ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلىرى، يەنى زىيالىيلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا شۇ خەلقنى بىرەر مۇددىئاغا يېتىلەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۈلگە-ئىبرەت بولالايدىغان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ھەقىقىي زىيالىيلىرىمۇ بولىدۇ. مۇنداق زىيالىيلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتىن تاشقىرى يەنە مىللىي تەرەققىياتقىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش بىلەن بىللە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەنمۇ خەلق ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئەسلى زىيالىي دېگەن كىم؟ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى بىر نەچچە نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيالىي ئۆزىنىڭ كىمنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك
رابىك ئىسمايىلوف، ئالىم:
– زىيالىي دېگەن، مېنىڭ شەخسىي چۈشەنچەم بويىچە، پەقەت بىلىملىكلا كىشى ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىلىملىك بولۇش ناھايىتى ياخشى. زىيالىي دېگىنىمىزدە ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى، مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئۆزى ناھايىتى كەڭ بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ، بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى دېگىنىمىزدە، كىمنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. كىم ئۇنى زىيالىي سۈپىتىدە يېتىلدۈرگەنلىكىنى، ئەلۋەتتە، كۆڭلىدە تۇتۇشى كېرەك. زىيالىي دېگەن خەلققە يول كۆرسەتكۈچى، خەلقنىڭ غېمىنى يېگۈچى، ئەڭ ئالدى بىلەن خەلققە خىزمەت قىلغۇچى. ئەگەر ئۆزىمىزنى زىيالىي دېسەك، بىرىنچى نۆۋەتتە، مۇشۇلارنى ئاساسقا ئېلىپ، شۇلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئالدىمىزدا پەيدا بولغان مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ، كۈچىمىزنىڭ يەتكىنىچە ھەل قىلىشىمىز كېرەك. خەلق بىزنى زىيالىي دېدىمۇ، دېمەك بىز «زىيالىي»، يەنى «يورۇق»، «نۇر»، «يورۇتقۇچى»، «خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچقۇچى» دېگەن سۆزگە مۇناسىپ بولۇشىمىز، زىيالىي دېگەن نامنى ئاقلىشىمىز كېرەك.
زىيالىي – يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىدىغان مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىنسان
تاشگۈل ھېزىياروۋا، دېھقان، شائىرە:
– مېنىڭ ئويۇمچە، ئەسلىدە يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىدىغان مەدەنىيەتلىك، كۆرنەكلىك، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىنسانلار زىيالىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زىيالىيلىرىمىز مىللەتنىڭ ئۆزىگە كۆرۈنەرلىك ئادەملىرى بولۇش كېرەك، چۈنكى زىيالىيلارغا قاراپ ھەر قانداق ئادەم مەدەنىيىتىمىزنىڭ، سەنئىتىمىزنىڭ، تىل بايلىقىمىزنىڭ كەينىدە يۈرگەن مۇشۇ ئىنسانلارغۇ، مۇشۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆيۈنۈپ يۈرگەن ئادەملەرغۇ دەپ، شۇلاردىن پەخىرلىنىشى كېرەك. زىيالىيلار شۇلاردىن ئۈلگە ئالغۇدەك، ھەر قانداق سورۇندا تۆرىمىزدە ئولتۇرغۇدەك، شۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىغۇدەك ئادەملەر بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھازىرقى زاماندا ھەر قانداق ئىشنى شۇ زىيالىيلار ئېلىپ ماڭىدۇ. مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئالىدىغان بولساق، ئۇلاردا زىيالىيلارنى ئانچە كۆرەلمەيمىز. شۇ مەدەنىيەت مەركەزلەرنىڭ قېشىدا زىيالىيلىرىمىز بولغان بولسا، كۆپ نەرسىلەرنى ھەل قىلىشقا بۇلاتتىمىكىن دېگەن ئويمۇ كېلىدۇ بەزىدە. ھازىرقى زىيالىيلىرىمىزغا ئوڭاي ئەمەس، ئىنتايىن قىيىن. زامانغا قاراپ ئۇلارغىمۇ ئېغىرچىلىق كۆپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، چىداملىق، ۋىجدانلىق بولغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولار ئىدى.
زىيالىيلار – ئۆز خەلقىنى، مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان ئادەملەر
رىزا سەمەدى، ژۇرنالىست:
– مېنىڭچە بولسا، زىيالىي دېگەن ئۇ ھەقىقىي بىلىملىك، ئۆزىنىڭ بىلىمى ئاساسىدا باشقىلارنى ئىنسانىي روھتا، ئىنسانىي پەزىلەتتە تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى، مىللىتىنى سۆيگەن ئادەملەر ھەقىقىي زىيالىي بولالايدۇ. ئوقۇغانلا ئادەم زىيالىي بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ھەم بىلىملىك، ھەم ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى ياخشى بىلگەن، ئۆز خەلقىنى، مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان، باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئالغان بىلىمى بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىدىغان ئادەملەر ھەقىقىي زىيالىي بولالايدۇ.
