ماقۇللانغان

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-7

 


جەنۇبى خىتاي سەھەرلىك خەۋەرلىرى، ئەركىن ئاسىيا خىتايچە بۆلۈم قانىلى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقى تۈركىستاندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن تەھدىد ھىس قىلغان خىتايلار ئامېرىكىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى»نىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كادىرلارنى جازالاش ئېھتىماللىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قىلىش قورقۇنچىسى تېخمۇ كۈچەيگەن ھەمدە شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالىرى بارلىق ئاماللار ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندىن قېچىشقا باشلىغان. شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار گەرچە ئوچۇق ئاشكارە شى جىنپىڭغا قارشى چىقالمىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىسى قېچىش ئارقىلىق قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئىجرا قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستاندا لاگىر ۋە باستۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان، ھەمكارلاشقان ئەمەلدارلار ۋە تىخنىك خادىملارنىڭمۇ قارا تىزىملىككە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئامرىكىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادى، سودىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىچە تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن قاتتىق قورققان.

 

 

 


خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى بىيرونىڭ دائىمى ئەزاسى ۋاڭياڭ شەرقى تۈركىستان خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، 2018- يىلى 4- ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئۈچ قېتىم ئۆزى بىۋاستە شەرقى تۈركىستاننى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋاڭياڭ سىياسى بېيرۇدىكى تۆتىنجى ئورۇندىكى كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا كۆپ قېتىم بېرىشى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر كەسكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

 


ئەھۋالدىن خەۋەردار كېشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ۋاڭياڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق شەرقى تۈركىستان خىزمەتلىرىنى كۆزىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شى جىنپىڭغا بىر دوكلات سۇنغان بولۇپ، دۇكلاتتا ھازىر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي كومىنىستىلىرىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇرلارلا نارازى بولماستىن، نۇرغۇن خىتايلارنىڭمۇ رازى ئەمەسلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي كادىرلىرى ياكى پۇقرالىرى بولسۇن بارلىق ئاماللار بىلەن شەرقى تۈركىستاندىن قېچىشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن شەرقى تۈركىستان نۇپۇسىدىكى خىتايلارنىڭ نۇپۇسىنى خىتايغا يۆتكەش خىزمەتلىرىنى توختاتقان.

 

 

 

مەنبە:

 

https://www.rfa.org/cantonese/news/xinjiang-12052019093454.html?fbclid=IwAR1AtDId-iad7qqcAWpvhAeteaKcq0i4kSZ-_cEGeWY14O5pIvwQ10KJ6Fw

 

https://www.scmp.com/news/china/politics/article/3040628/wanted-chinese-cadres-hold-beijings-line-xinjiang-han-head

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ختتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئاخبارات ئۇرۇشى سالمىقىنى كۇچەيتتى.

شە دېكابىر 7 , 2019
ختتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئ‍اۋام پالاتاسى 3-دىكابىر ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھەسنى ماقۇللىغاندىن كىين،ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەمدە تەشۋىقات سالمىقىنى كۇچەيتتى.

You May Like