قازاق ئاتا يۇرت تەشكىلاتى: قازاق لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى!

قازاق ئاتا يۇرت تەشكىلاتى: قازاق لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى!

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 9-فېۋرال

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منستىرلىكىنىڭ ياردىمى، قازاق ئاتا تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە خىتاي پوپ بوب فۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قازاق لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئاۋارخان، يولدىشى ۋە 7 ياشلىق قېزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس داللاس خەلقئارا ئايرۇپورتىغا يېتىپ كەلدى. گۈلزىرە خانىم لاگېرلاردىكى باسقۇنچىلىقنى پاش قىلغان.

 

يېقىندا قازاق ئاتا يۇرت ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇلى سېرىكجان بىلاش ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا مېدىيالارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىقنى باشلىغان. ئۇ قازاقلارنىڭ ئامېرىكىدىكى كەڭ كەتكەن سياسىي پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، قازاق پائالىيەتچىلەرنى ئامېرىكىدا كۆپەيتمەكتە.

 

بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا 3000 دىن ئارتۇق قازاق خەلقى ياشايدىغان بولۇپ، بەزىلەر 20 مىڭدىن ئاشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەسمىي ئورگان ئۇچۇرلىرىدا قانچىلىك قازاق بارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار يوق.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

مېركىل:«مەن ھەقىقىي سىياسەتچى»

چا فېۋرال 10 , 2021
مېركىل:«مەن ھەقىقىي سىياسەتچى»

You May Like