زىيالىيسى يوق مىللەت – خارابلىققا يۈزلەنگەن مىللەت
ئازتېكىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئوغلى ئىبراھىموف، تىجارەتچى:
-دانا خەلقىمىزدە بىر سۆز بار: «بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ ساپاسى شۇ مىللەت ساپاسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.» يەنە بىر سۆز بار: «بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ساپاسى شۇ مىللەت تەرەققىياتىدىكى زىيالىيلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا.» بولۇپمۇ، 80-يىللىرى ئاجايىپ بىر تەرەققىيات، ئۈستۈن دەرىجىگە يەتكەن ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ ئىنسانلىرىمىز بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق. دېمىسىمۇ ھازىر ئويلاپ باقسام، بىزدە ئاجايىپ ئۇلۇغ ئادەملەر بولغان ئىكەن. يۈزلىگەن كلاسسىك شائىرلار ۋە خەلق ھۆرمەت قىلىدىغان ئاجايىپ ئەربابلىرىمىز بوپتۇ. بەزى ۋاقتىدا بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە ئەيمىنەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن ئۆزىمىزنى تارتاتتۇق. ئۇلار ھەر ۋاقتىدا مائارىپ، ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەت ساھەسى بولسۇن، مىللىتىمىزنىڭ ھەر قانداق مەسىلىلىرى بولسۇن، ھۆكۈمەت بىلەن زىچ باغلانغان كۆۋرۈكلەر ئىدى. نېمىشقا؟ ئۇلار ھەقىقىي زىيالىيلار ئىدى. ئۇلار چىن يۈرىكىدىن خەلقىگە ئېچىناتتى، كۆيۈنەتتى، كېلەچەك ئەۋلادنىڭ تەقدىرىنى ئويلايتتى. ھەر قانداق بىر ئىمپېرىيە، دۈشمەن بىر مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زىيالىيلىرىنى يوقىتىدۇ. يەنى مىللەتنى توغرا يولغا باشلايدىغان، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، مائارىپىنى، سەنئىتىنى، مىللىي ساپاسىنى، تۇيغۇسىنى، ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى ھەممە تەرەپتىن كۆتۈرىدىغان شۇ زىيالىي. زىيالىيسى يوق مىللەت خارابلىققا يۈزلەنگەن مىللەت. ئۇنداق مىللەت تارىختا ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرەلمەيدۇ.
زىيالىي مىللەتنى مىللىي ئەركىنلىككە دەۋەت قىلىشى كېرەك
قەھرىمان غوجامبەردى، سىياسەتشۇناس:
– زىيالىي دېگەن ئۇقۇم، ئاتالغۇ مەيلى قازاقىستاندا بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولسۇن، ئۇ ئىلىم-پەندە، مەدەنىيەتتە يۈكسەك سەۋىيىسى بار، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنى زىيالىي دەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، قازاقىستاندا ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇنداق نەچچە يۈزلىگەن زىيالىيلار بار دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن زىيالىي مەسىلىسى، مەسىلەن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى بىر ئېغىر زورلۇق-زومبۇلۇق، مىللىي كەمسىتىشنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالدى بىلەن، ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، لېكىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ مىللەت، ۋەتەن ئالدىدا بىر مۇقەددەس بورچى بار، دەپ ھېسابلايمەن. ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى بىلەن مىللەتنى مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى كۆرسىتىش، خەلقنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشۇ زورلۇق-زومبۇلۇقتىن قۇتۇلۇش، قانداق قىلسا ئەركىنلىككە يېتىدۇ، مانا مۇشۇنىڭغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، مەيلى ۋەتەندە بولسۇن، مەيلى ۋەتەننىڭ سىرتىدا بولسۇن، ئاساسىي پەرزى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى بىلەن خەلقنى، مىللىتىمىزنى مىللىي ئەركىنلىككە دەۋەت قىلىپ، شۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
ئاپتۇرى: ئويغان
يانتاقنىڭ دۇنياسى
مەھمۇتجان يانتاق
زىيالىي، بىلىم ۋە مەنزىل
بۈگۈنكى دەۋردە بىلىم ئىنساننىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدىغان ئورتاق شەرتكە ئايلىنىپ قالدى. دۇنيانىڭ تۈرلۈك يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلەش تىپىدىكى تەرەققىيات جەريانلىرى، راۋاجلىنىش يوللىرى ۋە ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسەتلىرى بىلىمدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك سەردارنىڭ ئىسكەنجىسى ئارقىلىق قارار تاپىدىغان زۆرۈر شەرتلىك ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. تېگىدىن ئېيتساق، بىلىم – دۇنيانىڭ غوجىدارى ۋە قامال قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ، زىيالىيسى ۋە بىلىملىك ئادەملىرى كۆپ ئەل – قەۋملەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى ھەر خىل كىرزىس ۋە خىرىسلارنى پەيدا قىلىپ، باشقا كىشىلەرنىڭ ئاڭ – ئىدىيەلىرىگە ناھايىتى ئىلمىيلىك بىلەن ھوجۇم قىلىدىغان بولدى ھەم ئۇلارنى بىر خىل ئېسەنكىرەش ۋە چۆچۈش ھالىتىدە ياشاش تەقدىرىگە مۇپتىلا قىلدى. بىلىملىك ئەل – قەۋملەر بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان ئەل – قەۋملەرنى بېقىندى ۋە بىچارە ھالەتتىكى ئەل – قەۋمگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۆز ئىش – ئەمەللىرىنى سىپايە ھالدا ئېلىپ بارىدىغان بوپكەتتى.
