تۇرغۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-نويابىر
(ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئسلام ئۆچمەنلىكى، يەھۇدى ئۆچمەنلىكى، ئامېرىكا ئۆچمەنلىكى، تۈركىيە ئۆچمەنلىكى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، تۆھمەت -قارىلاش قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
ئامېرىكىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سياسى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار ئامېرىكىنىڭ كونسرۋاتىپ تاراتقۇلىرىدىن بىرى خەۋەرلەر ھەپتىلىكىگە زىيارەت بىرىپ، ئۇيغۇرلار قوللاشقا ئېرىشسە، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سالىھ خۇدايار ئەپەندى « [Newsweek] ھەپتەلىك خەۋەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «خىتتاي [ئۇيغۇرلارنىڭ] ئۆيىنىلام ئەمەس ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە كىملىكىنىڭ ۋەيران قىلدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارغا پەلەستىنلىكلەردەك ئوخشاش دەرىجىدە چەتەلدىن ياردىم بېرىلگەن بولسا ، بىز ئاللابۇرۇن مۇستەقىل ۋە پاراۋان شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالىغان بولاتتۇق».