سەئۇدى ئەرەبستان 2024-يىلى 10 ئاي ئىچىدىلا 198دىن ئارتۇق كىشگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئۆكتەبىر

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلان قىلغان يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2024-يىلى يانۋاردىن ھازىرغىچە 198 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىغان. بۇ 1990-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان سان ئىكەن.

سەئۇدى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە، ئۆلۈم جازاسىنى چەكلەشنى قايتا-قايتا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلى ئۆلۈم جازاسىنى كۆپەيتكەن ۋە داۋاملىق ھالدا خەلقئارالىق ئادىل سوت ستاندارتلىرى ۋە ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغان. زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنىڭ سانى بۇ يىل كەسكىن ئاشقان.

ھازىرغىچە 53 قېتىم ئىجرا قىلىنغان:

پەقەت ئىيۇل ئېيىدىلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان . بۇ 2023-يىلى پەقەت ئىككى قېتىم ئىجرا قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم جازاسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن.

ھۆكۈمەت يەنە ئۆلۈم جازاسىنى سىياسىي قارشىلىقنى باستۇرۇش قورالى قىلىپ، 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا «ھۆكۈمەتكە قارشى» نامايىشلارنى قوللىغان شىئە ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى جازالىغان.

ھۆكۈمەتنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى تىرورچى ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا قوشۇلغان دەپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like