دەرۋەقە، بىلىم بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلارنى مىسلىسىز نەپ ۋە نېسىۋىگە ئېرىشتۈرىدىغان كۇزىرغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىلىنىش، تارقىلىش ۋە ئورتاق مەنسۇپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىنسانىيەت ئورتاق ئىنتىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۇرىدىغان مەنىۋى مەقسەت سۈپىتىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا، ئۆزىگە كۆز سېلىشنى خالىمايدىغان ۋە ئىگە بولۇشنى ئىستىمەيدىغان ئەل – قەۋملەرنى تۈرلۈك مەنىۋى كىرىزىس ۋە روھى قەھەتچىلىككە گىرىپتار قىلدى. نەتىجىدە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بىلىمگە ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ باغرىنى سەيرە ئەتكەن ھەرقانداق ئەل – قەۋم ھەر ۋاقىت ھەر كىمنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالىدى. بىلىمگە ئىگە بولالمىغان ۋە بىلىمگە ئىگە بولۇشتىن يالتايغان ئەل – قەۋملەر يەنىلا ئۆز ھالىتى ۋە ئۆزىدىكى بەختسىز تەقدىرنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاۋەردى.
بۇ خىل بەختسىزلىك تەقدىرى بۈگۈنكىدەك بىلىمنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە تەقەززاسى ئەڭ كۈچ كۆرسىتىدىغان دەۋردە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى. بەختسىز ئەل – قەۋملەر ھەر خىل مەدەنىيەت، ئىدىئولوگىيە، دىن، ئادەت… قاتارلىق مەنىۋىيەتكە ۋە مەنىۋىيەتنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەركىبلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىك ھالىتى بىلەن تېخىمۇ سارغىيىشقا مەجبۇر بولدى. دېمەك، ئۇلار بىلىمنىڭ ۋە بىلىم ساھىبلىرىنىڭ تۇيدۇرماي ۋە ئاستا – ئاستا سىڭىپ كىرىشىگە ئۇچراپ، ئۆزىدىكى نۇرغۇن ئېسىل خاراكتېر ۋە پەزىلەت دۇردانىلىرىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇلار ھاياتتا پەقەت ياشاشتىنلا ئىبارەت بىر جەرياننى تاماملايدىغان بىقۇۋۇل ۋە بىچارە تەركىبلەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەشەددى خىرىس ۋە ئاچچىق كاچاتلىرى بۇلارنى جازالاپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۆزىدىكى ئاجىز ھالقا ۋە سارغىيىپ قېلىش ھالەتلىرىنى ئىلمىي يۇسۇندا شەرھىيلەپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ۋە زاكۇن رىغبەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن يىراق قېلىپ، بولۇشىغا ياشاش مەنزىلىنى داۋام ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.
جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ خىل بولۇشىغا ياشاش مەنزىلىنى تاللىۋالغان كىشىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە تۇرمۇش باغرىدا بىر قىسىم ئۈستۈنلۈكى بىلەن شەرەپ ۋە ئارزۇلاشقا ئىگە بولغان كىشىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭ – ئىدىيەسىدە بۇ خىل بولۇشىغا ياشاشنىڭ زەيپانە ئىزنالىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇلار ھاياتنىڭ باشقا يۈزلىنىش ۋە ياشاشنىڭ باشقا يۆنىلىش – نىشانلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشتىن قورقىدىغان بىخۇد ۋە بىپەرۋا ھالەتتىكى كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل قورقۇش شۇنى ئايان قىلىدۇكى، ئۆزىنىڭ ياشاش ۋە ئىشلەش ئەھۋالىغا مۇناسىپ ئىقتىدار، شۇنداقلا بىلىم كەم ياكى يوق دېيەرلىك بولغان كىشىلەرنىڭ ھاياتنىڭ يۈزلىنىش يولى ۋە ياشاش مەقسىدى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرى ناھايىتى يۈزەكى ۋە پۇچەك بولىدۇ. ئۇلار شۇ خىل يۈزەكىيلىك ۋە پۈچەكلىكى بىلەن ئۆز تەقدىرى ۋە تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەپ ياشاپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ يۈكسىلىشىگە ھېچقانچە كۈچ قوشالمايدۇ.
قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قورقۇپ ياشاش پىسخىكىسى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىدىكى مەنىۋى پۇچەكلىك، ئىلىم چىرىكلىكى ۋە ئىقتىدار زەئىپلىكى سەۋەبىدىن جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك خىرىس ۋە يۈزلىنىشلىرىدىن ئېسەنكىرەپ ياشايدىغان بىكىنمە ئاڭ ۋە ۋەھىمە ئادىتىنى يىتىلدۈرىۋالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھىمە ئادىتى ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى دائىم شېرىن ۋە قەرەلسىز قىيناپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر شەپىسىگە ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق ۋە دىققەت بىلەن قۇلاق سالىدۇ. ئەگەر بۇ شەپىلەردە ئۆزىگە «شامال تېگىدىغان» ياكى بەختسىز قىسمەت ئېلىپ كېلىدىغان ئالامەتلەر بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئەپتى قاتتىق خارابلىشىدۇ. ئۇلار بۇ خىل شەپىلەرگە گېزى كەلگەندە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بېيىتىش ۋە ئۆزىنى قايتىدىن يارىتىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى «سۇ كەلگىچە توغان سال» دېگەندەك بىقۇۋۇل ۋە بىچارىلەرچە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل جىددى تاكتېكا كۈچ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى مەلۇم مەزگىللىك تالاپەت ۋە چۆچۈش رېئاللىقىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئۇلارنى كۆپ ھاللاردا ياشاشنىڭ ۋە زىيالىيلىق مەقامىنىڭ ئاۋانگارت ئەزالىرىدىن بولۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇلار بىر توپ «قورساق باقتى»لار ئىجتىمائىي توپىنىڭ شايكىلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى دەۋردە ئۆز سالاھىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەندەك بىخۇد ۋە بىپەرۋا ھالەتتە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا تېنچ ۋە باياشات كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا مەقسەت ۋە مۇددىئا يوق. بۇ خىل «جان باقتى»لىق روھى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ئەل – ئاۋام ئالدىدىكى ئوبرازى ۋە ئابرويىنى خۈنۈكلەشتۈرمەكتە. دەرۋەقە، بەزىدە ھاياتتىكى تېنچ ۋە باياشات كۈن ئۆتكۈزۈش جەريانى ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىدىگە ئايلىنىپ قېلىپ، بۇنىڭ قۇبۇل قىلىنىش ۋە تەسىر بېرىش يوللىرىنى توغرا رەۋىشتە شەرھىلىمىسە، ئادەم بۇنىڭ سەلبىي تەرەپتىكى يۈزلىنىشىگە قاراپلا ھايات يولىدىكى نىشان – يۆنۈلىشىنى ئۇنىڭ چاڭگىلىغا بىچارىلەرچە تاپشۇرمايمۇ ئامال يوق. بىراق بۇ خىل ھالەتنىڭ قەتئىيلىكىنى ۋە مەسئۇلىيەت – بۇرچىنى مەنبە قىلغان جەريانىغا ئىگە بولالىغان ئادەم بۇ خىل جەرياننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماي، بۇ جەرياننى ئاكتىپ ھالەتتىكى ياشاش ۋە ھايات يولىدىكى ئابىدە پۇرسىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەل مۇشۇ نوقتىدىن كۆزەتسەك، بۇ خىل جەرياندا ئۇلارنىڭ سەلبىي تەرەپتىكى يۈزلىنىشكە بەكرەك ئېغىپ كېتىش ھالىتى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولماقتا. چۈنكى «بۇ جەمئىيەتتە بىر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلار پەقەت نەزەرىيەنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتكە سەل قارايدۇ؛ ئۇلار ئۆمۈرلۈك زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر خىل ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلغان، ئاخىرىدا بولسا باشقا ئىقتىدارلىرىنى بۇنىڭغا بەدەل قىلىۋېتىپ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالماي، غەيرى ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان»① شۇڭا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىقتىدار مەسىلىسدە، ئۆزىنىڭ ئىشلەۋاتقان ئىشىنىڭ ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىرى بەكلا ئاز.
ئېنىقكى، ھەر بىر ئىنساندا ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ئىقتىدار ئەمەلىيىتى ۋە ئىشلەش جەريانىغا نىسبەتەن مەلۇم تونۇش ۋە چۈشەنچە بولۇشى كېرەك. بۇ خىل شەرت شۇ ئىنساننى ھەر ۋاقىت ياشاشتىكى ئاكتىپلىق ۋە قەدىر – قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بولۇپمۇ مىللەت ۋە دەۋرنىڭ باشلامچى سەركىلىرى بولۇپ سۈپەتلىنىۋاتقان زىيالىيلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، زىيالىيلاردا ئۆزىنىڭ ھايات تەلقىنى ۋە ياشاش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش – ئورۇنۇشلىرىنىڭ يوق بولۇشىنى تېگىدىن ئېيىتساق، بۇ بىر مىللەت ۋە بىر ئەل زىيالىيلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئەل – مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا سەل قارالسا بۇنىڭ ئىجتىمائىي كاساپىتى يالغۇز شۇ كىشى (زىيالىي)نىڭ بۇرنىغا يېيىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئويلانساق، بۇ خىل ئىللەتنىڭ يىلتىزى ناھايىتى تېرەن بولىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكتىن ھالقىپ ئەل ۋە مىللەت روھىنىڭ يىلىتىزىغا تۇتاشقان بولىدۇ. بۇ خىل تۇتاشلىق ئاخىرقى ھېسابتا زىيالىيلارنىڭ ئورتاق تەقدىرى ئارقىلىق ئەل ۋە مىللەتنى خارابلاشتۇرۇش بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.
شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى رېئاللىقتا بۇ خىل جەرياننىڭ تېزلىكى ئەڭ گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، زىيالىيلارنىڭ ئۆزىدىن ھالقىغان ۋە ئەل – مىللەتنىڭ تەقدىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشقان بىخۇدلارچە ياشاش ۋە ئىشلەش ئۇسۇلى بۇ خىل جەرياننىڭ ماھىيىتىنى ئايان قىلىپ قويماقتا. شۇڭا، بۇ خىل ماھىيەت نۆۋەتتىكى زىيالىيلار ئوبرازى ۋە زىيالىيلىق مەقامىنىڭ تاجىدار ئابىدىسىنى يەپ تۈگەتمەكتە.
ئېنىقكى، زىيالىيلارنىڭ تەقدىرى مىللەت ۋە ئەل – ئاۋامنىڭ تەقدىرى بىلەن چىڭ باغلانغان بولىدۇ. شۇڭا، مىللەت سەردارلىرى ھېسابلىنىدىغان زىيالىيلار مىللەت ھاياتىدىكى سۈزۈك ۋە پاكىز ياشاش يولىنى يارىتىپ، ئاخىرىدا مىللەتنىڭ بۈيۈك ئوبرازى ۋە ئابىدىسىنى يارىتىشتا زىيالىيلىق سۈپىتىنىڭ رولىغا سەل قارىسا بولمايدۇ. بۇ خىل جەرياننى زىيالىيلار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچ كۆرسىتىپ، ئۆزىدىكى بېغىشلاش روھى ۋە بېرىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن تاماملايدۇ. بىراق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھالەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يوق ھېسابتا بولماقتا. بۇ خىل زىيالىيلار مەسىلىسى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىيلاشقان زەئىپ ئادەت ۋە جەمئىيەتلەشكەن يۆنۈلۈشكە ئايلىنىپ قالماقتا.
جەمئىيىتىمىزدە زىيالىيلارنى قارا زىيالىيلار، زىيالىيسىمانلار، زىيالىيلار ۋە ھەقىقىي زىيالىيلار دەپ تۆت تەركىبكە ئايرىشقا بولىدۇ. قارا زىيالىيلار جەمئىيەتتىكى زىيالىيلار توپىنىڭ ئەڭ كۆپ سانىنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. ئۇلار زىيالىيلار توپى ئىچىدىكى ياشاشنىلا مەقسەت قىلغان، ئەل – مىللەت ئالدىدىكى بۇرچ – مەسئۇلىيىتىنى تەرك ئېتىپ، ئارتۇقچە ئويلىنىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن چەتنىگەن، پەقەت ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمەت ۋە ئىشتىن مەلۇم نىسبەتتە ھەق ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزۈپ، جان بېقىش كويىغا چۈشكەنلەردۇر. بۇ خىلدىكى قارا زىيالىيلار ماھىيەتتە زىيالىيلار توپىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئۇلار زىيالىيلىق بۇرچ مەسىلىسىدە ھېچقانچە كۈچ كۆرسەتمەيدۇ. خۇددى «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» دېگەندەك ئاتاشقا زىيالىي ھېسابلانسىمۇ، زىيالىيلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. نەتىجىدە، بۇلار جەمئىيەتتىكى زىيالىيلار ئوبرازى ۋە ئەل – ئاۋام ئالدىدىكى سېماسىنىڭ خۈنۈكلەشتۈرگۈچىلىرىگە ئايلىنىپ ياشايدۇ. زىيالىيسىمانلار بولسا، بىر قارىسا زىيالىيغا ئوخشايدۇ. بىر قارىسا قارا زىيالىيلارغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئۇلارغا باھا بەرمەك تەسكە توختايدۇ. بۇنداقلارنىڭ مۇقىم مەۋقەسى بولمايدۇ. يۆنۈلىش – نىشانلىرىمۇ ناھايىتى گۇڭگا بولىدۇ. ئۇلار شارائىتقا ۋە جاھانغا بېقىپ ئىش تۇتىدىغان ھەم ئۆزگىرىپ ياشايدىغان پۇرسەتپەرەسلەر بولۇپ، بۇنداقلار زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تىكلىنىشىدە پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇنداقلارنىڭ يېتىلىشى چالا بولىدۇ. ئۇلار شۇ چالىلىقى بىلەن ياكى زىيالىي بولالماي ياكى قارا زىيالىيلاردىن بولۇپ كەتمەي ئوتتۇرىدا قالىدۇ. گېزى كەلگەندە بۇنداقلار زىيالىيلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى تۆكۈشتە ئالدىنقى سەپتە بولىدۇ. زىيالىيلار بولسا ھەقىقىي زىيالىيلاردىن سەل تۆۋەن تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىر – تۆھپىلىرى ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭكىدەك كۆپ ۋە مول بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۆزىدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى مەلۇم نىسبەتتە چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭ نىسبىتى ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ئەلنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ھەقىقىي زىيالىيلىرى كۆپ بولغان ئەل ناھايىتى تېز يۈكسىلىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە قارا زىيالىيلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. زىيالىيسىمانلارنىڭ سانىمۇ ئانچە ئاز ئەمەس. ئەكسىچە، زىيالىيلار ۋە ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولۇۋاتىدۇ.
