ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
2019-10-3
تەييارلىغۇچى: ئەردەم
2-ئۆكتەبىر، سامسۇڭ شىركىتى خىتايدا ئەقلىي تىلىفۇن ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سامسۇڭ شىركىتى گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايىتقان، ئۆتكەن يىلى تىيەنجىندىكى زاۋۇتىنى ئىشتىن توختاتقان. بىراق ھىندىستان ۋە ۋىتنامدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا خۇاۋىي، شىياۋمى قاتارلىك تىلىفۇنلارنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك، سامسۇڭ تىلىفۇنىنىڭ بازىرى 2013- يىلىدىكى %15 تۆەنلەپ، 2019- يىلىدا %1 كە چۈشۈپ قالغان. خىتايلار ئەرزان باھالىق تىلىفۇنلارغا خۇاۋىي، شىيامىي، قىممەت باھالىق تىلىفۇنلارغا ئالما سېتىۋىلىشنى ياقتۇرىدىكەن. خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى، ئامرىكا- خىتاي سودا جىڭى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان پەن- تىخنىكا شىركەتلىرى ۋە تىلىفۇن شىركەتلىرى خىتايدىن چىكىنىپ چىقىشقا باشلىغان. سونى شىركىتى نۆۋەتتە تايلاندتا ئەقلىيفون ئىشلەپ چىقارماقتا. ئالما شىركىتىمۇ بۇ يىل 6- ئايدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى %30 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىيىتقان.