تەييارلىغۇچى : توغراق
مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» يەنى «ئۇ ن پ» نىڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولغان. بۇ يىغىنغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرتەشكىلاتى»نىڭ رەئىسلىك ھەيئەت ئەزاسىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيىدىن رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا،مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر دېرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ،ۋاكالەتسىز مىللەتلەر رەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىنئالپتېكىن قاتارلىق بىر ھەيئەت قاتناشقان.

بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ؛- « ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى، ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ۋەتىبەت مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلەلەيمىز ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپتۇرالايمىز؟ قانداق قىلىپ داۋايىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندىرەلەيمىز؟ قانداققىلىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئاخىرقى نېشان مىللىيمۇستەقىللىقىمىزغا ئېرىشەلەيمىز؟ » دېگەن تېمىلاردا نوقتىلىق مۇزاكىرەئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى، تىبەتلىكلەر، پورتۇگلىيەلىكلەر، ئىستونيەلىكلەر ۋە كانادادىكى بىرنەچچە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە، داڭلىق ئادۋۇكات ۋە ئەينى ۋاقىتتا تىبەتنىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېتىراپ قىلدۇرغۇچى مايكېل پان ۋالت، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى پېشقەدەملىرى قاتناشقان.