«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» تە تىلغا ئېلىنغان شەرقى تۈركىستان

تۈركىيە دۆلەت تىلىۋېزىيە قانىلى ھىساپلىنىدىغان ت ر ت دە ھەر جۈمە بېرىلىۋاتقان، شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تارىخى تىلىۋىزىيە تىياتىرى «پايتەخت ئابدۇلھەمىد » نىڭ 70-بۆلۈمگە ئائىت قىسقا تونۇشتۇرۇش فىلىمىدە شەرقى تۈركىستان تىلغا ئىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررىكتور: سەبرى

2019-يىلى 12- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيە دۆلەت تىلىۋېزىيە قانىلى ھىساپلىنىدىغان ت ر ت دە ھەر جۈمە بېرىلىۋاتقان، شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تارىخى تىلىۋىزىيە تىياتىرى «پايتەخت ئابدۇلھەمىد » نىڭ 70-بۆلۈمگە ئائىت قىسقا تونۇشتۇرۇش فىلىمىدە شەرقى تۈركىستان تىلغا ئىلىنغان.

مەزكۇز تىلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باش قەھرىمانى، ئوسمانلىنىڭ 34-سۇلتانى ئىككىنچى ئابدۇلھەمىدنىڭ رولىنى تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئارتىسلاردىن بىرى بولغان بۈلەنت ئىنال ئالغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇش فىلىمىدە مۇنداق دېگەن:

«شەرقى تۈركىستاندا تۈرك بار. بايراقلىرى ھۆر لەپىلدىمىگەن بولسا، ئۇ بىزنىڭ جىنايىتىمىز. بىز بارىمىز، مىللەت سۈپىتىدە بارىمىز، دۆلەت سۈپىدە بارىمىز. ئۇ ئەزاننى ئۇيەردە ئوقۇيمىز«

يىقىندىن بۇيان تىلىۋېزىيە تىياتىرى پايتەخت ئابدۇلھەمىدتە رول ئىلىۋاتقان ئارتىسلارمۇ شەرقى تۈركىستانغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىپادىلىدى. مەزكۇر تىلىۋېزىيە تىياتىرىدا سۇلتاننىڭ ئەڭ سادىق ۋەزى ھەسەن تاخسىن پاشانىڭ رولىنى ئالغان باھادىر يىڭى شەھېرلى ئوغلۇ، مەھمۇد پاشانىڭ رولىنى ئالغان ھاكان بوياۋ قاتارلىقلار شەخسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسانلىق جىنايىتىنى ئەيىبلىگەنىدى. بۇلارنىڭ تاراتقۇ ھېسابىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرى مەزمۇنغا يازغان ئىنكاسىدا شەرقى تۈركىستان مەسلىسنى بەس-مۇنازىرە قىلىشقان.

بۇ تىلىۋېزىيە تىياتىرى تارىخى ۋەقەلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 1865-يىلى مەھمەت ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.  مەزكۇر تىلىۋېزىيە تىياتىرىنىڭ 37-بۆلۈمىدىمۇ شەرقى تۈركىستان مەسلىسى ئالتە قېتىم تىلغا ئىلىنغان بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار سۆيۈندۈرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت «پايتەخىت ئابدۇلھەمىد» سىنارىستى ئۇغۇر ئۇزۇناكنى زىيارەت قىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئەڭ ئېغىر ئازاب ئوقۇبەتلەرنى  بىشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيىتتە  پايتەخت ئابدۇلھەمىد گۇرۇپپىسىنىڭ تىلىۋىزىيە ئىكرانلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ئۇنۇتمىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان ئىدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈركىيەنىڭ ‹‹ بەياز ت ۋ›› قانىلىدا شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاي زۇلۇمى مۇنازىرە قىلىندى

شە يانۋار 12 , 2019
2019- يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىلېۋېزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ بەياز ت ۋ›› قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ئىككى يېرىم سائەتلىك پروگرامما ئىشلەندى.

You May Like