خىتاينىڭ ۋۇخەندە «سارىس »( SARS) قايتا تارقالدىمۇ ؟

12-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى جىددى بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇش «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇقتۇرۇشنىڭ 3-تارمىقى دىققەتنى تارتىپ غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سايئوغلى

 

2020-01-01

 

12-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى جىددى بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇش «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇقتۇرۇشنىڭ 3-تارمىقى دىققەتنى تارتىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. 3-تارماقتا ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتنى ئالماي تۇرۇپ بۇ كېسەل توغرىسىدا بايانات بېرىش قەتئىي چەكلەنگەن. خىتاينىڭ دۆلەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىىسلىرى ۋۇخەنگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كېسەل توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ھازىرغىچە خىتاي تەرەپ 27كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 8كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. بۇ سان خىتاي تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان سانى بولۇپ بۇنىڭدىن كۆپمۇ بىر نېمە دىمەك قىيىن. دەسلەپكى قەدەمدە بۇ كېسەل بىلەن ئۇچراشقان دوختۇرلار بۇ كېسەلنىڭ 16يىل بۇرۇنقى سارىس (SARS) بىلەن ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە دوختۇر بىلەن پاراڭلاشقان كىشىنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرسى تور دۇنياسىدا تارقالغان بولسىمۇ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلانغان، ۋە مېدىيا ۋاستىللىرىدە ۋىرۇس خاراكتىرلىك ئوپكە ياللۇغى بۇلىشى مۇمكىن دەپ خەۋەر تارقاتقان، ئەمما سارس ئەمەسلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. چۈنكى ھازىر خىتاي ئىقتىسادى تەرۋىنىپ قالغان مەزگىل، يېڭى يىل كىردى. خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كېلىش ئالدىدا چاغاندا قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ ئەڭ قىستى- قىستاڭ بولىدىغان ۋاقتى بولۇپ، ساياھەت ئىشلىرى ۋە تىجارەتنىڭ جاللىنىدىغان ۋاقتى. بۇ ۋاقىتتا ھەققىي ئەھۋالنى يۇشۇرۇش ئىھتىماللىقى بەك يۇقىرى. چۈنكى يۇقۇملۇق كېسەل بولسا ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سارىس يېڭى بايقالغاندىمۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يىللىق دوكىلاتقا تەسىر يېتىدۇ دەپ يەرلىك ھۈكۈمەت ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان ئىكەن. بۇ ھەقتىكى يېڭى خەۋەرلەر يەنە ئېلان قىلنىدۇ.

 

پايدىلنىش مەنبەسى: فىرانسىيە خەلقئارا رادىيۇ ئىستانسىسى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنپلىرى خىتتاي دېگەندەك ياخشىمۇ؟

چا يانۋار 1 , 2020
ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنپلىرى خىتتاي دېگەندەك ياخشىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار خۇرسىنىپ بۇ يەردىكى ھايات تۈرمە ھاياتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇقۇشتىن چىكىنىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

You May Like