ئالدىنقى قۇرلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، زىيالىيلاردىكى بولۇشىغا ياشاش مەنزىلى ئۇلاردىكى يەنە بىر خىل مەنىۋى چۈشكۈنلىك ۋە زەئىپ ھالەتنىڭ ئىپادىسنى ئايان قىلىدۇ. زىيالىيلار بۇ خىل بولۇشىغا ياشاش مەنزىلىدە ئۆزىنىڭ نىشان ۋە يۆنىلىشلىرىنى يوقىتىپ قويۇپ، جاھاننىڭ رەپتارىنى قولىغا ئېلىۋالغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل بولۇشىغا ياشاش مەنزىلى زىيالىيلار توپىنىڭ چۈشكۈنلۈكىنى تىزلەشتۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاسايىشلىق ۋە مەسئۇلىيەتلىك ياشاشقا ئاپىرالمايدۇ. شۇڭا، زىيالىيلار بۇ خىل بولۇشىغا ياشاش مەنزىلىنى تەرك ئىتىپ، ئۆزىگە خاس بولغان توغرا يۆنۈلۈشلۈك مەنزىلنى تاللاپ، شۇ ئاساستا قەدەم بېسىشى كېرەك.
مېنىڭچە، زىيالىيلار ئالدى بىلەن ئۆزىگە سوئال قويۇش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش مەنزىلىگە كىرىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆزىگە سوئال قويۇش ئارقىلىق ئۆز روھىدىكى تۈگۈن ۋە تەقەززا مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزىدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەر ۋە توقۇناق تەرەپلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل باش قاتۇرۇپ، ياشاشتىكى راۋانلىق ۋە يۆنۈلۈشنى ساغلام قىلغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى چۈشىنىش – ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ ئىپادىسى ۋە جەريانىدۇر. زىيالىيلارنى يۇقىرىقى ئامىللار بىلەن باغلاپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلاردا ئۆزىگە سوئال قويۇپ، ئۆزىنىڭ تۈگۈن ۋە توقۇناقلىرىنى يېشىپ ياشاشنى ئىزدەيدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلىرىمۇ يوق دىيەرلىك. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئۆزى ھەققىدە ئويلانماستىن، ئۆزگىلەرنىڭ ئۇلار ھەققىدە ئويلىنىشىغا ماتېرىيال بولىۋاتىدۇ. ئۆزىگە سوئال قويماستىن، باشقىلارنىڭ ئۇلارغا سوئال قويۇشىغا سەۋەبكار بولىۋاتىدۇ.
ئېنىقكى، ئۆزىگە سوئال قويۇش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشتىن چەتنىگەن زىيالىيلىق تونى ھامان بىر كۈنى زىيالىيلار توپىنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خارابلىق ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈن مىللەتنىڭ مەنىۋى خارابلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، زىيالىيلارنىڭ ئۆزىگە سوئال قويۇش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش مەنزىلى ئۇلارنىڭ زىيالىيلىق مەقامىنىڭ ۋايىغا يېتىشى ۋە يۈكسەك ئابىدىگە ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ خىل مەنزىلدىن چەتنىگەن زىيالىيلار زامانىمىزدىكى غەيرى ئىجتىمائىي توپقا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ دىققەت – نەزەرىدىن قالغان ۋە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى پەسكويغا چۈشكەن تەركىبكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
دەۋرىمىزدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مېڭىشى زۆرۈر بولغان يەنە بىر مەنزىل شۇكى، ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ زۆرۈرىيەتلىك مەنزىلدۇر. بۇ مەنزىل زىيالىيلار توپىغا خۇددى تۇزدەك مۇھىم بولماقتا. قارايدىغان بولساق، زىيالىيلار توپى ئىچىدە ئىتتىپاقلىق مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر ئىجتىمائىي كىرىزىسقا ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل ئىجتىمائىي كىرىزىس ئاقىۋەتتە زىيالىيلار توپىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر قايسى كەسىپ ۋە ساھەلەر ئوتتۇرسىدىكى زىيالىيلارنىڭ باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەت يوللىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. زىيالىيلار توپىغا ئىنچىكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى زىيالىيلار توپىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئارىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتۈشى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئوخشاش كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى زىيالىيلار توپىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئارىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتۈشىمۇ بىر خىل پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇنداق ئىتتىپاقسىزلىق مەسىلىسى زىيالىيلارنىڭ مەنىۋى پۇچەكلىكى ۋە چۈشكۈنلەشكەن ئىدىيىۋى ھالىتىدىن كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن، ھەر ساھە زىيالىيلىرىدا ئايرىلىپ ياشاش بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلانغان ۋە ئوخشاش ساھەدىكى زىيالىيلاردىمۇ ھەمكارلاشماسلىق مەسىلىسى ھەل بولماي كەلگەن. ئەلۋەتتە، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بولمىغان ئىكەن، بىرلىشىش بولمايدۇ، بىرلىشىش بولمىسا غەلىبە ۋە مۇۋاپپەقىيەت بولمايدۇ. ماھىيەتتە، ئىتتىپاقىلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ بولماسلىقى ئورتاقلىقنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئورتاقلىقى بولمىغان سەپەرداشلارنىڭ مەنزىلى بىر بولمايدۇ. مەنزىلى بىر بولمىغان سەپەرداشلار ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ماڭالمايدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق مەسىلىسى تارىختىن بۇيان ھەل بولماي ۋە تۈگىمەي كەلگەن بىر خىل ئىجتىمائىي ۋابا سۈپىتىدە، زىيالىيلار توپىنىڭ ئاۋام ئالدىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپ ئىدىيە ئىسكەنجىسىدىن ئازاد بولۇشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. زىيالىيلار بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ئازابى ۋە دەردىنى تارىختىن بۇيان تارتىپ، ئاۋام ئالدىدىكى ئوبرازى ۋە سىماسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيۋاتىدۇ. ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ چىرىندى ھالەتلىرى زىيالىيلار تونىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ توننى كەيگەن زىيالىيلارنى ھەر خىل نامۇۋاپىق باھا ۋە ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەپ، كەمسىتىش ۋە مەنسىتمەسلىك ھالىتىدىكى بىمەنە ۋە چاكىنا ئوبرازلارغا مۇپتىلا قىلماقتا. بۇنىڭ سەۋەبكارلىقىنى ئويلىساق، زىيالىيلار يەنىلا باش جاۋابكار بولغان بولىدۇ. چۈنكى، زىيالىيلار تارىختىن بۇيان ھەر قايسى دەۋرلەردە دەۋرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ سەركىللىرى ھېسابلىنىپ، تارىخ ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان ھارۋىكەشلەردىن بولغان. ئۇلارنىڭ ھەيدىگەن ھارۋىسى قاياققا ھەيدەلسە، باشقىلارمۇ شۇ ياققا ماڭغان، ئۇلار قانداق بوران – چاپقۇن ۋە ئىسسىق – سوغۇق پەيدا قىلسا، باشقىلار ئۇنىڭ كامالىتى ۋە كاساپىتىنى تەڭ تارتقان. شۇ سەۋەبتىن، زىيالىيلار پەيدا قىلغان ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاپەتلەردە، زىيالىيلارنىڭ ھەر خىل نام ۋە باھالارغا قېلىشىنى ئەلۋەتتە زىيالىيلارنىڭ ئۆزىدىن ئىزدىمەي بولمايدۇ. شۇڭا، زىيالىيلىقنىڭ تارىخىي دەردىنى زىيالىيلارنىڭ قولى ۋە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەل – ئاۋام ئالدىدىكى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنىلا زىيالىيلارنىڭ زېممىسىدە بولىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇنىڭ ھەل بولۇشى زىيالىيلار ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىشىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشىدىغان مۇھىم جەريانغا ئايلىنىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، زىيالىيلار ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش مەنزىلىگە كېرىشى كېرەك. قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە بىلىم تۇرغۇنلۇقى ۋە مەنىۋى نامراتلىق ئېغىر بولماقتا. ھازىر زىيالىيلارنىڭ كۆپلىرى مەنىۋى بايلىق ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىشقا ئەمەس، بەلكى ماددى بايلىق ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشى ۋە ياشاش شارائىتىنى بېيىتىشقا باش قاتۇرىدىغان بوپكەتتى. ئەلۋەتتە، ماددى شارائىتىنى ياخشىلاشمۇ زۆرۈردۇر. ئىنساندا ئالدى بىلەن ماددى ئىھتىياج كامالەت تاپسا، ئاندىن مەنىۋىيەتكە يۈرۈش قىلىش ئىشقا ئاشىدۇ. بىراق بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ماددى بايلىققا تىنىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئىھتىياجى كەمدەك ھېسىياتتا بولۇپ، ماددى بايلىقنىڭ ئارقىسدىن تىنماي چاپماقتا. ئۇلاردا ماددى بايلىققا تويۇنغاندىن كېيىنكى مەنىۋىيەتكە يۈرۈش قىلىشتىن ئەسەرمۇ يوق بولماقتا. بۇ خىل يۈزەكى ۋە بىر تەرەپلىمە بايلىق ئىزدەش خاھىشى زىيالىيلارنىڭ مەنىۋى چۈشكۈنلۈكى ۋە روھى پۈچەكلىكىگە سەۋەب بولماقتا. مۇشۇ نوقتىدىن دېيىشكە بولىدۇكى، زىيالىيلاردىكى ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش ئېڭى ئۇلارنىڭ ئوبرازى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولالايدۇ. شۇڭا زىيالىيلار ئۆزىنى نوقۇل ماددى بايلىققا ئورىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيگۈچىلەردىنلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋى مۇكەممەللىك ۋە ئۇنىڭ يېتىلدۈرگۈچىلىرىدىنمۇ بولۇشى كېرەك.
