پىشىپ يېتىلىۋاتقان سىزگە بۇ 10 جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلىمەن

. ئىش ئۆتكەندىن كېيىن خۇلاسە چىقارغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، مۇھىمى ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر قانۇنىيەتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇش، ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئويلاشقان ئاساستا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش. 2

. ئىش ئۆتكەندىن كېيىن خۇلاسە چىقارغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، مۇھىمى ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر قانۇنىيەتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇش، ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئويلاشقان ئاساستا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش. 2. تۈنۈگۈنكى مەغلۇبىيىتىڭىزنى بۈگۈنكە سۆرەپ كىرمەڭ، مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ھاسىل بولغان ئازابنى ئەتىگە سۆرەپ كىرمەڭ. بىر ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپلا ئەسلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەگەر مەغلۇپ بولسىڭىز يۈزىڭىزدىكى تەبەسسۇم ۋە ئىشەنچنى يوقىتىپ قويماڭ. باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن تىرىشىپ باققىنىڭىز ئەۋزەل، باشقىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگەندىن قولىڭىزدىكى ئىشنى ئوبدان بېجىرگىنىڭىز مۇھىم. 3. چۈشەندۈرۈش ئەھمىيەتسىز بىر ئىش. تۇرمۇشنى نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئىككى قول مەھكەم تۇتۇشقان بولسىمۇ ئارىسىدا ھاۋا بولىدۇ، ئېغىز بىلەن ئېغىز بىر-بىرىگە تېگىشكەن تەقدىردىمۇ ئارىسىدا يەنىلا تىنىق بولىدۇ، يۈرەك بىلەن يۈرەك ھەر قانچە يېقىنلاشقان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئارىلىق بولىدۇ. 4. سۈكۈتتە تۇرۇش گەپ قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ. ئايرىلىش سىزنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىمايدۇ. خوشال بولغىنىڭىز قايغۇڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلارغا ئورۇنلاشقانلىقىدەك رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. كۈلۈمسىرەش بەزىدە يارا چاپلىقىغا ئوخشايدۇ، گەرچە يارا ئېغىزىنى يوشۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاغرىق ئازابىنى يوقىتىپ بولالمايدۇ. 5. بىر قىسىم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى ئاڭلىساممۇ ئەگىتىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا سىزگە ئاپىرىپ تاقايمەن. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالىدىكەن. مۇھەببەت نەدىمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ بولسۇن، سىزنى خوشال قىلالىسا، ئەڭ تەبئىي كۈلكىڭىزنى يۈزىڭىزدە جىلۋىلەندۈرەلىسە ئەنە شۇ توغرا ئادەم. 6. ھەممە ئادەمنىڭ سىز بىلەن بىللە ئۆتۈشكە ماس كېلىشى ناتايىن. بەزى كىشىلەر سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ بەزى كىشىلەر سىز بىلەن بىر ئۆمۈر ياشاشقا ماس كېلىدۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەر پەقەت بىر ئۆمۈر ئەسلەشكىلا ماس كېلىدۇ. 7. سىز پەقەت تىرىشىپ باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنىلا ئويلاپ، باشقىلارنىڭ سىزدىن ئېشىپ كېتىشىگە ياردەم بەرمىسىڭىز، رەقىبلىرىڭىز كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدۇ؛ ئەگەر ئەكسىچە قىلالىسىڭىز تېخىمۇ كۆپ دوستلارغا ئېرىشىسىز. 8. يۈرىكىز نەدە بولسا ئېرىشىشىڭىزمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. ئادەمنىڭ قابىلىيىتى چەكلىك بولىدۇ، لېكىن تىرىشچانلىقنىڭ چېكى يوق. ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ، ۋۇجۇدىڭىز نۇرغا تولسۇن، باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئىللىق تۇيغۇ بېرىڭ، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ قالتىس بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىسىز، ئۇلار سىزنى ھىمايە قىلىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يول ئاچقىنىڭىز. 9. باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىگە ھەۋەس قىلماڭ، تىرىشسىڭىز شۇ نەرسىلەر سىزدىمۇ بار بولىدۇ. بەزىدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا يىغلىغۇڭىز بولمىسىمۇ، بىرەرسى كېلىپ: «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ قويسىلا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلايسىز. 10. تىرىشچانلىق سىزدىن، ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىققا يەنە ئازراق تەلەي ئامىلى كېتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشتا چوقۇم تەلەي ئامىلى بولىدۇ، پەقەت ئىشلارغا قارىتا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئوخشىمايدۇ، بىرەر ئىشتا بەكرەك تەلىيىڭىز كېلىپ قالسا تەمەننا قويۇپ كەتمەڭ، بەلكىم نەچچە يىللىق ۋە ياكى مۇشۇ بىر ئۆمۈرلۈك تەلىيىڭىزنى ئىشلىتىپ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاياللار سۆزلىگەندە بۇ ئۈچ سەۋەنلىكىنى قەتئىي سادىر قىلماڭ

چا ماي 2 , 2018
سۆزلەشمۇ بىر خىل سەنئەت، بولۇپمۇ ھېسسىيات ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق، بەزى ئاياللارنىڭ گېپى شۇنچىلىك يېقىملىق، ئەمما بەزى ئاياللارنىڭ گېپى خۇددى ئون مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق.

You May Like