قىسقا خەۋەر: كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ تۇنجى بەھرىلەنگۈچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 5-دېكابىر

كانادادىكى ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ تۇنجى بەھرىلەنگۈچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيىر ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى كۈتۈۋالدى.

كانادا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا ماقۇللىغان (M62) ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش قانۇنى – پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بېخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

سۈرەتتە: يېڭى كەلگۈچى ئۇيغۇر، مەمەت توختى، پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيىر

سۈرەت مەنبەسى: ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆتكەن بىر ھەپتە دۇنيادا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر (1-دېكابردىن 7-دىكابىرغىچە)

شە دېكابىر 7 , 2024
ئامېرىكا سوتى تىك توكنى چەكلەش قانۇنىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئەرزنى رەت قىلدى.سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرى ھەلەپ، خاما، ھومىس قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ،دەمەشققە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتەختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تېبەت قاتارلىق ئۆكتىچى كىشىلەرنىڭ تىلفونلىرىنى خاككىرلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.فرانسىيە باش مىنىستىرى ئ‍ستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدىجەنۇبى كورىيە پىرەزدىنتى يۇن سوك يول خاتا ھەربى ھالەت ئىلان قىلغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانتەختتىن […]
heptilik humin hewerler

You May Like