ھاياتتا ئۆز ئوبرازى ۋە ئۆز رولىنى چۈشىنىش ئاساسىدىكى تاكامۇللۇق ۋە بېيىش روھى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ۋە مەنىۋى مۇكەممەللىكنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىدۇر. شۇڭا، زىيالىيلار مەيلى مەنىۋى جەھەتتە بولسۇن ياكى ماددى جەھەتتە بولسۇن ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە رولىنى ياخشى چۈشىنىش ئاساسىدىكى «قوش لىنىيەلىك» ياشاشقا كىرىشىشى كېرەك. بىر لىنىيەلىك ياشاش ۋە ئىنتىلىش ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى تېخىمۇ خورىتىپ، ھالىنى قويمايدۇ. چۈنكى، ئۆزىنىڭ روھىدىكى دۇرۇس تىرىشچانلىق يولى ھامان يەۋاتقان ناننى تېخىمۇ مەززىلىك قىلىپ، ئەل – ئاۋام ئالدىدا يۈزىنى تېخىمۇ يورۇق قىلىدىغان گەپ. دەرۋەقە، ھەر قانداق ئىشتا ھالقىپ ئۆتكىلى ۋە بېسىپ چۈشكىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق، توسالغۇ بولمايدۇ. بولغان ھالەتتىمۇ ئۇ بىزنىڭ تەدبىرىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزدە يوقاپ كېتىدۇ. ئۇلۇغۋار روھ ۋە ئەقلىي كامالەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ئىشتا غەلىبە قىلىش يولى كەڭ ۋە مۇۋاپپەقىيەتلىك بولىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، زىيالىيلارمۇ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش يولىدا ئۆز قەلبىگە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۇلۇغ روھنىڭ تىندۇرمىلىرى ۋە ئەقلىي كامالىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرسىلا، بىز دەپ ئۆتكەن غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەت يولى ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان تاكامۇللۇق ۋە بېيىش ئۇلاردىن يىراق ئەمەس ئەلىۋەتتە. بىراق، بۇ زىيالىيلىرىمىزدىن چەكسىز غەيرەت ۋە مەنزىلگە كىرىش روھىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر جەرياننى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ يەنىلا زىيالىيلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتىگە باغلىق بولىدۇ.
مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ۋە تاكامۇللۇق يولى ھەر قانداق بىر مىللەتكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىمدۇر. قانداق كىشى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ۋە تاكامۇللۇق يولى بولسىلا، ئۇ ئۆزىدىكى يۈزلىنىش ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ روھىغا ۋە شۇ مىللەتنىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، «دۇنيانى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغانلار جىددى مەنىدىكى تالانتلىقلار ئەمەس، بەلكى زېھنى كۈچى ئادەتتىكىچە، ئەمما ئىنتايىن ئىشچان، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان كىشىلەر؛ تۇغما ئىقتىدارى يارقىن، تالانتى چاقناپ تۇرىدىغانلار ئەمەس، بەلكى مەيلى قايسى كەسىپتە بولسۇن، قېتىرقىنىپ ھارماي – تالماي ئىشلەيدىغان كىشىلەردۇر.»② بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زىيالىيلارمۇ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش يولىدا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىدىكى ئاددىيلىق ئىچىدىن ئۇلۇغلۇق ۋە ئۇنىڭ بېشارەتلىرىنى چۈشىنىپ، بۇنى ئەستايىدىل شەرھىيلەش ئاساسىدا ئۆزىگە باھا بېرىشى ۋە مەنزىل كۈرىشىگە كىرىشىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش كۈرىشى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ساپ ۋە ئۆلچەملىك جەريانلىرى زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ.
قىسقىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەنزىلگە كىرىش كۈرىشى ئۇلارنى ئۆزى ۋە ئۆزىدىكى زىيالىيلىق بۇرچى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ، شۇ يۇسۇندا مەنزىلگە كىرىش پەيت – پۇرسىتىنى چۈشىنىشكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلىق مەقامى، ئوبرازى ۋە ئورنىنىڭ يارىتىلىشىدىكى بىر زۆرۈر جەريان بوپقالغۇسى.