قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟

ئالەمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئاسترونوملارغا نىسبەتەن ئەزەلدىنلا بەك ئەھمىيەتلىك ئىدى.

ئالەمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئاسترونوملارغا نىسبەتەن ئەزەلدىنلا بەك ئەھمىيەتلىك ئىدى. 2006-يىلدىن بۇيانقى كۆزىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالەم  پەيدا بولۇپ بىر مىليارد يىلغا يەتمىگەن چاغدا، بىر مىليارد قۇياش ماسسىسىغا ئىگە غايەت زور مەخلۇقنىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن ئۆز  ئورنىنى تېپىشىنى ئالىملار سەل بالدۇرلۇق قىلدى، دەپ قارىغان.  يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى پرىياماد ناتاراجان مۇنداق دېدى: بۇ قەدىمىي غايەت زور جىسىملار ئىچىدىكى بىر، ئىككىسى غەلىتە مەخلۇق دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر، ئاسترونوملار ئالەم  بوشلۇقى  پەيدا بولۇشتىن 950 مىليون يىل ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 100 دىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنى بايقىدى. ناتاراجان مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ سانى بەك جىق، ئەمدى بولغاندا غەلىتە بوۋاق (قارا ئۆڭكۈر)نىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سىز بۇ ئىشلارنىڭ قانداق قىلىپ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا  تەبىئىي ئىزاھات بېرەلىشىڭىز كېرەك » . ئادەتتىكى پەرەز بولسا بۇ قارا ئۆڭكۈرلەر دەسلىپىدە پەيدا بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن بەكلا چوڭ بولۇشى ياكى ناھايىتى تېز يوغانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما يېقىنقى بايقاشلار بۇ پەرەزگە رىقابەت ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئاسترونوملارنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ قانداق قىلىپ يوغىنايدىغانلىقى توغرىسىدا  قايتا ئويلاندۇرۇپ قويغان.

قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟

    ھازىرقى ئالەم بوشلۇقىدا، قارا ئۆڭكۈر ئادەتتە چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن شەكىللىنىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ماسسىسى دەسلىپىدە 100 قۇياش ماسسىسىدىن كىچىك بولىدۇ ھەمدە يەنە بىر قارا ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇلۇپ يوغىنايدۇ، مۇھىتتىن گاز جىسىملارنى سۈمۈرىدۇ. بۇ خىل گاز جىسىملار ئادەتتە دېسكا بولۇپ شەكىللىنىپ، بۇرمىسىمان ھالەتتە قارا ئۆڭكۈرگە كىرىدۇ، سۈركىلىش دېسكىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىغا ئوخشاش قىزىتىۋېتىدۇ، نەچچە مىليارد يورۇقلۇق يىلى ئىچىدە بىر خىل پارقىراق نۇرنى پەيدا قىلىدۇ. گاز جىسىملارنى يۇتىدىغان( ئوزۇقلۇق قىلىدىغان) بۇ قارا ئۆڭكۈر يۇلتۇزسىمان جىسىم دەپ ئاتىلىدۇ. يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ يۇتۇش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ئۇنىڭ دېسكىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

   ئەمما گاز جىسىملارنىڭ يورۇق نۇرى قارا ئۆڭكۈرنىڭ يوغىنىشىنى چەكلەپ قويغاچقا، يورۇق دېسكا نۇرى يېڭى جىسىملارنى قوغلىۋەتكەن. بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگە فىزىكىلىق چەك بېكىتىپ قويغان. ئاسترونوملار ئېددىنگتون لىمىتى (شار جۈپى شەرتى ئاستىدا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ رادىئاتسىيە بېسىمى تارتىش كۈچىدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى چەك قىممىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دېگەننى كۆرسىتىدۇ)  ئاتالغۇسى بىلەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ يۇتۇش سۈرئىتىنى ئىپادىلەپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەمەلىي يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئۇنىڭ قانچە تېز يۇتسا شۇنچە تېز چوڭايغان چاغدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن.

    قۇسۇرچى غىزالانغۇچى

    ئاسترونوملار دەسلەپكى ئالەم بوشلۇقىدا تەخمىنەن غايەت زور ماسسىلىق 20 چە قارا ئۆڭكۈرنىڭ  ئېددىنگتون لىمىتىنى ئۆلچەپ چىققان. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسەن دېگۈدەك تويۇنغان ھالەتتە يۇتۇدۇ، ھازىرقى ئالەمدىكى يۇلتۇزسىمان جىسىملار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۇتۇش سۈرئىتى ھازىرقىنىڭ پەقەت ئوندىن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن. بۇ خىل ئىتتىك يۇتۇش نىسبىتى يەنىلا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ماسسىسىغا زىت كېلىدىغاندەك قىلاتتى: ماسسىسى 100 قۇياش ماسسىسىغا باراۋەر كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ لىمىت دائىرىسىدە يىغىلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 800 يىل  ۋاقىت بولسا ئاندىن 1 مىليارد قۇياش ماسسىسىغا يېتەلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ يوغىنىشىنى ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ يۇتۇشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. بۇ 800 يىل قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ دەسلەپ شەكىللەنگەن ئۇرۇق ھالىتىگە سەرپ قىلغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    ئەمما كورېيە سىئول دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى ميۇڭشىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بەزى قۇسۇرچى غىزالانغۇچىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغانلىقىدىن ئەنسىرەشكەن، چۈنكى تېز سۈرئەتتە يۇتقۇچىلار تېخىمۇ يورۇق بولۇپ، ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپكى بەزى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرلەر ھۇرۇن غىزالانغۇچىلار بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆلچىمى ئادەمنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بەزى نەزەرىيەلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولاتتى. شۇڭا، تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2015- يىلى 9-ئايدا چىلىدىكى لاس كامپاناس  رەسەتخانا كۆزىتىش پائالىيىتىدە تېخىمۇ تۇتۇق يىراق يۇلتۇزسىمان جىسىمنى باش قاتۇرۇپ ئىزدىگەن.

     تەتقىقاتچىلار0112+204 IMSJ نىڭ بىر مىليارد قۇياش ماسسىسىغا تەڭ كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكىنى، ئوندىن بىر قىسىم سۈرئىتىنىڭ يۇتۇشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئالەم بوشلۇقى 940 مىليون ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالەم  بارلىققا كېلىپ 8 مىليارد ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، قارا ئۆڭكۈر پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلمىگەن، دېگەن.  ميۇڭشىن مۇنداق دېدى: «بىز تۇنجى قېتىم دەسلەپكى ئالەم بوشلۇقىدا تۆۋەن ئېددىنگتون لىمىتىلىق يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدۇق».

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئالىملار 1 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى تەركىبىدە ئوكسىگېن كۆپۈكچىسى بولغان «تاشقاتما» نى بايقىدى

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئالىملار 1 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى تەركىبىدە ئوكسىگېن كۆپۈكچىسى بولغان «تاشقاتما» نى بايقىدى

You May Like