سەئۇدى ئەرەبىستان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا كىرمەكچى

سەئۇدى ئەرەبىستان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا كىرمەكچى

 سەئۇدى ئەرەبىستان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا كىرمەكچى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 29-مارت

«رېيتېر ئاگېنتلىقى» خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى كابىنېتى 29-مارت بايانات ئېلان قىلىپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلات»غا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسىنى سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قارارى ئامېرىكىغا قارشى خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتماقچى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. 

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ «رېيتېر ئاگېنتلىقى» مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىرلىككە كېلىپ بولغان ئىكەن.

نۆۋەتتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا رەسمىي ئەزا دۆلەتلەردىن: خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ھىندىستان، ئىران قاتارلىق توققۇز دۆلەت، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن: موڭغۇلىيە، بېلارۇسىيە، ئافغانىستان(ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت) قاتارلىق ئۈچ دۆلەت، شۇنداقلا دىئالوگ ھەمكارلىقىدىكى: ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، كامبودژا، نېپال، سىرىلانكا، تۈركىيە، قاتار ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بار.

خەۋەر قىلىنىشىچە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بۇ يىل 8-ئايدا رۇسىيەنىڭ چېريابىنسك رايونىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ۋول سچىرىت ۋە فوكس پارتلاتقۇچ: سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەيىبلەندى. تىرامپ : مەن گۇناھسىز !

جۈ مارت 31 , 2023
ۋول سچىرىت ۋە فوكس پارتلاتقۇچ: سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەيىبلەندى. تىرامپ : مەن گۇناھسىز !

You May Like