ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز، 4-ئاۋغۇست
2-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇرئاگنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز بىرلىكتە رۇشەن ئابباسنىڭ يېڭى كىتابى «يېمىرىلمەس-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەشلىرى» نىڭ تارقىتىلىشى ۋە كىتاب سۆھبەت يىغىنىنى ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيرفاكىستىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە جامائەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئورتاق ۋەدىسىنى قايتا جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى.

پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر ئامېرىكالىق تونۇلغان پائالىيەتچى ۋە «ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى» نىڭ ئىجرائىيە دېرېكتورى رۇشەن ئابباس كىتابىدا سۆزلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى تەقدىرىگە ئائىت بىر قېسم ۋەقەلەر، ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك سياسەتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تەپسلى مىساللىرى، ئۆزى ۋە ئائىلسنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە كۆرەشلىرى يازغانلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ (CCP) چېگرادىن ھالقىغان زىيانكەشلىكى ئالدىدا «يېمرىلمەس» نىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ پەقەت مىللىي كۈرەش ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز» نىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، روشەن ئابباس بىلەن تەسىرلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت ئۇنىڭ ۋەتەن- شەرقىي تۈركىستاندىكى بىۋاسىتە تەجرىبىلىرى، دادىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى زۇلۇملىرىنى خاتىرىلىگەن ئەسلىمىسى، چەتئەلدىكى ھايات ۋە كۆرەش كارتىنىلىرى، ئائىلىسى دۇچ كەلگەن قساس خاراكتىرلىك جازالاشلار، ئىلىپ بارغان ھەرىكەتلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مۇنازىرىدە يەنە 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، ئۇنىڭ گۇانتانامو قولتۇقىدا ناھەق تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە تۈرمىدىكى سىڭلىسى دوكتور گۈلشەن ئابباس ھەمدە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن توختىماي قىلىۋاتقان تەشەببۇسلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىندى.
بۇ پائالىيەت ئىيۇن ئېيىدا Hudson ئىنستىتۇتىدىكى رەسمىي كىتاب تارقتېش مۇراسمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا كونگرېسى ئەزالىرى، Hudson ئىنستىتۇتى ۋە مىللىي دېموكراتىيە فوندى (NED) دىن تەركىب تاپقان داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى روشەن ئابباسنىڭ كىتابىنى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسىدىكى ھالقىلىق ئاۋاز دەپ قارشى ئالغان.

روشەن ئابباس كىتابىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى — ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كەڭ دوكلاتلىرى بىلەن قوللىنىپ — خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تارىخىي زۇلۇملارنى يورۇتىدۇ:
- مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سىستېمىلىق قىرغىن قىلىنىشى؛
- دادىسى ئابباس بۇرھاننىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسەن، باي ناھىيەسىدە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي ئاچلىقتىن ئۆلۈشى؛
- لوشىجىن ئسىملىك ساۋاتسز ختاي سكىرتارنىڭ بىر كۈندە 12 مىڭ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىشى
- ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان تەشەببۇسلىرىغا قارشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئائىلىسىنى، بولۇپمۇ دادىسىنى جازالىشى.
- ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشلىق ھەرىكەتلىرى ۋە جازاغا ئۇچرىشى
- ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى مىجىت ئەمەتنىڭ ئاز بىلىنىدىغان مەخپىي ئۆلۈمى
- گۇۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى
كىتاب بۇ بايان قىلىنمىغان تارىخلارنى ئابباسنىڭ شەخسىي سەپىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ھەرىكەتكە چاقىرىق ھەم ھايات قېلىش گۇۋاھلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
مۇنازىرىدىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار كىتاب سېتىۋېلىش ۋە روشەن ئابباس بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە ئالاھىدە قېزىزىقىش كۆرسىتىپ، پائالىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭقۇر شەخسىي ۋە تارىخىي چۈشەنچىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەشكە ئىنتىلدى.
قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە دىياسپورادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر بار ئىدى:
- رىشات ئابباس، رۇشەن ئابباسنىڭ ئاكىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى،ئەلفىدار ئابلىكىم، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسىنىڭ ئىجرائىيە دېرېكتورى، ئالىم سەيتوف، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ دېرېكتورى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام ،شائىر ۋە يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل، ئانا تىل مەكتىۋى قۇرغۇچىسى سۈرىيە خانىم، دوكتۇر، تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن،تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن مۇستاپا ئاقسۇ، مەمەتجان جۈمە، زۇبەيدە شەمشىدىن، دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر شەخسلىرى قاتناشتى.
رۇشەن ئابباس، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سابىق توختاملىق خادىمى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ ئىجرائىيە دېرېكتورى ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس تەرىپىدىن ئىككى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرستىلگەن (2022-2025) ۋە دۇنيا دېموكراتىيە ھۆرمەت مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان.. ئۇ ئامېرىكا كونگرېسى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقى، قەدىر-قىممىتى ۋە ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
