قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا يەنە 15 سەييارە بايقالدى
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەييارە «تۇتقۇچى» كېپلېر تېلېسكوپى «ئاخىرقى ئۆمۈر» يەنە يېڭى نەتىجە ياراتقان. يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى كېپلېر تېلېسكوپى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە يەر يۈزى كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل پەتەك يۇلتۇزنى بويلاپ ئايلىنىدىغان يېڭى 15 سەييارىنى بايقىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سەييارىنىڭ يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)نىڭ كېپلېر تېلېسكوپى K2 ۋەزىپىسىنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسى ۋە ھاۋاي سىبالۇ تېلېسكوپى، ئىسپانىيە شىمالىي ياۋروپا ئوپتىكىلىق تېلېسكوپى (NOT) قاتارلىق يەر يۈزى تېلېسكوپلىرى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن قۇياس سىسىتېمىسى سىرتىدىكى بۇ 15 سەييارىنى بايقىغان. قىزىل پەتەك يۇلتۇز ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ %7.5-%50 گە توغرا كېلىدىغان قاراڭغۇ يۇلتۇز. بۇ تەتقىقات كوللېكتىپى يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 يورۇقلۇق يىلى يىراق بولغان قىزىل پەتەك يۇلتۇز K2-155 ئەتراپىدا قۇياس سىسىتېمىسى سىرتىدىكى بۇ ئۈچ سەييارىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى يەر شارىدىن ئازراق چوڭ ئىكەن. ئۇلارنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى، بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ سىرتقى تەرەپكە ئورۇنلاشقان K2-155d ناملىق سەييارىنىڭ رادىيوسى يەر شارى رادىيوسىنىڭ 1.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بەلكىم بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس رايونىغا جايلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەزكۇر تەتقىقات ئەترىتى ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۈچ ئۆلچەملىك كىلمات تەقلىدى ئارقىلىق K2-155d ناملىق قۇياش سىسىتېمىسى سىرتىدىكى بۇ سەييارىگە قۇرۇلۇش مودېلى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بۇ سەييارىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بارلىقىنى بايقىغان. گەرچە بۇ نەتىجە كىشىنى خۇشال قىلىپ، بەزى مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن تەمىنلىسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتچىلار يەنىلا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە ئىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ بايقاشنى ئېنىق بېكىتىش كېرەككەن.
قۇياش سىسىتېمىسى سىرتىدىكى سەييارىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار جەدۋىلى
بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى، توكيو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خىرانو مۇنداق دېدى: «قىزىل پەتەك يۇلتۇز سىسىتېمىسى، بولۇپمۇ ئەڭ سوغۇق قىزىل پەتەك يۇلتۇزىغا يېقىندا ئالىملارنىڭ نەزىرى چۈشتى، بۇ يۇلتۇزلار قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر تەتقىقاتىنىڭ نىشانى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پەتەك يۇلتۇزىغا بولغان تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ». NASA نىڭ قۇياش يۈزىدىن ئۆتىدىغان سىستېما سىرتىدىكى سەييارىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئالەم بوشلۇقىنى ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى (TESS)بۇ يىل 4- ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ ئالەم ئۈسكۈنىسىنىڭ تەتقىقاتچىلارنى تېخىمۇ ئېنىق بولغان يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھاياتلىق بار بولغان سەييارىنى ئىزدەپ تېپىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. خىرانو مۇنداق دېدى: «(TESS) نىڭ يەر شارىغا يېقىن بولغان يورۇق يۇلتۇزلار ئەتراپىدىن نۇرغۇن نامزات سەييارىلەرنى تېپىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ كېيىنكى كۆزىتىشلەرنى، يەنى سەييارە ئاتموسفېرا قاتلىمى ھەمدە سەييارىلەرنىڭ ئېنىق ئوربېتىسىغا بولغان تەكشۈرۈشلەرنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ».